中国人民解放军选举全国人民代表大会和

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى سايلىدى ۋە

县级以上地方各级人民代表大会代表的办法

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ چارىسى

(1981年6月10日第五届全国人民代表大会常务委员会第十九次会议通过 1996年10月29日第八届全国人民代表大会常务委员会第二十二次会议修订 根据2012年6月30日第十一届全国人民代表大会常务委员会第二十七次会议《关于修改<中国人民解放军选举全国人民代表大会和县级以上地方各级人民代表大会代表的办法>的决定》修正)

( 1981 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى 5 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 ـ يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 2012 ـ يىل 6-ئاينىڭ 30 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلقنى سايلاش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن » قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ چارىسى ھەققىدە قارار»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 选举委员会

2-باب سايلام كومىتېتى

第三章 代表名额的决定和分配

3-باب ۋەكىللەر سانىنى بەلگىلەش ۋە تەقسىملەش

第四章 选区和选举单位

4-باب سايلام رايونى ۋە سايلام ئورۇنلىرى

第五章 代表候选人的提出

5-باب ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى

第六章 选举程序

6-باب سايلام تەرتىپى

第七章 对代表的监督和罢免、辞职、补选

7-باب ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش، ئىستېپا بېرىش، تولۇقلاپ سايلاش

第八章 附则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 根据《中华人民共和国宪法》和《中华人民共和国全国人民代表大会和地方各级人民代表大会选举法》的有关规定,制定本办法。

بۇ چارە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.

第二条 人民解放军现役军人和参加军队选举的其他人员依照本办法选举全国人民代表大会和县级以上地方各级人民代表大会代表。

2-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ئارمىيە سايلىمىغا قاتنىشىدىغان باشقا خادىملار مۇشۇ چارە بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلايدۇ.

第三条 人民解放军及人民解放军团级以上单位设立选举委员会。

3-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرىدا سايلام كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ.

人民解放军选举委员会领导全军的选举工作,其他各级选举委员会主持本单位的选举工作。

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلام كومىتېتى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سايلام خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، باشقا ھەر دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرى ئۆز ئورنىنىڭ سايلام خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

第四条 连和其他基层单位的军人委员会,主持本单位的选举工作。

4-ماددا ليەن ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىكى ھەربىيلەر كومىتېتى شۇ ئورۇننىڭ سايلام خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

第五条 人民解放军现役军人,在军队安置和待移交地方安置的离休、退休人员,在军队工作的文职人员、职员、职工、非现役公勤人员以及行政关系在军队的其他人员,参加军队选举。

5-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلىرى، ئارمىيەدىن ئورۇنلاشقان ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققان خادىملار، ئارمىيەدە ئىشلەۋاتقان مۈلكىي خادىملار، خىزمەتچىلەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، رەسمىي خىزمەت ئۆتىمەيدىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، شۇنىڭدەك ئارمىيەدە مەمۇرىي مۇناسىۋىتى بولغان باشقا خادىملار ئارمىيە سايلىمىغا قاتنىشىدۇ.

驻军的驻地距离当地居民的居住地较远,随军家属参加地方选举有困难的,经选举委员会或者军人委员会批准,可以参加军队选举。

تۇرۇشلۇق جاي شۇ جايدىكى ئاھالە تۇرۇشلۇق جايدىن يىراقراق بولۇپ، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىدىن يەرلىكنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىرى سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئارمىيەنىڭ سايلىمىغا قاتناشسا بولىدۇ.

第六条 驻地方工厂、铁路、水运、科研等单位的军代表,在地方院校学习的军队人员,可以参加地方选举。

6-ماددا يەرلىك زاۋۇت، تۆمۈريول، سۇ تىرانسپورتى، پەن تەتقىقات قاتارلىق ئورۇنلاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللەر، يەرلىك ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەربىي خادىملار يەرلىكنىڭ سايلىمىغا قاتناشسا بولىدۇ.

第七条 本办法第五条所列人员,凡年满十八周岁,不分民族、种族、性别、职业、家庭出身、宗教信仰、教育程度、财产状况、居住期限,都具有选民资格,享有选举权和被选举权。

7-ماددا بۇ چارىنىڭ 5-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن خادىملارنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي سايلىغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

依照法律被剥夺政治权利的人没有选举权和被选举权。

قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

精神病患者不能行使选举权利的,经选举委员会确认,不参加选举。

روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىسە، سايلام كومىتېتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن سايلامغا قاتناشمايدۇ.

第二章 选举委员会

2-باب سايلام كومىتېتى

第八条 人民解放军选举委员会的组成人员,由全国人民代表大会常务委员会批准。其他各级选举委员会的组成人员,由上一级选举委员会批准。

8-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلام كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلايدۇ. باشقا ھەر دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرى تەركىبىدىكى خادىملارنى بىر دەرىجە يۇقىرى سايلام كومىتېتى تەستىقلايدۇ.

下级选举委员会受上级选举委员会的领导。

تۆۋەن دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

选举委员会任期五年,行使职权至新的选举委员会产生为止。

سايلام كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، يېڭى سايلام كومىتېتى ۋۇجۇدقا كەلگۈچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

第九条 人民解放军选举委员会由十一至十九人组成,设主任一人,副主任一至三人,委员若干人。其他各级选举委员会由七至十七人组成,设主任一人,副主任一至二人,委员若干人。

9-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلام كومىتېتى 11 دىن 19 غىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، بىر مۇدىر، بىردىن ئۈچكىچە مۇئاۋىن مۇدىر، بىرقانچە ئەزا تەسىس قىلىنىدۇ. باشقا ھەر دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرى يەتتىدىن 17 گىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، بىر مۇدىر، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر، بىرقانچە ئەزا تەسىس قىلىنىدۇ.

第十条 团级以上单位的选举委员会组织、指导所属单位的选举,办理下列事项:

10-ماددا تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ سايلام كومىتېتلىرى قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ سايلىمىنى تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى بېجىرىدۇ :

(一)审查军人代表大会代表资格;

( 1 ) ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش؛

(二)确定选举日期;

( 2 ) سايلام ۋاقتىنى بېكىتىش؛

(三)公布人民代表大会代表候选人名单;

( 3 ) خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش؛

(四)主持本级军人代表大会或者军人大会的投票选举;

( 4 ) شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ياكى ھەربىيلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بېلەت تاشلاپ سايلاش؛

(五)确定选举结果是否有效,公布当选的人民代表大会代表名单;

( 5 ) سايلام نەتىجىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى بېكىتىپ، سايلانغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش؛

(六)主持本级军人代表大会或者军人大会罢免和补选人民代表大会代表、接受人民代表大会代表辞职。

( 6 ) شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىغا ياكى ھەربىيلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش.

第十一条 选举委员会下设办公室,具体承办本级有关选举的日常工作。

11-ماددا سايلام كومىتېتى قارىمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىنىپ، شۇ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك سايلامنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ.

办公室设在政治机关,工作人员由本级选举委员会确定。

ئىشخانا سىياسىي ئورگاندا تەسىس قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خادىملارنى شۇ دەرىجىلىك سايلام كومىتېتى بېكىتىدۇ.

第三章 代表名额的决定和分配

3-باب ۋەكىللەر سانىنى بەلگىلەش ۋە تەقسىملەش

第十二条 人民解放军应选全国人民代表大会代表的名额,由全国人民代表大会常务委员会决定。

12-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

第十三条 各总部、大军区级单位和中央军事委员会办公厅应选全国人民代表大会代表的名额,由人民解放军选举委员会分配。

13-ماددا باش ئىشتابلار، چوڭ قوشۇننىڭ رايون دەرىجىلىك ئورۇنلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سايلام كومىتېتى تەقسىم قىلىدۇ.

第十四条 各地驻军应选县级以上地方各级人民代表大会代表的名额,由驻地各该级人民代表大会常务委员会决定。

14-ماددا جايلاردا تۇرۇشلۇق ئارمىيەدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىغا سايلىنىشقا تېگىشلىك ۋەكىللەرنىڭ سانىنى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

有关选举事宜,由省军区、警备区、军分区、人民武装部分别与驻地的人民代表大会常务委员会协商决定;大军区所在的省、自治区、直辖市,统一由大军区负责与该级人民代表大会常务委员会协商决定。

سايلام ئىشلىرىنى ئۆلكىلىك ھەربىي رايون، گارنىزون رايونى، شۆبە ھەربىي رايون، خەلق قوراللىق بۆلۈمى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كېڭىشىپ قارار قىلىدۇ؛ چوڭ ھەربىي رايون تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى چوڭ ھەربىي رايون بىرتۇتاش مەسئۇل بولۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن كېڭىشىپ قارار قىلىدۇ.

第四章 选区和选举单位

4-باب سايلام رايونى ۋە سايلام ئورۇنلىرى

第十五条 驻军选举县级人民代表大会代表,由驻该行政区域的现役军人和参加军队选举的其他人员按选区直接选举产生。选区按该行政区域内驻军各单位的分布情况划分。

15-ماددا تۇرۇشلۇق قىسىمدا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىنىدۇ، ئۇلارنى شۇ مەمۇرىي رايوندا تۇرۇشلۇق ھەربىيلەردىن ۋە ئارمىيەنىڭ سايلىمىغا قاتناشقان باشقا خادىملار سايلام رايونى بويىچە بىۋاسىتە سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. سايلام رايونى شۇ مەمۇرىي رايوندا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ.

选区的大小,按照每一选区选一名至三名代表划分。

سايلام رايونىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەربىر سايلام رايونىدا بىردىن ئۈچكىچە ۋەكىل سايلاش بويىچە ئايرىلىدۇ.

第十六条 驻军应选的设区的市、自治州、省、自治区、直辖市人民代表大会代表,由团级以上单位召开军人代表大会选举产生。

16-ماددا قىسىمدا تۇرۇشقا تېگىشلىك رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ئېچىشى بىلەن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

各总部、大军区级单位和中央军事委员会办公厅的军人代表大会,选举全国人民代表大会代表。

باش ئىشتابلار، چوڭ قوشۇننىڭ رايون دەرىجىلىك ئورۇنلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھەربىيلەر قۇرۇلتايلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلايدۇ.

第十七条 人民解放军师级以上单位的军人代表大会代表,由下级军人代表大会选举产生。下级单位不召开军人代表大会的,由军人大会选举产生。

17-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرىنىڭ ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ئېچىلمىسا، ھەربىيلەر يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

旅、团级单位的军人代表大会代表,由连和其他基层单位召开军人大会选举产生。

لۈ، تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ليەن ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ھەربىيلەر يىغىنى ئېچىپ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

军人代表大会由选举委员会召集,军人大会由选举委员会或者军人委员会召集。

ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنى سايلام كومىتېتى چاقىرىدۇ، ھەربىيلەر يىغىنىنى سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى چاقىرىدۇ.

军人代表大会每届任期五年。军人代表大会代表任期从本届军人代表大会举行第一次会议开始,到下届军人代表大会举行第一次会议为止。

ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندىن باشلاپ، كېلەر نۆۋەتلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنى ئۆتكۈزگەنگە قەدەر بولىدۇ.

第五章 代表候选人的提出

5-باب ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى

第十八条 人民解放军选举全国和县级以上地方各级人民代表大会代表,候选人按选区或者选举单位提名产生。

18-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلايدۇ، نامزاتلار سايلام رايونى ياكى سايلام ئورنىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

中国共产党在军队中的各级组织,可以推荐代表候选人。选民或者军人代表大会代表,十人以上联名,也可以推荐代表候选人。推荐者应向选举委员会或者军人委员会介绍候选人的情况。接受推荐的代表候选人应当向选举委员会或者军人委员会如实提供个人基本情况。提供的基本情况不实的,选举委员会或者军人委员会应当向选民或者军人代表大会代表通报。

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. سايلىغۇچىلار ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئوندىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. تەۋسىيە قىلغۇچى سايلام ھەيئىتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىغا نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى لازىم. كۆرسىتىلىشنى قوبۇل قىلغان ۋەكىل نامزاتلىرى سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىغا ئاساسىي شەخسىي ئەھۋالىنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. تەمىنلىگەن ئاساسىي ئەھۋال ھەقىقىي بولمىسا، سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى سايلىغۇچىلارغا ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

第十九条 人民解放军选举全国和县级以上地方各级人民代表大会代表实行差额选举,代表候选人的人数应多于应选代表的名额。

19-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنى سايلىشىدا ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىللەر سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك.

由选民直接选举的,代表候选人的人数应多于应选代表名额三分之一至一倍;由军人代表大会选举的,代表候选人的人数应多于应选代表名额五分之一至二分之一。

سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان بولسا، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىللەر سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن بىر ھەسسىسىگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك؛ ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى سايلايدىغان بولسا، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىللەر سانىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئىككىدىن بىرىگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك.

第二十条 由选民直接选举的,代表候选人由选举委员会或者军人委员会汇总后,将代表候选人名单以及代表候选人的基本情况在选举日的十五日以前公布,并交各该选区的选民反复讨论、协商,确定正式代表候选人名单。如果所提代表候选人的人数超过本办法第十九条规定的最高差额比例,由选举委员会或者军人委员会交各该选区的选民讨论、协商,根据较多数选民的意见,确定正式代表候选人名单;对正式代表候选人不能形成较为一致意见的,进行预选,根据预选时得票多少的顺序,确定正式代表候选人名单。正式代表候选人名单以及代表候选人的基本情况应当在选举日的七日以前公布。

20-ماددا سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان بولسا، ۋەكىل نامزاتلىرىنى سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىي كومىتېت جەملىگەندىن كېيىن، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سايلام كۈنىدىن 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ ھەمدە شۇ سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىشى، كېڭىشىشىگە سۇنۇپ، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ. ئەگەر كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى مۇشۇ چارىنىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئارتۇق نامزات نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى شۇ سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى، كېڭىشىشىگە تاپشۇرىدۇ، بىرقەدەر كۆپ ساندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ؛ رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىدىن بىرقەدەر بىردەك پىكىر شەكىللەندۈرەلمىگەنلىرىگە قارىتا تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەييارلىق سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلەت ئاز-كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى بېكىتىلىدۇ. رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى سايلام كۈنىدىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

团级以上单位的军人代表大会在选举人民代表大会代表时,提名、酝酿代表候选人的时间不得少于两天。各该级选举委员会将依法提出的代表候选人名单以及代表候选人的基本情况印发军人代表大会全体代表酝酿、讨论。如果所提代表候选人的人数符合本办法第十九条规定的差额比例,直接进行投票选举。如果所提代表候选人的人数超过本办法第十九条规定的最高差额比例,进行预选,根据预选时得票多少的顺序,按照本级军人代表大会确定的具体差额比例,确定正式代表候选人名单,进行投票选举。

تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ھەربىيلەر قۇرۇلتايلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش، كېڭىشىش ۋاقتى ئىككى كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ. ھەرقايسى دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ھەمدە ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ كېڭىشىشى، مۇزاكىرە قىلىشىغا بېسىپ تارقىتىدۇ. ئەگەر كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى مۇشۇ چارىنىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزاتلىق نىسبەتكە ئۇيغۇن بولسا، بىۋاسىتە بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى مۇشۇ چارىنىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئارتۇق نامزات نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، تەييارلىق سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلەت ئاز-كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى بېكىتكەن كونكرېت ئارتۇق نامزات نىسبىتى بويىچە، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى بېكىتىلىپ، بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

第二十一条 军人代表大会在选举全国和县级以上地方各级人民代表大会代表时,代表候选人不限于本级军人代表大会代表。

21-ماددا ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرى شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

第二十二条 选举委员会或者军人委员会应当介绍代表候选人的情况。

22-ماددا سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

推荐代表候选人的组织或者个人可以在选民小组或者军人代表大会小组会议上介绍所推荐的代表候选人的情况。直接选举时,选举委员会或者军人委员会根据选民的要求,应当组织代表候选人与选民见面,由代表候选人介绍本人的情况,回答选民的问题。但是,在选举日必须停止对代表候选人的介绍。

ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن تەشكىلات ياكى شەخس سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى گۇرۇپپىسى يىغىنىدا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرسا بولىدۇ. بىۋاسىتە سايلامدا، سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى سايلىغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ۋەكىل نامزاتلىرىنى سايلىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تەشكىللىشى، ۋەكىل نامزاتلىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى، سايلىغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. لېكىن، سايلام كۈنى ۋەكىل نامزاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى توختىتىش شەرت.

第六章 选举程序

6-باب سايلام تەرتىپى

第二十三条 直接选举时,各选区应当召开军人大会进行选举,或者按照方便选民投票的原则设立投票站进行选举。驻地分散或者行动不便的选民,可以在流动票箱投票。投票选举由军人委员会或者选举委员会主持。

23-ماددا بىۋاسىتە سايلام ئۆتكۈزگەندە، سايلام رايونلىرى ھەربىيلەر يىغىنى ئېچىپ سايلام ئۆتكۈزۈشى ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلىشىغا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىپ سايلام ئۆتكۈزۈشى كېرەك. تۇرۇشلۇق جايى تارقاق ياكى ھەرىكىتى قولايسىز سايلىغۇچىلار كۆچمە بېلەت ساندۇقىدا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. بېلەت تاشلاپ سايلاشقا ھەربىيلەر كومىتېتى ياكى سايلام كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

军人代表大会的投票选举,由选举委员会主持。

ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام رىقابىتىگە سايلام كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

第二十四条 人民解放军选举全国和县级以上地方各级人民代表大会代表,一律采用无记名投票的方法。选举时应当设有秘密写票处。

24-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا بىردەك يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. سايلامدا سايلام بېلىتىنى مەخپىي تولدۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىش كېرەك.

选民因残疾等原因不能写选票,可以委托他信任的人代写。

سايلىغۇچىلار مېيىپ بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سايلام بېلىتى يازالمىسا، سايلام بېلىتىنى ئۆزى ئىشىنىدىغان كىشىگە ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

第二十五条 选民如果在选举期间外出,经军人委员会或者选举委员会同意,可以书面委托其他选民代为投票。每一选民接受的委托不得超过三人,并应当按照委托人的意愿代为投票。

25-ماددا سايلىغۇچىلار سايلام مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ كەتسە، ھەربىيلەر كومىتېتى ياكى سايلام كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، باشقا سايلىغۇچىلارغا ۋاكالىتەن بېلەت تاشلاشنى يازما ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھەربىر سايلىغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ھاۋالە ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ۋاكالىتەن بېلەت تاشلىشى كېرەك.

第二十六条 选举人对代表候选人可以投赞成票,可以投反对票,可以另选其他任何选民,也可以弃权。

26-ماددا سايلىغۇچىلار ۋەكىل نامزاتىغا قوللاش بېلىتى تاشلىسا، قارشى بېلەت تاشلىسا بولىدۇ، باشقا ھەرقانداق سايلىغۇچىنى ئايرىم سايلىسىمۇ، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

第二十七条 投票结束后,由选民推选的或者军人代表大会代表推选的监票、计票人员和选举委员会或者军人委员会的人员将投票人数和票数加以核对,作出记录,并由监票人签字。

27-ماددا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سايلىغۇچىلار سايلىغان ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىغان بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت ھېسابلىغۇچىلار ۋە سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى بېلەت تاشلىغان ئادەم سانى ۋە بېلەت سانىنى سېلىشتۇرۇپ خاتىرىلەيدۇ ھەمدە بېلەت نازارەتچىلىرى ئىمزا قويىدۇ.

代表候选人的近亲属不得担任监票人、计票人。

ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت ھېسابلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.

第二十八条 每次选举所投的票数,多于投票人数的无效,等于或者少于投票人数的有效。

28-ماددا ھەر قېتىملىق سايلامدا تاشلانغان بېلەت سانى بېلەت تاشلىغان ئادەم سانىدىن كۆپ بولسا ئىناۋەتسىز، بېلەت تاشلىغان ئادەم سانىغا تەڭ بولسا ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا كۈچكە ئىگە.

每一选票所选的人数,多于规定应选代表人数的作废,等于或者少于规定应选代表人数的有效。

ھەربىر سايلام بېلىتىدە سايلانغان ئادەم سانى بەلگىلەنگەن سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن كۆپ بولسا ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، بەلگىلەنگەن سايلىنىدىغان ۋەكىللەر سانىغا تەڭ بولسا ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第二十九条 直接选举时,参加投票的选民超过选区全体选民的半数,选举有效。代表候选人获得参加投票的选民过半数的选票时,始得当选。

29-ماددا بىۋاسىتە سايلام ئۆتكۈزگەندە، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان سايلىغۇچىلار سايلام رايونىدىكى بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن ئاشسا، سايلام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەكىل نامزاتلىرى بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەندە ئاندىن سايلىنىدۇ.

军人代表大会选举时,代表候选人获得全体代表过半数的选票,始得当选。

ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى سايلىمىدا، ۋەكىل نامزاتلىرى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ سايلام بېلىتىگە ئېرىشسە ئاندىن سايلىنىدۇ.

第三十条 获得过半数选票的代表候选人的人数超过应选代表名额时,以得票多的当选。如遇票数相等不能确定当选人时,应就票数相等的候选人再次投票,以得票多的当选。

30-ماددا سايلام بېلىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشكەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىشقا تېگىشلىك ۋەكىللەر سانىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېرىشكەن بېلەت كۆپ بولغان سايلام بېلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بېلەت سانى تەڭ بولۇپ قېلىپ، سايلانغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، بېلەت سانى تەڭ بولغان نامزات ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بېلەت تاشلاپ، ئېرىشكەن بېلەت كۆپ بولغان سايلام ئارقىلىق سايلىنىدۇ.

获得过半数选票的当选代表的人数少于应选代表名额时,不足的名额另行选举。另行选举时,根据在第一次投票时得票多少的顺序,按照本办法第十九条规定的差额比例,确定候选人名单。如果只选一人,候选人应为二人。

سايلام بېلىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشكەن سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ سانى سايلىنىشقا تېگىشلىك ۋەكىللەرنىڭ سانىدىن ئاز بولسا، كەم قالغان سان بويىچە ئايرىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. باشقا سايلامدا، 1-قېتىم بېلەت تاشلىغاندا ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، مۇشۇ چارىنىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزاتلىق نىسبەت بويىچە نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى بېكىتىلىدۇ. ئەگەر بىرلا كىشى سايلانسا، ئىككى كىشى نامزات قىلىنىدۇ.

依照前款规定另行选举县级人民代表大会代表时,代表候选人以得票多的当选,但是得票数不得少于选票的三分之一;团级以上单位的军人代表大会在另行选举设区的市、自治州、省、自治区、直辖市和全国人民代表大会代表时,代表候选人获得军人代表大会全体代表过半数的选票,始得当选。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئايرىم سايلانغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرىدىن ئېرىشكەن بېلەت كۆپ بولغانلار سايلىنىدۇ، لېكىن ئېرىشكەن بېلەت سانى سايلام بېلىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ھەربىيلەر قۇرۇلتايلىرى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى باشقا سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ سايلام بېلىتىگە ئېرىشسە ئاندىن سايلىنالايدۇ.

第三十一条 选举结果由选举委员会或者军人委员会根据本办法确定是否有效,并予以宣布。

31-ماددا سايلام نەتىجىسىنى سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى مۇشۇ چارىگە ئاساسەن كۈچكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى بېكىتىدۇ ھەمدە جاكارلايدۇ.

第七章 对代表的监督和罢免、辞职、补选

7-باب ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش، ئىستېپا بېرىش، تولۇقلاپ سايلاش

第三十二条 人民解放军选出的全国和县级以上地方各级人民代表大会代表,受选民和原选举单位的监督。选民或者选举单位都有权罢免自己选出的代表。

32-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلاپ چىققان مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلار ۋە ئەسلىي سايلىغۇچى ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچىلار ياكى سايلام ئورۇنلىرى ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

第三十三条 对于县级人民代表大会代表,原选区选民十人以上联名,可以向旅、团级选举委员会书面提出罢免要求。

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئەسلىدىكى سايلام رايونىدىكى 10 دىن ئارتۇق سايلىغۇچى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، لۈ، تۇەن دەرىجىلىك سايلام كومىتېتىغا قالدۇرۇۋېتىشنى يازما تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

罢免要求应当写明罢免理由。被提出罢免的代表有权在军人大会上提出申辩意见,也可以书面提出申辩意见。

قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىشتا قالدۇرۇۋېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. قالدۇرۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەكىللەر ھەربىيلەر يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئۆزىنى يازما ئاقلاش پىكرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ.

旅、团级选举委员会应当将罢免要求和被提出罢免的代表的书面申辩意见印发原选区选民。

لۈ، تۇەن دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرى قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە قالدۇرۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەكىلنىڭ يازما ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارغا بېسىپ تارقىتىشى كېرەك.

表决罢免要求,由旅、团级选举委员会主持。

قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىگە لۈ ۋە تۇەن دەرىجىلىك سايلام كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

第三十四条 军人代表大会举行会议时,团级以上单位的选举委员会可以提出对由该级军人代表大会选出的人民代表大会代表的罢免案。罢免案应当写明罢免理由。

34-ماددا ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ سايلام كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى سايلىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. قالدۇرۇۋېتىلىدىغان دېلونى قالدۇرۇۋېتىشتە قالدۇرۇۋېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

军人代表大会举行会议时,被提出罢免的代表有权在会议上提出申辩意见,或者书面提出申辩意见。罢免案经会议审议后予以表决。

ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، قالدۇرۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەكىل يىغىندا ئۆزىنى ئاقلاش پىكرى بېرىشكە ياكى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازما بېرىشكە ھوقۇقلۇق. قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى يىغىندا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

第三十五条 罢免代表采用无记名投票的表决方式。

35-ماددا ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشتە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

第三十六条 罢免县级人民代表大会代表,须经原选区过半数的选民通过。

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشتە، ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىشى شەرت.

罢免由军人代表大会选出的人民代表大会代表,由各该级军人代表大会过半数的代表通过。

ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى سايلىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىش شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتىدۇ.

罢免的决议,须报送同级人民代表大会常务委员会和军队上一级选举委员会备案。

قالدۇرۇۋېتىش قارارىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە ئارمىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى سايلام كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت.

第三十七条 人民解放军选出的设区的市、自治州、省、自治区、直辖市和全国人民代表大会代表,可以向原选举单位的选举委员会书面提出辞职。人民解放军选出的县级人民代表大会代表,可以向原选区的选举委员会或者军人委员会书面提出辞职。接受辞职,须经军人代表大会或者军人大会全体人员的过半数通过,并报送各该级人民代表大会常务委员会和军队上一级选举委员会备案。

37-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلىغان رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ سايلام كومىتېتىغا يازما ئىستېپا بەرسە بولىدۇ. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلىغان ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزلىرى سايلىغان سايلام رايونىدىكى سايلام كومىتېتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىغا يازما ئىستېپا بەرسە بولىدۇ. ئىستېپانى قوبۇل قىلىشتا، ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ياكى ھەربىيلەر يىغىنىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ۋە ئارمىيەدىن بىر دەرىجە يۇقىرى سايلام كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت.

因执行任务等原因无法召开军人代表大会的,团级以上单位的选举委员会可以接受各该级选出的设区的市、自治州、省、自治区、直辖市和全国人民代表大会代表辞职。选举委员会接受人民代表大会代表辞职后,应当及时通报选举产生该代表的军人代表大会的代表,并报送各该级人民代表大会常务委员会和军队上一级选举委员会备案。

ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ئېچىلمىسا، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ سايلام كومىتېتلىرى شۇ دەرىجە سايلىغان رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. سايلام كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ ۋەكىلنى سايلاپ چىققان ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ۋە ئارمىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى سايلام كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

第三十八条 代表在任期内因故出缺,由原选区或者原选举单位补选。

38-ماددا ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوش قالغان ئورنى ئەسلىدىكى سايلام رايونى ياكى سايلىغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ سايلايدۇ.

人民解放军选出的县级以上地方各级人民代表大会代表,在任期内调离本行政区域的,其代表资格自行终止,缺额另行补选。

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلىغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە شۇ مەمۇرىي رايوندىن يۆتكىلىپ كەتكەنلىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ، كەم قالغان ئورنى ئايرىم تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.

补选代表时,代表候选人的名额可以多于应选代表的名额,也可以同应选代表的名额相等。

ۋەكىللەرنى تولۇقلاپ سايلاشتا، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولسىمۇ، سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى بىلەن تەڭ بولسىمۇ بولىدۇ.

第八章 附则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十九条 人民解放军的选举经费,由军费开支。

39-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سايلام خىراجىتىنى ھەربىي خىراجەت قىلىدۇ.