中华人民共和国陆地国界法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى قانۇنى

(2021年10月23日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十一次会议通过)

( 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 陆地国界的划定和勘定

2-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش

第三章 陆地国界及边境的防卫

3-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانى قوغداش

第四章 陆地国界及边境的管理

4-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانى باشقۇرۇش

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 陆地国界管理

2-پاراگراف قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش

第三节 边境管理

3-پاراگراف چېگرا باشقۇرۇش

第五章 陆地国界事务的国际合作

5-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا ئىشلىرىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范和加强陆地国界工作,保障陆地国界及边境的安全稳定,促进我国与陆地邻国睦邻友好和交流合作,维护国家主权、安全和领土完整,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق-دوستلۇقى ۋە ئالاقە-ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 中华人民共和国陆地国界的划定和勘定,陆地国界及边境的防卫、管理和建设,陆地国界事务的国际合作等,适用本法。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە قۇرۇش، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا ئىشلىرىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىقلارغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 陆地国界是指划分中华人民共和国与陆地邻国接壤的领陆和内水的界限。陆地国界垂直划分中华人民共和国与陆地邻国的领空和底土。

3-ماددا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان قۇرۇقلۇق ۋە ئىچكى سۇ چېگراسىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە تېگى-تەكتىنى تىك ئايرىش.

中华人民共和国陆地国界内侧一定范围内的区域为边境。

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى مەلۇم دائىرىدىكى رايون چېگرا بولىدۇ.

第四条 中华人民共和国的主权和领土完整神圣不可侵犯。

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مۇقەددەس ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.

国家采取有效措施,坚决维护领土主权和陆地国界安全,防范和打击任何损害领土主权和破坏陆地国界的行为。

دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ، زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە قۇرۇقلۇق دۆلەت پاسىلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ.

第五条 国家对陆地国界工作实行统一的领导。

5-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

第六条 外交部负责陆地国界涉外事务,参与陆地国界管理相关工作,牵头开展对外谈判、缔约、履约及国际合作,处理需要通过外交途径解决的问题,组织开展国界线和界标维护管理。

6-ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قاتنىشىدۇ، تاشقى سۆھبەت، ئەھدىنامە تۈزۈش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرىدۇ، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا بەلگىسىنى ئاسراش، باشقۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

国务院公安部门负责边境地区公安工作,指导、监督边境公安机关加强社会治安管理,防范和打击边境违法犯罪活动。

گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى چېگرا رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، چېگرا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى نازارەت قىلىدۇ، چېگرادىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ.

海关总署负责边境口岸等的进出境相关监督管理工作,依法组织实施进出境交通运输工具、货物、物品和人员的海关监管、检疫。

تاموژنا باش مەھكىمىسى چېگرا پورتى قاتارلىقلارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىشتىكى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى، مال، بۇيۇملار ۋە خادىملارنى تاموژنا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

国家移民管理部门负责边境地区移民管理工作,依法组织实施出入境边防检查、边民往来管理和边境地区边防管理。

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش تارمىقى چېگرا رايوندىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش، چېگرا ئاھالىسىنىڭ بېرىش-كېلىشىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوندىكى چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

国务院其他有关部门按照各自职责分工,依法行使职权,开展相关工作。

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

第七条 在中央军事委员会领导下,有关军事机关组织、指导、协调陆地国界及边境的防卫管控、维护社会稳定、处置突发事件、边防合作及相关工作。

7-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تەشكىللەيدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

中国人民解放军、中国人民武装警察部队按照各自任务分工,警戒守卫陆地国界,抵御武装侵略,处置陆地国界及边境重大突发事件和恐怖活动,会同或者协助地方有关部门防范、制止和打击非法越界,保卫陆地国界及边境的安全稳定。

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپە تەقسىماتى بويىچە، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، قوغداپ، قوراللىق تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا رايونى ھەم چېگرادىكى ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەر ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت پاسىلى ھەم چېگرانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ ياكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىدۇ.

第八条 边境省、自治区的各级人民代表大会及其常务委员会在本行政区域内,保证有关陆地国界及边境的法律法规的遵守和执行。

8-ماددا چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگراغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

边境省、自治区的各级人民政府依照法律法规规定管理本行政区域内的陆地国界及边境相关工作。

چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگراغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ.

第九条 军地有关部门、单位依托有关统筹协调机构,合力推进强边固防,组织开展边防防卫管控、边防基础设施建设与维护管理等工作,共同维护陆地国界及边境的安全稳定与正常秩序。

9-ماددا ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئورۇنلىرى مۇناسىۋەتلىك بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا مۇداپىئە مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاسراش-باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگراسىنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە نورمال تەرتىپىنى ئورتاق قوغدايدۇ.

第十条 国家采取有效措施,加强边防建设,支持边境经济社会发展和对外开放,推进固边兴边富民行动,提高边境公共服务和基础设施建设水平,改善边境生产生活条件,鼓励和支持边民在边境生产生活,促进边防建设与边境经济社会协调发展。

10-ماددا دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، چېگرانىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مەدەت بېرىدۇ، چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، چېگرا ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، چېگرانىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ چېگرادىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى بىلەن چېگرانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第十一条 国家加强陆地国界宣传教育,铸牢中华民族共同体意识,弘扬中华民族捍卫祖国统一和领土完整的精神,增强公民的国家观念和国土安全意识,构筑中华民族共有精神家园。

11-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت قارىشى ۋە زېمىن خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

各级人民政府和有关教育科研机构应当加强对陆地国界及边境相关史料的收集、保护和研究。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگراغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش، قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

公民和组织发现陆地国界及边境相关史料、史迹和实物,应当依法及时上报或者上交国家有关部门。

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ھەم چېگراغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىيال، تارىخىي يادىكارلىق ۋە ماددىي بۇيۇملارنى بايقىغاندا، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا يۇقىرىغا يوللىشى ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

第十二条 国家保障陆地国界工作经费。

12-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى خىزمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

国务院和边境省、自治区的县级以上各级人民政府,应当将陆地国界及边境相关工作纳入国民经济和社会发展规划。

گوۋۇيۈەن ۋە چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگراغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

第十三条 公民和组织应当维护陆地国界及边境安全稳定,保护界标和边防基础设施,配合、协助开展陆地国界相关工作。

13-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى، چېگرا بەلگىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغدىشى، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك.

国家对配合、协助开展陆地国界相关工作的公民和组织给予鼓励和支持,对作出突出贡献的公民和组织按照有关规定给予表彰、奖励。

دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ماسلاشقان، ياردەملەشكەن پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

第十四条 中华人民共和国遵守同外国缔结或者共同参加的有关陆地国界事务的条约。

14-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەل بىلەن تۈزگەن ياكى ئورتاق قاتناشقان قۇرۇقلۇق دۆلىتىنىڭ چېگرا ئىشلىرىغا دائىر شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ.

第十五条 国家坚持平等互信、友好协商的原则,通过谈判与陆地邻国处理陆地国界及相关事务,妥善解决争端和历史遗留的边界问题。

15-ماددا دۆلەت باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، دوستانە كېڭىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىنىڭ چېگراسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، تالاش-تارتىشلار ۋە تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىلىرىنى ئوبدان ھەل قىلىدۇ.

第二章 陆地国界的划定和勘定

2-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش

第十六条 国家与陆地邻国通过谈判缔结划定陆地国界的条约,规定陆地国界的走向和位置。

16-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش شەرتنامىسى تۈزۈپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئورنىنى بەلگىلەيدۇ.

划定陆地国界的条约应当依照法律规定由国务院提请全国人民代表大会常务委员会决定批准,由中华人民共和国主席根据全国人民代表大会常务委员会的决定予以批准。

قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى بەلگىلەيدىغان شەرتنامىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار قىلىپ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەستىقلىشى كېرەك.

第十七条 国家与陆地邻国根据划界条约,实地勘定陆地国界并缔结勘界条约。

17-ماددا دۆلەت بىلەن قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر چېگرا ئايرىش شەرتنامىسىگە ئاساسەن، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ھەمدە چېگرا تەكشۈرۈش شەرتنامىسى ئىمزالايدۇ.

勘界条约应当依照法律规定由国务院核准。

پاسىل چارلاش كېلىشىمىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەن تەستىقلىشى كېرەك.

第十八条 为保持国界线清晰稳定,国家与有关陆地邻国开展陆地国界联合检查,缔结联合检查条约。

18-ماددا دۆلەت چېگراسىنىڭ ئېنىق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئۈچۈن، دۆلەت ئالاقىدار قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈش شەرتنامىسى ئىمزالايدۇ.

第十九条 勘定陆地国界依据的自然地理环境发生无法恢复原状的重大变化时,国家可与陆地邻国协商,重新勘定陆地国界。

19-ماددا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە ئاساس قىلىنغان تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زور ئۆزگىرىش بولغاندا، دۆلەت قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى قايتىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتسە بولىدۇ.

第二十条 国家设置界标在实地标示陆地国界。

20-ماددا دۆلەت بېكىتكەن چېگرا بەلگىسى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىدۇ.

界标的位置、种类、规格、材质及设置方式等,由外交部与陆地邻国相关部门协商确定。

چېگرا بەلگىسىنىڭ ئورنى، تۈرى، ئۆلچىمى، ماتېرىيالى ۋە تەسىس قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

第二十一条 陆地国界的划定、勘定、联合检查和设置界标等具体工作,由外交部会同国务院有关部门、有关军事机关和有关边境省、自治区依法组织实施。

21-ماددا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بىرلەشمە تەكشۈرۈش ۋە چېگرا بەلگىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەرنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان ۋە مۇناسىۋەتلىك چېگرا ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第三章 陆地国界及边境的防卫

3-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانى قوغداش

第二十二条 中国人民解放军、中国人民武装警察部队应当在边境开展边防执勤、管控,组织演训和勘察等活动,坚决防范、制止和打击入侵、蚕食、渗透、挑衅等行为,守卫陆地国界,维护边境安全稳定。

22-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى چېگرادا چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مانېۋىر، مەشىق ۋە چارلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلىق، پىلە قۇرتىدەك يەپ كېتىش، سىڭدۈرمىچىلىك قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى قوغدىشى، چېگرانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

第二十三条 边境省、自治区的各级人民政府统筹资源配置,加强维护国界安全的群防队伍建设,支持和配合边防执勤、管控工作。

23-ماددا چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بايلىق تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت چېگراسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئامما مۇداپىئە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىدۇ.

边境省、自治区的各级人民政府建设基础设施,应当统筹兼顾陆地国界及边境防卫需求。

چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇشتا، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئېھتىياجىغا بىرتۇتاش ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

公民和组织应当支持边防执勤、管控活动,为其提供便利条件或者其他协助。

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش پائالىيىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى ياكى باشقا ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك.

第二十四条 国家根据边防管控需要,可以在靠近陆地国界的特定区域划定边境禁区并设置警示标志,禁止无关人员进入。

24-ماددا دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىغا يېقىن ئالاھىدە رايوندا چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئايرىپ بېكىتسە ھەمدە ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىپ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلسا بولىدۇ.

划定边境禁区应当兼顾经济社会发展、自然资源和生态环境保护、居民生产生活,由有关军事机关会同边境省、自治区人民政府提出方案,经征求国务院有关部门意见后,报国务院和中央军事委员会批准。

چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى بېكىتىشتە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەستىقلىتىش كېرەك.

边境禁区的变更或者撤销,依照前款规定程序办理。

چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

第二十五条 国家根据陆地国界及边境防卫需要,可以在陆地国界内侧建设拦阻、交通、通信、监控、警戒、防卫及辅助设施等边防基础设施,也可以与陆地邻国协商后在陆地国界线上建设拦阻设施。

25-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە توسۇش، قاتناش، خەۋەرلىشىش، نازارەت قىلىش، قوغداش، مۇداپىئەلىنىش ۋە قوشۇمچە ئەسلىھە قاتارلىق چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرسىمۇ، قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىدا توسۇش ئەسلىھەسى قۇرسىمۇ بولىدۇ.

边防基础设施的建设和维护在保证国家主权、安全和领土完整的前提下,兼顾经济社会发展、自然资源和生态环境保护、野生动物迁徙、居民生产生活的需要,并且不得损害陆地国界与边防基础设施之间领土的有效管控。

چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە قوغداشتا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆچۈرۈش، ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ ھەمدە قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى بىلەن چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارىسىدىكى زېمىننى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش-تىزگىنلەشكە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

边防基础设施的建设规划由国务院和中央军事委员会批准。

چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەستىقلايدۇ.

第四章 陆地国界及边境的管理

4-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانى باشقۇرۇش

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二十六条 国家对陆地国界及边境的管理和相关建设实行统筹协调、分工负责、依法管理。

26-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانى باشقۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ، قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ.

第二十七条 陆地国界及边境管理应当保障陆地国界清晰和安全稳定。

27-ماددا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا باشقۇرۇشتا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

第二十八条 依照本法规定在边境地区设立经济、贸易、旅游等跨境合作区域或者开展跨境合作活动,应当符合边防管控要求,不得危害边防安全。

28-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، چېگرا رايوندا ئىقتىساد، سودا، ساياھەت قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق رايونى قۇرۇش ياكى چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك، چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第二十九条 在陆地国界及边境管理中遇有重要情况和重大问题,有关地方人民政府、军事机关应当立即按照规定向上级机关报告。

29-ماددا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا باشقۇرۇشتا مۇھىم ئەھۋال ۋە مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەربىي ئورگان بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

第三十条 边境省、自治区可以根据本行政区域的具体情况和实际需要制定地方性法规、地方政府规章,对陆地国界及边境管理执行中的问题作出规定。

30-ماددا چېگرا ئۆلكىلىرى، ئاپتونوم رايونلار شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەرلىك نىزام، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى چىقارسا، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا باشقۇرۇش، ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

第三十一条 国家可以与有关陆地邻国缔结条约,就陆地国界及边境管理制度作出规定。条约对陆地国界及边境管理制度另有规定的,按照条约的规定执行。

31-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا باشقۇرۇش تۈزۈمى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ. شەرتنامىدە قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا باشقۇرۇش تۈزۈمى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第二节 陆地国界管理

2-پاراگراف قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش

第三十二条 界标和边防基础设施受法律保护。

32-ماددا چېگرا بەلگىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قانۇن قوغدايدۇ.

任何组织或者个人不得擅自移动、损毁界标和边防基础设施。

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ چېگرا بەلگىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

界标被移动、损毁、遗失的,由外交部与陆地邻国相关部门协商后组织恢复、修缮或者重建。

چېگرا بەلگىسى يۆتكىۋېتىلگەن، بۇزۇۋېتىلگەن، يوقاپ كەتكەن بولسا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رېمونت قىلىش ياكى قايتا قۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ.

第三十三条 为保持陆地国界清晰可视,国家可以在陆地国界内侧开辟和清理通视道。

33-ماددا قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئېنىق، كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇشىنى ساقلاش ئۈچۈن، دۆلەت قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى ئىچكى تەرەپتىن كۆرۈش يولى ئاچسا ۋە تازىلىسا بولىدۇ.

第三十四条 国务院有关部门和边境省、自治区的各级人民政府应当采取措施维护界河(江、湖)走向稳定,并依照有关条约保护和合理利用边界水。

34-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ چېگرا دەريا ( دەريا، كۆل ) نىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەرگە بىنائەن چېگرا سۈيىنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى كېرەك.

船舶和人员需要进入界河(江、湖)活动的,应当由有关主管部门批准或者备案,向公安机关报告,并接受查验。

كېمە-پاراخوت ۋە خادىملار چېگرا دەريا ( دەريا، كۆل ) غا كىرىپ ھەرىكەت قىلماقچى بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تەستىقلىشى ياكى ئەنگە ئېلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第三十五条 国家经与陆地邻国协商,可以在靠近陆地国界的适当地点设立边境口岸。

35-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇقتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايدىكى مۇۋاپىق ئورۇندا چېگرا پورتى قۇرسا بولىدۇ.

边境口岸的设立、关闭、管理等,应当依照法律法规和有关条约确定,并通过外交途径通知陆地邻国。

چېگرا پورتىنى قۇرۇش، تاقاش، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى قانۇن-نىزاملار ۋە مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەر بويىچە بېكىتىش ھەمدە قۇرۇقلۇقتىكى قوشنا دۆلەتكە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

第三十六条 国务院有关部门经与陆地邻国相关部门协商或者根据照顾边民往来、维护边境安全稳定的需要,可以设立边民通道并予以规范管理。

36-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ياكى چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە ئېتىبار بېرىش، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چېگرا ئاھالىسى يولى ئاچسا ھەمدە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرسا بولىدۇ.

第三十七条 人员、交通运输工具、货物、物品等应当依照相关法律法规通过陆地国界出境入境,并接受有关主管部门的检查、检疫和监管。

37-ماددا خادىملار، قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى، مال، بۇيۇم قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ-كىرىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقنىڭ تەكشۈرۈشى، كارانتىن قىلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

特殊情况下,通过缔结条约或者经外交途径、主管部门协商后,有关人员、交通运输工具、货物、物品等应当从国务院、中央军事委员会或者其授权的部门批准的地点出境入境。

ئالاھىدە ئەھۋالدا، شەرتنامە تۈزۈش ياكى دىپلوماتىيە يولى، مەسئۇل تارماق كېڭىشىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك خادىملار، قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى، مال، بۇيۇم قاتارلىقلار گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق تەستىقلىغان جاي بىلەن چېگرادىن چىقىشى-كىرىشى كېرەك.

第三十八条 禁止任何个人非法越界。

38-ماددا ھەرقانداق شەخسنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.

非法越界人员被控制后,由公安机关等主管部门处理;非法越界人员为武装部队人员的,由有关军事机关处理。

چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەر تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن خادىملار قوراللىق قىسىمنىڭ خادىملىرى بولسا، ئالاقىدار ھەربىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىدۇ.

非法越界人员行凶、拒捕或者实施其他暴力行为,危及他人人身和财产安全的,执法执勤人员可以依法使用警械和武器。

چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەر قاتىللىق قىلغان، تۇتۇشنى رەت قىلغان ياكى باشقا زوراۋانلىق قىلمىشى سادىر قىلىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى، ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن بويىچە ساقچى قوراللىرى ۋە قورال ئىشلەتسە بولىدۇ.

第三十九条 航空器飞越陆地国界,应当经有关主管机关批准并且遵守我国法律法规规定。未经批准飞越陆地国界的,有关主管机关应当采取必要措施进行处置。

39-ماددا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشتە، ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل ئورگان زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

任何组织或者个人未经有关主管机关批准不得在陆地国界附近操控无人驾驶航空器飞行。模型航空器、三角翼、无人驾驶自由气球等的飞行活动,参照无人驾驶航空器管理。

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ئەتراپىدا شوپۇرسىز ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىنى كونترول قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مودېل ئۇچقۇ، ئۈچ بۇرجەك قانات، شوپۇرسىز ئەركىن شار قاتارلىق ئۇچۇش پائالىيەتلىرى شوپۇرسىز ئۇچقۇ ئايروپىلانلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

第四十条 任何组织或者个人未经有关主管部门批准不得在陆地国界附近修建永久性建筑物。

40-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ئەتراپىدا مەڭگۈلۈك ئىمارەت سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第四十一条 任何组织或者个人不得在陆地国界附近通过声音、光照、展示标示物、投掷或者传递物品、放置漂流物或者空飘物等方式从事危害国家安全或者影响我国与邻国友好关系的活动。

41-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ئەتراپىدا ئاۋاز، نۇر، بەلگە نەرسىنى كۆرسىتىش، ئېتىش ياكى يەتكۈزۈش، لەيلىمە نەرسە ياكى لەيلىمە نەرسە قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

个人在陆地国界及其附近打捞或者捡拾的漂流物、空飘物等可疑物品,应当及时交当地人民政府或者有关军事机关,不得擅自处理。

شەخسلەر قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن سۈزۈۋالغان ياكى تېپىۋالغان لەيلىمىلەر، لەيلىمىلەر قاتارلىق گۇمانلىق بۇيۇملارنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئالاقىدار ھەربىي ئورگانغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

第三节 边境管理

3-پاراگراف چېگرا باشقۇرۇش

第四十二条 国家根据边防管理需要可以划定边境管理区。边境管理区人员通行、居住依照国家有关规定实行专门管理措施。

42-ماددا دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چېگرا باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىسا بولىدۇ. چېگرا باشقۇرۇش رايونىدىكى خادىملارنىڭ ئۆتۈشى، ئولتۇراقلىشىشىدا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مەخسۇس باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ.

边境管理区的划定、变更、撤销由边境省、自治区人民政府提出方案,经征求国务院有关部门和有关军事机关意见后,报国务院批准并公告。

چېگرا باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى لايىھە بېرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگاندىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ.

第四十三条 国家支持沿边城镇建设,健全沿边城镇体系,完善边境城镇功能,强化支撑能力建设。

43-ماددا دۆلەت چېگرا بويى شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، چېگرا بويىدىكى شەھەر-بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ، چېگرا شەھەر-بازارلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، تىرەكلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

第四十四条 国务院有关部门和边境省、自治区人民政府依照有关规定,可以建设或者批准设立边民互市贸易区(点)、边境经济合作区等区域。

44-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا رايونى ( نۇقتىسى )، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق رايونلارنى قۇرسا ياكى قۇرۇشنى تەستىقلىسا بولىدۇ.

第四十五条 国务院有关部门和边境省、自治区的各级人民政府应当采取措施保护边境生态环境,防止生态破坏,防治大气、水、土壤和其他污染。

45-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ چېگرا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىشى، ئېكولوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق ۋە باشقا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

第四十六条 国务院有关部门和边境省、自治区的各级人民政府应当采取措施预防传染病、动植物疫情、外来物种入侵以及洪涝、火灾等从陆地国界传入或者在边境传播、蔓延。

46-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇملۇق كېسەل، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمى، سىرتتىن كىرگەن تۈرلەرنىڭ كىرىشى، شۇنىڭدەك كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتى، ئوت ئاپىتى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىدىن كىرىشى ياكى چېگرادا تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第四十七条 有下列情形之一的,国家可以封控边境、关闭口岸,并依照有关法律法规采取其他紧急措施:

47-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت چېگرانى يېپىق ھالەتتە تىزگىنلىسە، پورتلارنى تاقىسا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن باشقا جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ :

(一)周边发生战争或者武装冲突可能影响国家边防安全稳定;

( 1 ) ئەتراپتا ئۇرۇش ياكى قوراللىق توقۇنۇش يۈزبېرىپ، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

(二)发生使国家安全或者边境居民的人身财产安全受到严重威胁的重大事件;

( 2 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ياكى چېگرا ئاھالىسىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىتىدىغان زور ۋەقە يۈزبېرىش؛

(三)边境受到自然灾害、事故灾难、公共卫生事件或者核生化污染的严重威胁;

( 3 ) چېگرا تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ياكى يادرو، بىيوخىمىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراش؛

(四)其他严重影响陆地国界及边境安全稳定的情形。

( 4 ) قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

前款规定的措施由国务院有关部门、有关军事机关和地方人民政府依照相关法律和规定组织实施。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەر بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第五章 陆地国界事务的国际合作

5-باب قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا ئىشلىرىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق

第四十八条 国家按照平等互利原则与陆地邻国开展国际合作,处理陆地国界事务,推进安全合作,深化互利共赢。

48-ماددا دۆلەت باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

第四十九条 国家可以与有关陆地邻国协商建立边界联合委员会机制,指导和协调有关国际合作,执行有关条约,协商并处理与陆地国界管理有关的重要事项。

49-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ چېگرا بىرلەشمە كومىتېتى مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىققا يېتەكچىلىك قىلسا ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرسا، مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلسا، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى كېڭەشسە ۋە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

第五十条 有关军事机关可以与陆地邻国相关部门建立边防合作机制,沟通协商边防交往合作中的重大事项与问题,通过与陆地邻国相关边防机构建立边防会谈会晤机制,交涉处理边防有关事务,巩固和发展睦邻友好关系,共同维护陆地国界的安全稳定。

50-ماددا ئالاقىدار ھەربىي ئورگان قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، چېگرا مۇداپىئە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم، زور ئىشلار ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرسا ۋە كېڭەشسە، قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار چېگرا مۇداپىئە ئاپپاراتلىرى بىلەن چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە سۆھبەتلىشىش، ئۇچرىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، چېگرا مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئالاقە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىسە ۋە راۋاجلاندۇرسا بولىدۇ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايلى.

第五十一条 国家可以与有关陆地邻国在相应国界地段协商建立边界(边防)代表机制,由代表、副代表和相关工作人员组成,通过会谈、会晤和联合调查等方式处理边界事件、日常纠纷等问题。

51-ماددا دۆلەت قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىپ دۆلەت چېگراسى بۆلىكىدە چېگرا ( چېگرا مۇداپىئەسى ) ۋەكىللەر مېخانىزمىنى كېڭىشىپ بەرپا قىلسا بولىدۇ، ۋەكىللەر، مۇئاۋىن ۋەكىللەر ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ، سۆھبەتلىشىش، ئۇچرىشىش ۋە بىرلەشمە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چېگرا ۋەقەسى، كۈندىلىك ماجىرا قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

边界(边防)代表的具体工作在国务院有关部门、中央军事委员会机关有关部门指导下,由中国人民解放军会同外事、公安、移民等相关部门组织实施。

چېگرا ( چېگرا مۇداپىئە ) ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تاشقى ئىشلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى، كۆچمەنلەر تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第五十二条 公安、海关、移民等部门可以与陆地邻国相关部门建立合作机制,交流信息,开展执法合作,共同防范和打击跨界违法犯罪活动。

52-ماددا گوڭئەن، تاموژنا، كۆچمەنلەر تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئالسا ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەرسە بولىدۇ.

第五十三条 国家有关主管机关和有关军事机关可以与陆地邻国相关部门开展合作,共同打击恐怖主义、分裂主义和极端主义活动。

53-ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگانلىرى قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە ئورتاق زەربە بەرسە بولىدۇ.

第五十四条 国家提升沿边对外开放便利化水平,优化边境地区营商环境;经与陆地邻国协商,可以在双方接壤区域设立跨境经济合作区、跨境旅游合作区、生态保护区等区域。

54-ماددا دۆلەت چېگرا بويىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ؛ قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەت بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ چېگرالىنىدىغان رايوندا چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونى، ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونى قاتارلىق رايونلارنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ.

国家与陆地邻国共同建设并维护跨界设施,可以在陆地国界内侧设立临时的封闭建设区。

دۆلەت قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ھالقىغان ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ۋاقىتلىق بېكىنمە قۇرۇلۇش رايونى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

第五十五条 边境省、自治区的县级以上各级人民政府依照国家有关规定,可以与陆地邻国相应行政区域地方政府开展经济、旅游、文化、体育、抢险救灾和生态环境等领域合作。

55-ماددا چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتنىڭ مۇناسىپ مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئىقتىساد، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第五十六条 国务院有关部门可以与陆地邻国相关部门在口岸建设和管理、自然资源利用、生态环境保护、疫情防控、应急管理等领域开展合作,建立相互通报、信息共享、技术与人才交流等合作机制。

56-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى قۇرۇقلۇققا قوشنا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن پورت قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلسا بولىدۇ.

边境省、自治区的县级以上各级人民政府可以在国家有关主管部门指导下,参与相关合作机制,承担具体合作工作。

چېگرا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتناشسا، كونكرېت ھەمكارلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十七条 有违反本法第三十二条第二款行为的,由公安机关依照《中华人民共和国治安管理处罚法》、《中华人民共和国军事设施保护法》有关规定处罚。损毁界标、边防基础设施的,应当责令行为人赔偿损失。

57-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ. چېگرا بەلگىسى، چېگرا مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەسىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى زىياننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇش كېرەك.

有违反本法第三十四条第二款或者第四十一条规定行为之一的,由公安机关处警告或者两千元以下罚款;情节严重的,处五日以下拘留或者两千元以上一万元以下罚款。

مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ياكى 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第五十八条 有违反本法第三十七条、第三十八条第一款或者第三十九条规定行为的,由有关部门依照相关法律法规,按照职责分工处罚。

58-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37-، 38-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى ياكى 39-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك تارماق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە جازا بېرىدۇ.

有违反本法第四十条规定行为的,由有关主管部门责令停止违法行为、恢复原状,处五千元以上两万元以下罚款;情节严重的,处两万元以上五万元以下罚款。单位有违反该条规定行为的,处五万元以上二十万元以下罚款。

مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن شۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

有违反本法第三十四条第二款、第三十九条第二款或者第四十一条规定行为之一的,还可以收缴用于实施违反陆地国界及边境管理行为的工具。

مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ياكى 41-ماددىسىدىكى بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا باشقۇرۇش قىلمىشىغا خىلاپ قورال تاپشۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

第五十九条 国家机关及其工作人员在陆地国界工作中不履行法定职责,泄露国家秘密或者滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

59-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى خىزمىتىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第六十条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七章 附  则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十一条 界标是指竖立在陆地国界上或者陆地国界两侧,在实地标示陆地国界走向,且其地理坐标已测定并记载于勘界条约或者联合检查条约中的标志,包括基本界标、辅助界标、导标和浮标等。

61-ماددا چېگرا بەلگىسى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىغا ياكى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىكلىنىپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى يۆنىلىشىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك كوردىناتى چېگرا چارلاش شەرتنامىسى ياكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلەرنى ئۆلچەپ بېكىتكەن ھەمدە خاتىرىلىگەن بولۇپ، ئاساسىي چېگرا بەلگىسى، قوشۇمچە چېگرا بەلگىسى، يېتەكچى بەلگە ۋە لەيلىمە بەلگە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

通视道是指为使陆地国界保持通视,在陆地国界两侧一定宽度范围内开辟的通道。

ئومۇمىي كۆرۈنۈش يولى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىدا ئومۇمىي كۆرۈنۈشنى ساقلاش ئۈچۈن، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بەلگىلىك كەڭلىك دائىرىسى ئىچىدە ئېچىلغان يولنى كۆرسىتىدۇ.

第六十二条 本法自2022年1月1日起施行。

62-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.