(2001年8月31日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过)
( 2001-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2001年8月31日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过)
( 2001-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 防沙治沙规划
2-باب قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى
第三章 土地沙化的预防
3-باب يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
第四章 沙化土地的治理
4-باب قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەش
第五章 保障措施
5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为预防土地沙化,治理沙化土地,维护生态安全,促进经济和社会的可持续发展,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 在中华人民共和国境内,从事土地沙化的预防、沙化土地的治理和开发利用活动,必须遵守本法。
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يەر قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.
土地沙化是指因气候变化和人类活动所导致的天然沙漠扩张和沙质土壤上植被破坏、沙土裸露的过程。
يەرنىڭ قۇملىشىشى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئىي قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى ۋە قۇم تۇپراقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، قۇم تۇپراقنىڭ ئېچىلىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
本法所称土地沙化,是指主要因人类不合理活动所导致的天然沙漠扩张和沙质土壤上植被及覆盖物被破坏,形成流沙及沙土裸露的过程。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يەرنىڭ قۇملىشىشى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق پائالىيىتىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى ۋە قۇم تۇپراقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ھەم يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆچمە قۇم ۋە قۇم-تۇپراقنىڭ ئېچىلىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
本法所称沙化土地,包括已经沙化的土地和具有明显沙化趋势的土地。具体范围,由国务院批准的全国防沙治沙规划确定。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇملاشقان يەر قۇملاشقان يەر ۋە روشەن قۇملىشىش يۈزلىنىشىگە ئىگە يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى بېكىتىدۇ.
第三条 防沙治沙工作应当遵循以下原则:
3-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك :
(一)统一规划,因地制宜,分步实施,坚持区域防治与重点防治相结合;
( 1 ) بىرتۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، رايون ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛
(二)预防为主,防治结合,综合治理;
( 2 ) ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش؛
(三)保护和恢复植被与合理利用自然资源相结合;
( 3 ) يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش؛
(四)遵循生态规律,依靠科技进步;
( 4 ) ئېكولوگىيە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش؛
(五)改善生态环境与帮助农牧民脱贫致富相结合;
( 5 ) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش؛
(六)国家支持与地方自力更生相结合,政府组织与社会各界参与相结合,鼓励单位、个人承包防治;
( 6 ) دۆلەت قوللاش بىلەن جايلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت تەشكىللەش بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە قاتنىشىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئورۇن، شەخسلەرنى ھۆددە ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛
(七)保障防沙治沙者的合法权益。
( 7 ) قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش.
第四条 国务院和沙化土地所在地区的县级以上地方人民政府,应当将防沙治沙纳入国民经济和社会发展计划,保障和支持防沙治沙工作的开展。
4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى كېرەك.
沙化土地所在地区的地方各级人民政府,应当采取有效措施,预防土地沙化,治理沙化土地,保护和改善本行政区域的生态质量。
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىشى، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى قوغدىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك.
国家在沙化土地所在地区,建立政府行政领导防沙治沙任期目标责任考核奖惩制度。沙化土地所在地区的县级以上地方人民政府,应当向同级人民代表大会及其常务委员会报告防沙治沙工作情况。
دۆلەت قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندا، ھۆكۈمەت مەمۇرىي رەھبەرلىك قىلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى نىشان جاۋابكارلىقىنى سىناش، مۇكاپاتلاش-جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
第五条 在国务院领导下,国务院林业行政主管部门负责组织、协调、指导全国防沙治沙工作。
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
国务院林业、农业、水利、土地、环境保护等行政主管部门和气象主管机构,按照有关法律规定的职责和国务院确定的职责分工,各负其责,密切配合,共同做好防沙治沙工作。
گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يەر، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتكەن مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بويىچە، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.
县级以上地方人民政府组织、领导所属有关部门,按照职责分工,各负其责,密切配合,共同做好本行政区域的防沙治沙工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەيدۇ.
第六条 使用土地的单位和个人,有防止该土地沙化的义务。
6-ماددا يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شۇ يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
使用已经沙化的土地的单位和个人,有治理该沙化土地的义务。
قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى ئىشلەتكەن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.
第七条 国家支持防沙治沙的科学研究和技术推广工作,发挥科研部门、机构在防沙治沙工作中的作用,培养防沙治沙专门技术人员,提高防沙治沙的科学技术水平。
7-ماددا دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتىنى قوللاپ، پەن تەتقىقات تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇمنى تىزگىنلەش مەخسۇس تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، قۇمدىن تىزگىنلەش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
国家支持开展防沙治沙的国际合作。
دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.
第八条 在防沙治沙工作中作出显著成绩的单位和个人,由人民政府给予表彰和奖励;对保护和改善生态质量作出突出贡献的应当给予重奖。
8-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ؛ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلارغا كاتتا مۇكاپات بېرىش كېرەك.
第九条 沙化土地所在地区的各级人民政府应当组织有关部门开展防沙治沙知识的宣传教育,增强公民的防沙治沙意识,提高公民防沙治沙的能力。
9-ماددا قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، پۇقرالارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇمنى تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، پۇقرالارنىڭ قۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
第二章 防沙治沙规划
2-باب قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى
第十条 防沙治沙实行统一规划。从事防沙治沙活动,以及在沙化土地范围内从事开发利用活动,必须遵循防沙治沙规划。
10-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشتە بىرتۇتاش يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدۇ. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، شۇنىڭدەك قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتە، جەزمەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
防沙治沙规划应当对遏制土地沙化扩展趋势,逐步减少沙化土地的时限、步骤、措施等作出明确规定,并将具体实施方案纳入国民经济和社会发展五年计划和年度计划。
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا يەرنىڭ قۇملىشىش كېڭىيىش يۈزلىنىشىنى توسۇش، قۇملاشقان يەرنىڭ ۋاقىت چېكى، قەدەم-باسقۇچى، تەدبىرى قاتارلىقلارنى تەدرىجىي ئازايتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىشى ھەمدە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بەش يىللىق پىلانى ۋە يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
第十一条 国务院林业行政主管部门会同国务院农业、水利、土地、环境保护等有关部门编制全国防沙治沙规划,报国务院批准后实施。
11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يەر، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
省、自治区、直辖市人民政府依据全国防沙治沙规划,编制本行政区域的防沙治沙规划,报国务院或者国务院指定的有关部门批准后实施。
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن مۇناسىۋەتلىك تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
沙化土地所在地区的市、县人民政府,应当依据上一级人民政府的防沙治沙规划,组织编制本行政区域的防沙治沙规划,报上一级人民政府批准后实施。
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەت تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.
防沙治沙规划的修改,须经原批准机关批准;未经批准,任何单位和个人不得改变防沙治沙规划。
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第十二条 编制防沙治沙规划,应当根据沙化土地所处的地理位置、土地类型、植被状况、气候和水资源状况、土地沙化程度等自然条件及其所发挥的生态、经济功能,对沙化土地实行分类保护、综合治理和合理利用。
12-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، قۇملاشقان يەر جايلاشقان جۇغراپىيەلىك ئورۇن، يەر تىپى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەھۋالى، كىلىمات ۋە سۇ بايلىقى ئەھۋالى، يەرنىڭ قۇملىشىش دەرىجىسى قاتارلىق تەبىئىي شارائىت ۋە ئۇ جارى قىلدۇرغان ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي فۇنكسىيەگە ئاساسەن، قۇملاشقان يەرنى تۈرگە ئايرىپ قوغداش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك.
在规划期内不具备治理条件的以及因保护生态的需要不宜开发利用的连片沙化土地,应当规划为沙化土地封禁保护区,实行封禁保护。沙化土地封禁保护区的范围,由全国防沙治沙规划以及省、自治区、直辖市防沙治沙规划确定。
يىرىك پىلان مەزگىلىدە تۈزەش شارائىتى ھازىرلانمىغان، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېھتىياجى بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولمايدىغان تۇتاش قۇملاشقان يەرلەرنى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ پىلانلاپ، دائىرىلىك قوغداش كېرەك. قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا بېكىتىلىدۇ.
第十三条 防沙治沙规划应当与土地利用总体规划相衔接;防沙治沙规划中确定的沙化土地用途,应当符合本级人民政府的土地利用总体规划。
13-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك؛ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇملاشقان يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
第三章 土地沙化的预防
3-باب يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
第十四条 国务院林业行政主管部门组织其他有关行政主管部门对全国土地沙化情况进行监测、统计和分析,并定期公布监测结果。
14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەت يېرىنىڭ قۇملىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ، ئىستاتىستىكا قىلىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ ھەمدە كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.
县级以上地方人民政府林业或者其他有关行政主管部门,应当按照土地沙化监测技术规程,对沙化土地进行监测,并将监测结果向本级人民政府及上一级林业或者其他有关行政主管部门报告。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى يەرنى قۇملاشتۇرۇشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە قۇملاشقان يەرنى كۆزىتىپ ئۆلچىشى ھەمدە كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورمانچىلىق ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第十五条 县级以上地方人民政府林业或者其他有关行政主管部门,在土地沙化监测过程中,发现土地发生沙化或者沙化程度加重的,应当及时报告本级人民政府。收到报告的人民政府应当责成有关行政主管部门制止导致土地沙化的行为,并采取有效措施进行治理。
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى يەرنىڭ قۇملىشىشىنى كۆزىتىش جەريانىدا، يەرنىڭ قۇملىشىش ياكى قۇملىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشنى توسۇشنى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزەشنى بۇيرۇشى كېرەك.
各级气象主管机构应当组织对气象干旱和沙尘暴天气进行监测、预报,发现气象干旱或者沙尘暴天气征兆时,应当及时报告当地人民政府。收到报告的人民政府应当采取预防措施,必要时公布灾情预报,并组织林业、农(牧)业等有关部门采取应急措施,避免或者减轻风沙危害。
ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە تەشكىللىشى، مېتېئورولوگىيەلىك قۇرغاق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ئالامەتلىرىنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپەت ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشى ھەمدە ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) كەسپى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشقا تەشكىللەپ، قۇم-بوران زىيىنىدىن ساقلىنىشى ياكى ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.
第十六条 沙化土地所在地区的县级以上地方人民政府应当按照防沙治沙规划,划出一定比例的土地,因地制宜地营造防风固沙林网、林带,种植多年生灌木和草本植物。由林业行政主管部门负责确定植树造林的成活率、保存率的标准和具体任务,并逐片组织实施,明确责任,确保完成。
16-ماددا قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى بويىچە، بەلگىلىك نىسبەتتە يەر ئاجرىتىپ بېرىشى، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىشى، كۆپ يىللىق چاتقال ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى، ساقلاش نىسبىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە كونكرېت ۋەزىپىسىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بىر-بىرلەپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
除了抚育更新性质的采伐外,不得批准对防风固沙林网、林带进行采伐。在对防风固沙林网、林带进行抚育更新性质的采伐之前,必须在其附近预先形成接替林网和林带。
خاراكتېرى يېڭىلانغان كېسىشنى پەرۋىش قىلغاندىن باشقا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى كېسىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ. بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى پەرۋىش قىلىپ يېڭىلاش خاراكتېرىدىكى كېسىشتىن بۇرۇن، يېقىن ئەتراپتا ئۆتۈشمە ئورمان تورى ۋە ئورمان بەلبېغىنى ئالدىن شەكىللەندۈرۈش شەرت.
对林木更新困难地区已有的防风固沙林网、林带,不得批准采伐。
دەل-دەرەخنى يېڭىلاش قىيىن بولغان رايونلاردىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى كېسىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.
第十七条 禁止在沙化土地上砍挖灌木、药材及其他固沙植物。
17-ماددا قۇملاشقان يەردە چاتقال، دورا ماتېرىياللىرى ۋە باشقا قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كېسىش مەنئى قىلىنىدۇ.
沙化土地所在地区的县级人民政府,应当制定植被管护制度,严格保护植被,并根据需要在乡(镇)、村建立植被管护组织,确定管护人员。
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېپىنچا ئۆسۈملۈك باشقۇرۇش-ئاسراش تۈزۈمىنى تۈزۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قاتتىق قوغدىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ يېزا ( بازار )، كەنتلەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئاسراش-ئاسراش تەشكىلاتى قۇرۇپ، باشقۇرۇش-ئاسراش خادىملىرىنى بېكىتىشى كېرەك.
在沙化土地范围内,各类土地承包合同应当包括植被保护责任的内容。
قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە تۈرلۈك يەر ھۆددە توختاملىرى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جاۋابكارلىقى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
第十八条 草原地区的地方各级人民政府,应当加强草原的管理和建设,由农(牧)业行政主管部门负责指导、组织农牧民建设人工草场,控制载畜量,调整牲畜结构,改良牲畜品种,推行牲畜圈养和草场轮牧,消灭草原鼠害、虫害,保护草原植被,防止草原退化和沙化。
18-ماددا ئوتلاق رايونىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقان-چارۋىچىلارنى سۈنئىي ئوتلاق قۇرۇشقا يېتەكلەش، تەشكىللەش، چارۋا كۆتۈرۈش مىقدارىنى تىزگىنلەش، چارۋا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش، چارۋىلارنى قوتاندا بېقىش ۋە ئوتلاقتا نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىشنى يولغا قويۇش، ئوتلاقتىكى چاشقان زىيىنى، ھاشارات زىيىنىنى يوقىتىشى كېرەك، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداپ، ئوتلاقنىڭ چېكىنىپ كېتىشى ۋە قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
草原实行以产草量确定载畜量的制度。由农(牧)业行政主管部门负责制定载畜量的标准和有关规定,并逐级组织实施,明确责任,确保完成。
ئوتلاقتا چارۋا سىغىمچانلىقى ئوت-چۆپ مىقدارىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. چارۋىچىلىق ( چارۋىچىلىق ) مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا بېقىش مىقدارىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە دەرىجىمۇدەرىجە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
第十九条 沙化土地所在地区的县级以上地方人民政府水行政主管部门,应当加强流域和区域水资源的统一调配和管理,在编制流域和区域水资源开发利用规划和供水计划时,必须考虑整个流域和区域植被保护的用水需求,防止因地下水和上游水资源的过度开发利用,导致植被破坏和土地沙化。该规划和计划经批准后,必须严格实施。
19-ماددا قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋادى ۋە رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ۋادى ۋە رايونلارنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تۈزگەندە، پۈتكۈل ۋادى ۋە رايوندىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى شەرت، يەر ئاستى سۈيى ۋە يۇقىرى ئېقىندىكى سۇ بايلىقىنى زىيادە ئېچىپ پايدىلىنىش سەۋەبىدىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ يىرىك پىلان ۋە پىلان تەستىقلانغاندىن كېيىن، قەتئىي يولغا قويۇش شەرت.
沙化土地所在地区的地方各级人民政府应当节约用水,发展节水型农牧业和其他产业。
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشى، سۇ تېجەش تىپىدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.
第二十条 沙化土地所在地区的县级以上地方人民政府,不得批准在沙漠边缘地带和林地、草原开垦耕地;已经开垦并对生态产生不良影响的,应当有计划地组织退耕还林还草。
20-ماددا قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇملۇق گىرۋىكىدىكى جاي ۋە ئورمان يېرى، ئوتلاقتا تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى تەستىقلىسا بولمايدۇ؛ بوز يەر ئېچىلغان ھەمدە ئېكولوگىيەگە ناچار تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشقا پىلانلىق تەشكىللەش كېرەك.
第二十一条 在沙化土地范围内从事开发建设活动的,必须事先就该项目可能对当地及相关地区生态产生的影响进行环境影响评价,依法提交环境影响报告;环境影响报告应当包括有关防沙治沙的内容。
21-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە ئېچىش-قۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇ جاينىڭ ھەم مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىگە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىگە قارىتا ئالدىن مۇھىت تەسىرىنى باھالاپ، قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرى دوكلاتى تاپشۇرۇشى شەرت؛ مۇھىت تەسىرى دوكلاتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
第二十二条 在沙化土地封禁保护区范围内,禁止一切破坏植被的活动。
22-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ.
禁止在沙化土地封禁保护区范围内安置移民。对沙化土地封禁保护区范围内的农牧民,县级以上地方人民政府应当有计划地组织迁出,并妥善安置。沙化土地封禁保护区范围内尚未迁出的农牧民的生产生活,由沙化土地封禁保护区主管部门妥善安排。
قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىق كۆچۈرۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تېخى كۆچۈپ چىقمىغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى قۇملاشقان يەر يېپىق مۇھاپىزەت رايونى مەسئۇل تارمىقى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
未经国务院或者国务院指定的部门同意,不得在沙化土地封禁保护区范围内进行修建铁路、公路等建设活动。
گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第四章 沙化土地的治理
4-باب قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەش
第二十三条 沙化土地所在地区的地方各级人民政府,应当按照防沙治沙规划,组织有关部门、单位和个人,因地制宜地采取人工造林种草、飞机播种造林种草、封沙育林育草和合理调配生态用水等措施,恢复和增加植被,治理已经沙化的土地。
23-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش-ئوت-چۆپ تېرىش، ئايروپىلان بىلەن ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، قۇمنى دائىرىلەش-ئورمان يېتىشتۈرۈش-ئوت يېتىشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق يۆتكەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تىزگىنلىشى كېرەك.
第二十四条 国家鼓励单位和个人在自愿的前提下,捐资或者以其他形式开展公益性的治沙活动。
24-ماددا دۆلەت ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىختىيارى شەرتى ئاستىدا، پۇل ئىئانە قىلىش ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قۇم تىزگىنلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
县级以上地方人民政府林业或者其他有关行政主管部门,应当为公益性治沙活动提供治理地点和无偿技术指导。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىدىكى قۇم تىزگىنلەش پائالىيىتىگە تۈزەش ئورنى يارىتىپ بېرىشى ۋە ھەقسىز تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشى كېرەك.
从事公益性治沙的单位和个人,应当按照县级以上地方人民政府林业或者其他有关行政主管部门的技术要求进行治理,并可以将所种植的林、草委托他人管护或者交由当地人民政府有关行政主管部门管护。
ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تېخنىكا تەلىپى بويىچە تۈزۈشى ھەمدە ئۆستۈرگەن ئورمان-ئوتلاقنى باشقىلارغا باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىشقا ھاۋالە قىلسا ياكى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
第二十五条 使用已经沙化的国有土地的使用权人和农民集体所有土地的承包经营权人,必须采取治理措施,改善土地质量;确实无能力完成治理任务的,可以委托他人治理或者与他人合作治理。委托或者合作治理的,应当签订协议,明确各方的权利和义务。
25-ماددا قۇملىشىپ كەتكەن دۆلەت يېرىنى ئىشلەتكۈچى ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ، يەر سۈپىتىنى ياخشىلىشى شەرت؛ ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقەتەن ئىقتىدارى بولمىسا، باشقىلارغا ئىدارە قىلىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىدارە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلغان ياكى ھەمكارلىشىپ تۈزەشتە كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
沙化土地所在地区的地方各级人民政府及其有关行政主管部门、技术推广单位,应当为土地使用权人和承包经营权人的治沙活动提供技术指导。
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، تېخنىكا كېڭەيتىش ئورۇنلىرى يەر ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش پائالىيىتىگە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشى كېرەك.
采取退耕还林还草、植树种草或者封育措施治沙的土地使用权人和承包经营权人,按照国家有关规定,享受人民政府提供的政策优惠。
تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش ياكى دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش تەدبىرى قوللىنىپ قۇمنى تىزگىنلىگەن يەر ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
第二十六条 不具有土地所有权或者使用权的单位和个人从事营利性治沙活动的,应当先与土地所有权人或者使用权人签订协议,依法取得土地使用权。
26-ماددا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر پايدا ئالىدىغان قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئاۋۋال يەر ئىگىسى ياكى ئىشلەتكۈچى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئېرىشىشى كېرەك.
在治理活动开始之前,从事营利性治沙活动的单位和个人应当向治理项目所在地的县级以上地方人民政府林业行政主管部门或者县级以上地方人民政府指定的其他行政主管部门提出治理申请,并附具下列文件:
تۈزەش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۈزەش تۈرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تۈزەش ئىلتىماسى سۇنۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك :
(一)被治理土地权属的合法证明文件和治理协议:
( 1 ) ئىدارە قىلىنىدىغان يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپات ھۆججىتى ۋە ئىدارە قىلىش كېلىشىمى :
(二)符合防沙治沙规划的治理方案;
( 2 ) قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تىزگىنلەش لايىھەسى؛
(三)治理所需的资金证明。
( 3 ) تۈزەشكە كېرەكلىك مەبلەغ ئىسپاتى.
第二十七条 本法第二十六条第二款第二项所称治理方案,应当包括以下内容:
27-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 26-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدا ئېيتىلغان تۈزەش لايىھەسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :
(一)治理范围界限;
( 1 ) ئىدارە قىلىش دائىرىسى، چەك-چېگراسى؛
(二)分阶段治理目标和治理期限;
( 2 ) باسقۇچقا بۆلۈپ تۈزەش نىشانى ۋە تۈزەش مۇددىتى؛
(三)主要治理措施;
( 3 ) ئاساسلىق تۈزەش تەدبىرلىرى؛
(四)经当地水行政主管部门同意的用水来源和用水量指标;
( 4 ) شۇ جايدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان سۇ ئىشلىتىش مەنبەسى ۋە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى كۆرسەتكۈچى؛
(五)治理后的土地用途和植被管护措施;
( 5 ) تۈزەلگەندىن كېيىنكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش-ئاسراش تەدبىرلىرى؛
(六)其他需要载明的事项。
( 6 ) ئېنىق يېزىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
第二十八条 从事营利性治沙活动的单位和个人,必须按照治理方案进行治理。
28-ماددا پايدا ئالىدىغان قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۈزەش لايىھەسى بويىچە تۈزەش شەرت.
国家保护沙化土地治理者的合法权益。在治理者取得合法土地权属的治理范围内,未经治理者同意,其他任何单位和个人不得从事治理或者开发利用活动。
دۆلەت قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئىدارە قىلغۇچى قانۇنلۇق يەر ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن ئىدارە قىلىش دائىرىسىدە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىدارە قىلىش ياكى ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第二十九条 治理者完成治理任务后,应当向县级以上地方人民政府受理治理申请的行政主管部门提出验收申请。经验收合格的,受理治理申请的行政主管部门应当发给治理合格证明文件;经验收不合格的,治理者应当继续治理。
29-ماددا ئىدارە قىلغۇچى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىدارە قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ئىدارە قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئىدارە قىلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپات ھۆججىتى بېرىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىنى ئىدارە قىلغۇچىلار داۋاملىق ئىدارە قىلىشى كېرەك.
第三十条 已经沙化的土地范围内的铁路、公路、河流和水渠两侧,城镇、村庄、厂矿和水库周围,实行单位治理责任制,由县级以上地方人民政府下达治理责任书,由责任单位负责组织造林种草或者采取其他治理措施。
30-ماددا قۇملىشىپ كەتكەن يەر دائىرىسىدىكى تۆمۈريول، تاشيول، دەريا ئېقىنى ۋە ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپى، شەھەر-بازار، كەنت، زاۋۇت-كان ۋە سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا ئورۇن تۈزەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزەش مەسئۇلىيەتنامىسى چۈشۈرىدۇ، مەسئۇل ئورۇن ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ تېرىشقا تەشكىللەيدۇ ياكى باشقا تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.
第三十一条 沙化土地所在地区的地方各级人民政府,可以组织当地农村集体经济组织及其成员在自愿的前提下,对已经沙化的土地进行集中治理。农村集体经济组织及其成员投入的资金和劳力,可以折算为治理项目的股份、资本金,也可以采取其他形式给予补偿。
31-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىختىيارلىقىنى شەرت قىلىش ئاساسىدا، قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى مەركەزلىك تۈزەشكە تەشكىللىسە بولىدۇ. يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى سالغان مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىدارە قىلىش تۈرىنىڭ پېيى، دەسمايىسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقىمۇ، باشقا شەكىللەر بىلەن تولۇقلىما بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
第五章 保障措施
5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
第三十二条 国务院和沙化土地所在地区的地方各级人民政府应当在本级财政预算中按照防沙治沙规划通过项目预算安排资金,用于本级人民政府确定的防沙治沙工程。在安排扶贫、农业、水利、道路、矿产、能源、农业综合开发等项目时,应当根据具体情况,设立若干防沙治沙子项目。
32-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈر خامچوتى ئارقىلىق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يول، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈرىدىن بىرقانچىنى تەسىس قىلىش كېرەك.
第三十三条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府应当制定优惠政策,鼓励和支持单位和个人防沙治沙。
33-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېتىبار سىياسەت تۈزۈپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە قۇمنى تىزگىنلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
县级以上地方人民政府应当按照国家有关规定,根据防沙治沙的面积和难易程度,给予从事防沙治沙活动的单位和个人资金补助、财政贴息以及税费减免等政策优惠。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش كۆلىمى ۋە قىيىنلىق-ئاسانلىق دەرىجىسىگە قاراپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، شۇنىڭدەك باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
单位和个人投资进行防沙治沙的,在投资阶段免征各种税收;取得一定收益后,可以免征或者减征有关税收。
ئورۇن ۋە شەخسلەر مەبلەغ سېلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلەنگەن، قۇمنى تىزگىنلىگەن بولسا، مەبلەغ سېلىش باسقۇچىدا تۈرلۈك باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ مۇئەييەن پايدا ئالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك باجنى كەچۈرۈم قىلىشقا ياكى كېمەيتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.
第三十四条 使用已经沙化的国有土地从事治沙活动的,经县级以上人民政府依法批准,可以享有不超过七十年的土地使用权。具体年限和管理办法,由国务院规定。
34-ماددا قۇملىشىپ كەتكەن دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىپ قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقى بىلەن، 70 يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. كونكرېت مۇددىتى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
使用已经沙化的集体所有土地从事治沙活动的,治理者应当与土地所有人签订土地承包合同。具体承包期限和当事人的其他权利、义务由承包合同双方依法在土地承包合同中约定。县级人民政府依法根据土地承包合同向治理者颁发土地使用权证书,保护集体所有沙化土地治理者的土地使用权。
قۇملىشىپ كەتكەن كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئىشلىتىپ قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، تىزگىنلىگۈچى يەر ئىگىسى بىلەن يەر ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالىشى كېرەك. كونكرېت ھۆددە مۇددىتى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ باشقا ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ھۆددە توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ يەر ھۆددە توختامىدا قانۇن بويىچە پۈتۈشىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە يەر ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئاساسەن تىزگىنلىگۈچىگە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىپ، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىگۈچىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
第三十五条 因保护生态的特殊要求,将治理后的土地批准划为自然保护区或者沙化土地封禁保护区的,批准机关应当给予治理者合理的经济补偿。
35-ماددا ئېكولوگىيەنى قوغداش ئالاھىدە تەلىپى بىلەن، تۈزەلگەندىن كېيىنكى يەرنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ياكى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ ئايرىپ بېرىشنى تەستىقلاتقاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان تىزگىنلىگۈچىگە مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
第三十六条 国家根据防沙治沙的需要,组织设立防沙治沙重点科研项目和示范、推广项目,并对防沙治沙、沙区能源、沙生经济作物、节水灌溉、防止草原退化、沙地旱作农业等方面的科学研究与技术推广给予资金补助、税费减免等政策优惠。
36-ماددا دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ تەسىس قىلىدۇ، ھەمدە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇملۇق رايون ئېنېرگىيەسى، قۇملۇقتا ئۆسىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەر، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملۇق يەردە بىنەم دېھقانچىلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشكە مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىلىدۇ.
第三十七条 任何单位和个人不得截留、挪用防沙治沙资金。
37-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
县级以上人民政府审计机关,应当依法对防沙治沙资金使用情况实施审计监督。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第三十八条 违反本法第二十二条第一款规定,在沙化土地封禁保护区范围内从事破坏植被活动的,由县级以上地方人民政府林业、农(牧)业行政主管部门按照各自的职责,责令停止违法行为;有违法所得的,没收其违法所得;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
38-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى بۇزۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) كەسپى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第三十九条 违反本法第二十五条第一款规定,国有土地使用权人和农民集体所有土地承包经营权人未采取防沙治沙措施,造成土地严重沙化的,由县级以上地方人民政府农(牧)业、林业行政主管部门按照各自的职责,责令限期治理;造成国有土地严重沙化的,县级以上人民政府可以收回国有土地使用权。
39-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانماي، يەرنى ئېغىر دەرىجىدە قۇملاشتۇرۇۋەتكەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) كەسپى، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەشكە بۇيرۇيدۇ؛ دۆلەت يېرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.
第四十条 违反本法规定,进行营利性治沙活动,造成土地沙化加重的,由县级以上地方人民政府负责受理营利性治沙申请的行政主管部门责令停止违法行为,可以并处每公顷五千元以上五万元以下的罚款。
40-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى قىلىپ، يەرنىڭ قۇملىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك قۇمنى تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ھەر گېكتارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第四十一条 违反本法第二十八条第一款规定,不按照治理方案进行治理的,或者违反本法第二十九条规定,经验收不合格又不按要求继续治理的,由县级以上地方人民政府负责受理营利性治沙申请的行政主管部门责令停止违法行为,限期改正,可以并处相当于治理费用一倍以上三倍以下的罚款。
41-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈزەش لايىھەسى بويىچە تۈزەلمىگەن ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ.تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان ھەم تەلەپ بويىچە داۋاملىق تۈزەلمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە تۈزەش خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانىسىگە باراۋەر كەلسە بولىدۇ.
第四十二条 违反本法第二十八条第二款规定,未经治理者同意,擅自在他人的治理范围内从事治理或者开发利用活动的,由县级以上地方人民政府负责受理营利性治沙申请的行政主管部门责令停止违法行为;给治理者造成损失的,应当赔偿损失。
42-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنى تۈزەش دائىرىسىدە تۈزەش ياكى ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئىدارە قىلغۇچىغا زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
第四十三条 违反本法规定,有下列情形之一的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,由所在单位、监察机关或者上级行政主管部门依法给予行政处分:
43-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەۋاتقان ئورنى، رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ :
(一)违反本法第十五条第一款规定,发现土地发生沙化或者沙化程度加重不及时报告的,或者收到报告后不责成有关行政主管部门采取措施的;
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرنىڭ قۇملىشىپ كەتكەنلىكى ياكى قۇملىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغانلار ياكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇمىغانلار؛
(二)违反本法第十六条第二款、第三款规定,批准采伐防风固沙林网、林带的;
( 2 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى كېسىشنى تەستىقلىغانلار؛
(三)违反本法第二十条规定,批准在沙漠边缘地带和林地、草原开垦耕地的;
( 3 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى جاي ۋە ئورمان يېرى، ئوتلاقتا تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى تەستىقلىغانلار؛
(四)违反本法第二十二条第二款规定,在沙化土地封禁保护区范围内安置移民的;
( 4 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىگە ئاھالىنى ئورۇنلاشتۇرغانلار؛
(五)违反本法第二十二条第三款规定,未经批准在沙化土地封禁保护区范围内进行修建铁路、公路等建设活动的。
( 5 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئېلىپ بارغانلار.
第四十四条 违反本法第三十七条第一款规定,截留、挪用防沙治沙资金的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,由监察机关或者上级行政主管部门依法给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
44-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارغا بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第四十五条 防沙治沙监督管理人员滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
45-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第四十六条 本法第五条第二款中所称的有关法律,是指《中华人民共和国森林法》、《中华人民共和国草原法》、《中华人民共和国水土保持法》、《中华人民共和国土地管理法》、《中华人民共和国环境保护法》和《中华人民共和国气象法》。
46-ماددا بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ئېيتىلغان مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا پارتىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى»ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مېتېئورولوگىيە قانۇنى»نى كۆرسىتىدۇ.
第四十七条 本法自2002年1月1日起施行。
47-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.