中华人民共和国集会游行示威法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قانۇنى

(1989年10月31日第七届全国人民代表大会常务委员会第十次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》修正)

( 1989-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 集会游行示威的申请和许可

2-باب يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش

第三章 集会游行示威的举行

3-باب يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

第四章 法律责任

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了保障公民依法行使集会、游行、示威的权利,维护社会安定和公共秩序,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئاممىۋى تەرتىپنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 在中华人民共和国境内举行集会、游行、示威,均适用本法。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

本法所称集会,是指聚集于露天公共场所,发表意见、表达意愿的活动。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يىغىلىش ئۈستى ئوچۇق ئاممىۋى سورۇنغا يىغىلىپ پىكىر بايان قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称游行,是指在公共道路、露天公共场所列队行进、表达共同意愿的活动。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نامايىش ئاممىۋى يول، ئۈستى ئوچۇق ئاممىۋى سورۇنلاردا سەپ تۈزۈپ يۈرىدىغان، ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称示威,是指在露天公共场所或者公共道路上以集会、游行、静坐等方式,表达要求、抗议或者支持、声援等共同意愿的活动。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كۈچ كۆرسىتىش ئۈستى ئوچۇق ئاممىۋى سورۇندا ياكى ئاممىۋى يولدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، تىنچ ئولتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەلەپ قويۇش، ئېتىراز بىلدۈرۈش ياكى قوللاش، مەدەت بېرىش قاتارلىق ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

文娱、体育活动,正常的宗教活动,传统的民间习俗活动,不适用本法。

مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيىتى، نورمال دىنىي پائالىيەت، ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىگە بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

第三条 公民行使集会、游行、示威的权利,各级人民政府应当依照本法规定,予以保障。

3-ماددا پۇقرالار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

第四条 公民在行使集会、游行、示威的权利的时候,必须遵守宪法和法律,不得反对宪法所确定的基本原则,不得损害国家的、社会的、集体的利益和其他公民的合法的自由和权利。

4-ماددا پۇقرالار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى شەرت، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپلارغا قارشى تۇرسا بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ئەركىنلىكىگە ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第五条 集会、游行、示威应当和平地进行,不得携带武器、管制刀具和爆炸物,不得使用暴力或者煽动使用暴力。

5-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى تىنچ ئېلىپ بېرىش كېرەك، قورال، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ۋە پارتلاتقۇچ نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ، زوراۋانلىق قىلىشقا ياكى زوراۋانلىق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第六条 集会、游行、示威的主管机关,是集会、游行、示威举行地的市、县公安局、城市公安分局;游行、示威路线经过两个以上区、县的,主管机关为所经过区、县的公安机关的共同上一级公安机关。

6-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل ئورگان يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان، نامايىش قىلىدىغان، كۈچ كۆرسىتىدىغان جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىدۇر؛ نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش لىنىيەسى ئىككىدىن ئارتۇق رايون، ناھىيەدىن ئۆتىدىغان بولسا، مەسئۇل ئورگان ئۆتىدىغان رايون، ناھىيەدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىرلىكتە بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بولىدۇ.

第二章 集会游行示威的申请和许可

2-باب يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش

第七条 举行集会、游行、示威,必须依照本法规定向主管机关提出申请并获得许可。

7-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇل ئورگانغا ئىلتىماس سۇنۇش ھەمدە ئىجازەت ئېلىش شەرت.

下列活动不需申请:

تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز :

(一)国家举行或者根据国家决定举行的庆祝、纪念等活动;

( 1 ) دۆلەت ئۆتكۈزگەن ياكى دۆلەتنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئۆتكۈزگەن تەبرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى؛

(二)国家机关、政党、社会团体、企业事业组织依照法律、组织章程举行的集会。

( 2 ) دۆلەت ئورگانلىرى، پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار قانۇن، تەشكىلات نىزامنامىسى بويىچە ئۆتكۈزگەن يىغىلىش.

第八条 举行集会、游行、示威,必须有负责人。

8-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە مەسئۇل كىشى بولۇشى شەرت.

依照本法规定需要申请的集会、游行、示威,其负责人必须在举行日期的五日前向主管机关递交书面申请。申请书中应当载明集会、游行、示威的目的、方式、标语、口号、人数、车辆数、使用音响设备的种类与数量、起止时间、地点(包括集合地和解散地)、路线和负责人的姓名、职业、住址。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە، ئۇنىڭ مەسئۇلى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈندىن بەش كۈن بۇرۇن مەسئۇل ئورگانغا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى شەرت. ئىلتىماستا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى، لوزۇنكا، شوئار، ئادەم سانى، ئاپتوموبىل سانى، ياڭراتقۇ ئىشلىتىدىغان تۈر ۋە سانى، باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ئورنى ( يىغقان جاي ۋە تارقىتىۋېتىلگەن جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، لىنىيە ۋە مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كەسپى، ئادرېسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

第九条 主管机关接到集会、游行、示威申请书后,应当在申请举行日期的二日前,将许可或者不许可的决定书面通知其负责人。不许可的,应当说明理由。逾期不通知的,视为许可。

9-ماددا مەسئۇل ئورگان يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتىن 2 كۈن بۇرۇن، ئىجازەت بەرگەن ياكى ئىجازەت بەرمىگەن قارارنى مەسئۇلىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىجازەت بېرىلمىسە، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. مۇددەت ئۆتسىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلمىسا، ئىجازەت دەپ قارىلىدۇ.

确因突然发生的事件临时要求举行集会、游行、示威的,必须立即报告主管机关;主管机关接到报告后,应当立即审查决定许可或者不许可。

ھەقىقەتەن تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقە سەۋەبىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى ۋاقىتلىق تەلەپ قىلغانلار دەرھال مەسئۇل ئورگانغا دوكلات قىلىشى شەرت؛ مەسئۇل ئورگان دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىجازەت بېرىش-بەرمەسلىكنى دەرھال تەكشۈرۈپ قارار قىلىشى كېرەك.

第十条 申请举行集会、游行、示威要求解决具体问题的,主管机关接到申请书后,可以通知有关机关或者单位同集会、游行、示威的负责人协商解决问题,并可以将申请举行的时间推迟五日。

10-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مەسئۇل ئورگان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى ئورۇنغا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە كۈچ كۆرسىتىش مەسئۇلىغا مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشنى ئۇقتۇرسا ھەمدە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى بەش كۈنگە كېچىكتۈرسە بولىدۇ.

第十一条 主管机关认为按照申请的时间、地点、路线举行集会、游行、示威,将对交通秩序和社会秩序造成严重影响的,在决定许可时或者决定许可后,可以变更举行集会、游行、示威的时间、地点、路线,并及时通知其负责人。

11-ماددا مەسئۇل ئورگان ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىت، ئورۇن، لىنىيە بويىچە يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش ئۆتكۈزۈش قاتناش تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىسا، قارار چىقىرىشقا ئىجازەت بەرگەندە ياكى قارار چىقىرىشقا ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن يىغىلىش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋاقتى، ئورنى، لىنىيەسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ مەسئۇلىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

第十二条 申请举行的集会、游行、示威,有下列情形之一的,不予许可:

12-ماددا ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجازەت بېرىلمەيدۇ :

(一)反对宪法所确定的基本原则的;

( 1 ) ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپقا قارشى تۇرغانلار؛

(二)危害国家统一、主权和领土完整的;

( 2 ) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر؛

(三)煽动民族分裂的;

( 3 ) مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقانلار؛

(四)有充分根据认定申请举行的集会、游行、示威将直接危害公共安全或者严重破坏社会秩序的。

( 4 ) ئىلتىماسقا تولۇق ئاساسلىنىپ ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزىدۇ ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر بۇزىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن بولسا.

第十三条 集会、游行、示威的负责人对主管机关不许可的决定不服的,可以自接到决定通知之日起三日内,向同级人民政府申请复议,人民政府应当自接到申请复议书之日起三日内作出决定。

13-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش مەسئۇللىرى مەسئۇل ئورگاننىڭ ئىجازەت بەرمىگەن قارارىغا قايىل بولمىسا، قارار ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلتىماسنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

第十四条 集会、游行、示威的负责人在提出申请后接到主管机关通知前,可以撤回申请;接到主管机关许可的通知后,决定不举行集会、游行、示威的,应当及时告知主管机关,参加人已经集合的,应当负责解散。

14-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ مەسئۇلى ئىلتىماس سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مەسئۇل ئورگاننىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن، ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ؛ مەسئۇل ئورگان ئىجازەت بەرگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلغاندا، مەسئۇل ئورگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك، قاتناشقۇچى يىغىلغان بولسا، تارقىتىۋېتىشكە مەسئۇل بولۇش كېرەك.

第十五条 公民不得在其居住地以外的城市发动、组织、参加当地公民的集会、游行、示威。

15-ماددا پۇقرالار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا شەھەردە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى، نامايىش قىلىشى، كۈچ كۆرسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

第十六条 国家机关工作人员不得组织或者参加违背有关法律、法规规定的国家机关工作人员职责、义务的集会、游行、示威。

16-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە تەشكىللىسە ياكى ئۇنىڭغا قاتناشسا بولمايدۇ.

第十七条 以国家机关、社会团体、企业事业组织的名义组织或者参加集会、游行、示威,必须经本单位负责人批准。

17-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە تەشكىللەش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشتا، شۇ ئورۇن مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت.

第三章 集会游行示威的举行

3-باب يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

第十八条 对于依法举行的集会、游行、示威,主管机关应当派出人民警察维持交通秩序和社会秩序,保障集会、游行、示威的顺利进行。

18-ماددا مەسئۇل ئورگان قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە خەلق ساقچىلىرىنى قاتناش تەرتىپى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ئەۋەتىشى، يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第十九条 依法举行的集会、游行、示威,任何人不得以暴力、胁迫或者其他非法手段进行扰乱、冲击和破坏。

19-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە، ھەرقانداق كىشىنىڭ زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第二十条 为了保障依法举行的游行的行进,负责维持交通秩序的人民警察可以临时变通执行交通规则的有关规定。

20-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش تەرتىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل خەلق ساقچىلىرى قاتناش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

第二十一条 游行在行进中遇有不可预料的情况,不能按照许可的路线行进时,人民警察现场负责人有权改变游行队伍的行进路线。

21-ماددا نامايىش يۈرۈش جەريانىدا مۆلچەرلىگۈسىز ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئىجازەت بەرگەن لىنىيە بويىچە ماڭمىسا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى نامايىش قوشۇنىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق.

第二十二条 集会、游行、示威在国家机关、军事机关、广播电台、电视台、外国驻华使馆领馆等单位所在地举行或者经过的,主管机关为了维持秩序,可以在附近设置临时警戒线,未经人民警察许可,不得逾越。

22-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى دۆلەت ئورگىنى، ھەربىي ئورگان، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار تۇرۇشلۇق جايدا ئۆتكۈزۈلسە ياكى ئۆتكەن بولسا، مەسئۇل ئورگان تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن، يېقىن ئەتراپتا ۋاقىتلىق ئاگاھ لىنىيەسى قۇرسا بولىدۇ، خەلق ساقچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھالقىپ ئۆتسە بولمايدۇ.

第二十三条 在下列场所周边距离十米至三百米内,不得举行集会、游行、示威,经国务院或者省、自治区、直辖市的人民政府批准的除外:

23-ماددا تۆۋەندىكى سورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئارىلىقى 10 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)全国人民代表大会常务委员会、国务院、中央军事委员会、最高人民法院、最高人民检察院的所在地;

( 1 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي؛

(二)国宾下榻处;

( 2 ) دۆلەت مېھمانلىرىنىڭ كارىۋاتتىن چۈشىدىغان جايى؛

(三)重要军事设施;

( 3 ) مۇھىم ھەربىي ئەسلىھەلەر؛

(四)航空港、火车站和港口。

( 4 ) ئايروپورت، ۋوگزال ۋە پورت.

前款所列场所的具体周边距离,由省、自治区、直辖市的人民政府规定。

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن سورۇننىڭ كونكرېت ئەتراپ ئارىلىقىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

第二十四条 举行集会、游行、示威的时间限于早六时至晚十时,经当地人民政府决定或者批准的除外。

24-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن كەچ سائەت 10 غىچە بولىدۇ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلغانلىرى ياكى تەستىقلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十五条 集会、游行、示威应当按照许可的目的、方式、标语、口号、起止时间、地点、路线及其他事项进行。

25-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى ئىجازەت بېرىلگەن مەقسەت، ئۇسۇل، لوزۇنكا، شوئار، باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ئورۇن، لىنىيە ۋە باشقا ئىشلار بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

集会、游行、示威的负责人必须负责维持集会、游行、示威的秩序,并严格防止其他人加入。

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل كىشىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، كۈچ كۆرسىتىش تەرتىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە باشقىلارنىڭ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى شەرت.

集会、游行、示威的负责人在必要时,应当指定专人协助人民警察维持秩序。负责维持秩序的人员应当佩戴标志。

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل كىشى زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق ساقچىسىنىڭ تەرتىپنى ساقلىشىغا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ ياردەملىشىشى كېرەك. تەرتىپ ساقلاشقا مەسئۇل خادىملار بەلگە تاقىشى كېرەك.

第二十六条 举行集会、游行、示威,不得违反治安管理法规,不得进行犯罪活动或者煽动犯罪。

26-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە، ئامانلىق باشقۇرۇش نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا، جىنايى ھەرىكەت قىلىشقا ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第二十七条 举行集会、游行、示威,有下列情形之一的,人民警察应当予以制止:

27-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق ساقچىسى توسۇشى كېرەك :

(一)未依照本法规定申请或者申请未获许可的;

( 1 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئىلتىماس قىلغاندا ئىجازەت ئالمىغان بولسا؛

(二)未按照主管机关许可的目的、方式、标语、口号、起止时间、地点、路线进行的;

( 2 ) مەسئۇل ئورگان ئىجازەت بەرگەن مەقسەت، ئۇسۇل، لوزۇنكا، شوئار، باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ئورنى، لىنىيەگە ئاساسلانماي قىلغانلار؛

(三)在进行中出现危害公共安全或者严重破坏社会秩序情况的。

( 3 ) ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلەر.

有前款所列情形之一,不听制止的,人民警察现场负责人有权命令解散;拒不解散的,人民警察现场负责人有权依照国家有关规定决定采取必要手段强行驱散,并对拒不服从的人员强行带离现场或者立即予以拘留。

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، توسۇشقا قۇلاق سالمىسا، خەلق ساقچىسىنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق؛ تارقىتىۋېتىشنى رەت قىلسا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە زۆرۈر ۋاسىتە قوللىنىپ مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە بويسۇنۇشنى رەت قىلغانلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىشكە ياكى دەرھال توختىتىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

参加集会、游行、示威的人员越过依照本法第二十二条规定设置的临时警戒线、进入本法第二十三条所列不得举行集会、游行、示威的特定场所周边一定范围或者有其他违法犯罪行为的,人民警察可以将其强行带离现场或者立即予以拘留。

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قاتنىشىدىغان خادىملار مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەسىس قىلىنغان ۋاقىتلىق ئاگاھ سىزىقىدىن ئۆتۈپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغان مۇئەييەن سورۇننىڭ ئەتراپىدا بەلگىلىك دائىرىدە بولسا ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى قىلمىش سادىر قىلسا، خەلق ساقچىلىرى ئۇنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە ياكى دەرھال توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

第四章 法律责任

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第二十八条 举行集会、游行、示威,有违反治安管理行为的,依照治安管理处罚法有关规定予以处罚。

28-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىدە ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

举行集会、游行、示威,有下列情形之一的,公安机关可以对其负责人和直接责任人员处以警告或者十五日以下拘留:

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭ مەسئۇلى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ :

(一)未依照本法规定申请或者申请未获许可的;

( 1 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئىلتىماس قىلغاندا ئىجازەت ئالمىغان بولسا؛

(二)未按照主管机关许可的目的、方式、标语、口号、起止时间、地点、路线进行,不听制止的。

( 2 ) مەسئۇل ئورگان ئىجازەت بەرگەن مەقسەت، ئۇسۇل، لوزۇنكا، شوئار، باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ئورنى، لىنىيەگە ئاساسلانماي، توسۇشقا قۇلاق سالمىغانلار.

第二十九条 举行集会、游行、示威,有犯罪行为的,依照刑法有关规定追究刑事责任。

29-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىدە جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

携带武器、管制刀具或者爆炸物的,依照刑法有关规定追究刑事责任。

قورال، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ياكى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى ئېلىپ يۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

未依照本法规定申请或者申请未获许可,或者未按照主管机关许可的起止时间、地点、路线进行,又拒不服从解散命令,严重破坏社会秩序的,对集会、游行、示威的负责人和直接责任人员依照刑法有关规定追究刑事责任。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئىلتىماسقا ئىجازەت ئالمىغان ياكى مەسئۇل ئورگاننىڭ ئىجازىتىگە ئالمىغان باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ئورنى، لىنىيەسى بويىچە قىلمىغان، شۇنداقلا تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىغا بويسۇنماي، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر بۇزغانلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ مەسئۇلى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

包围、冲击国家机关,致使国家机关的公务活动或者国事活动不能正常进行的,对集会、游行、示威的负责人和直接责任人员依照刑法有关规定追究刑事责任。

دۆلەت ئورگىنىنى قورشىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پائالىيىتى ياكى دۆلەت پائالىيىتىنى نورمال ئېلىپ بارالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل كىشى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

占领公共场所、拦截车辆行人或者聚众堵塞交通,严重破坏公共场所秩序、交通秩序的,对集会、游行、示威的负责人和直接责任人员依照刑法有关规定追究刑事责任。

ئاممىۋى سورۇننى ئىگىلىۋالغان، ئاپتوموبىلدىكى پىيادىلەرنى توسۇۋالغان ياكى توپلىشىپ قاتناشنى توسۇۋالغان، ئاممىۋى سورۇننىڭ تەرتىپى، قاتناش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل كىشى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十条 扰乱、冲击或者以其他方法破坏依法举行的集会、游行、示威的,公安机关可以处以警告或者十五日以下拘留;情节严重,构成犯罪的,依照刑法有关规定追究刑事责任。

30-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان، زەربە بەرگەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十一条 当事人对公安机关依照本法第二十八条第二款或者第三十条的规定给予的拘留处罚决定不服的,可以自接到处罚决定通知之日起五日内,向上一级公安机关提出申诉,上一级公安机关应当自接到申诉之日起五日内作出裁决;对上一级公安机关裁决不服的,可以自接到裁决通知之日起五日内,向人民法院提起诉讼。

31-ماددا ئالاقىدارلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ياكى 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا قارارى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەرز قىلسا بولىدۇ، بىر دەرىجە تۆۋەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ تۆت كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك؛ بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، كېسىم ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第三十二条 在举行集会、游行、示威过程中,破坏公私财物或者侵害他人身体造成伤亡的,除依照刑法或者治安管理处罚法的有关规定可以予以处罚外,还应当依法承担赔偿责任。

32-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش جەريانىدا ھۆكۈمەت بىلەن شەخسنىڭ پۇل-مېلىنى بۇزۇۋەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ تالاپەت قىلغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىشكە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، يەنە قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第三十三条 公民在本人居住地以外的城市发动、组织当地公民的集会、游行、示威的,公安机关有权予以拘留或者强行遣回原地。

33-ماددا پۇقرالار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا شەھەردە شۇ جايدىكى پۇقرالارنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قوزغىغان، تەشكىللىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇشقا ياكى ئەسلىي ئورنىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十四条 外国人在中国境内举行集会、游行、示威,适用本法规定。

34-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

外国人在中国境内未经主管机关批准不得参加中国公民举行的集会、游行、示威。

چەت ئەللىكلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەسئۇل ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆتكۈزگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قاتناشسا بولمايدۇ.

第三十五条 国务院公安部门可以根据本法制定实施条例,报国务院批准施行。

35-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会可以根据本法制定实施办法。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى يولغا قويۇش چارىسىنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقارسا بولىدۇ.

第三十六条 本法自公布之日起施行。

36-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.