جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى

( 1995-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب تەشكىلىي ئاپپارات

3-باب خەلق پۇلى

تۆتىنچى باب كەسىپ

5-باب پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

6-باب مالىيە-بوغالتىرلىق

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ پۇل سىياسىتىنى توغرا تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەركىزىي بانكىنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي بانكىسىدۇر.

جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، پۇل سىياسىتىنى تۈزۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

3-ماددا پۇل سىياسىتى نىشانى پۇل قىممىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

4-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ :

( 1 ) ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە قائىدىلەرنى ئېلان قىلىش؛

( 2 ) پۇل سىياسىتىنى قانۇن بويىچە تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛

( 3 ) خەلق پۇلى تارقىتىش، خەلق پۇلى ئوبوروتىنى باشقۇرۇش؛

( 4 ) بانكىلار ئارا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قەرز ئېلىش بازىرى ۋە بانكىلار ئارا زايوم بازىرىنى چۇۋۇپ باشقۇرۇشىنى نازارەت قىلىش؛

( 5 ) تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش؛

( 6 ) ئالتۇن بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش؛

( 7 ) دۆلەت تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، ئالتۇن زاپىسىنى ئىلكىدە تۇتۇش، باشقۇرۇش، ئۇنىڭ تىجارىتى قىلىش؛

( 8 ) دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرۇش؛

( 9 ) چىقىم قىلىش، ھېسابات ئېنىقلاش سىستېمىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى قوغداش؛

( 10 ) پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا دائىر مەبلەغنى كۆزىتىپ ئۆلچەشكە مەسئۇل بولۇش؛

( 11 ) پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەشكە مەسئۇل بولۇش؛

( 12 ) دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى سۈپىتىدە، ئالاقىدار خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛

( 13 ) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇننىڭ 4-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە پۇل مۇئامىلە كەسپىي ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

5-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ يىللىق پۇل تەمىنات مىقدارى، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا چىقارغان قارارى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پۇل سىياسىتىگە ئالاقىدار باشقا ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن، دەرھال ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

6-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا پۇل سىياسىتى ئەھۋالى ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت خىزمەت دوكلاتى بېرىشى كېرەك.

7-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە پۇل سىياسىتىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئىجرا قىلىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، كەسىپلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمايدۇ.

8-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بارلىق كاپىتالىنى دۆلەت مەبلەغ چىقىرىدۇ، دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ.

9-ماددا گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

2-باب تەشكىلىي ئاپپارات

10-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىدا تەسىس قىلىنغان بانكا باشلىقى بىر، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى بىرقانچە.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى نامزاتىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قارار قىلىدۇ؛
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.

11-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىدا بانكا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
بانكا باشلىقى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى بانكا باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

12-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ.
پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، تەركىبى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتى دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش، پۇل سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە تەڭشەش داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

13-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىپ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى قىلىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسى تارماق ئاپپاراتلارغا قارىتا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئاساسەن، ئۆز تەۋەلىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىدۇ.

14-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقلىرى ۋە باشقا خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانسا، نەپسانىيەتچىلىك قىلسا بولمايدۇ، ھەرقانداق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كارخانا، فوند جەمئىيىتىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

15-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ۋە باشقا خادىملىرى دۆلەت مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى كېرەك ھەمدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدارلارغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار.

3-باب خەلق پۇلى

16-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇلى خەلق پۇلىدۇر.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئاممىۋى ۋە شەخسىي قەرزنى خەلق پۇلى ئارقىلىق تۆلەشتە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

17-ماددا خەلق پۇلىنىڭ بىرلىكى يۈەن، خەلق پۇلىنىڭ قوشۇمچە پۇل بىرلىكى مو، پۇڭ بولىدۇ.

18-ماددا خەلق پۇلىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بىرتۇتاش باسىدۇ، تارقىتىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلى تارقاتقاندا، تارقىتىش ۋاقتى، سوممىسى، نۇسخىسى، ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

19-ماددا خەلق پۇلىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان خەلق پۇلىنى سېتىش، سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان خەلق پۇلىنى توشۇش، ئىلكىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
خەلق پۇلىنى قەستەن بۇزۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
تەشۋىقات بۇيۇملىرى، نەشر بۇيۇملىرى ياكى باشقا تاۋارلاردا خەلق پۇلىنىڭ نۇسخىسىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

20-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پۇل بېلىتى بېسىشىغا، سېتىشىغا، خەلق پۇلىنىڭ ئورنىدا بازاردا ئوبوروت قىلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

21-ماددا كەمتۈك، كىرلىشىپ كەتكەن خەلق پۇللىرى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالماشتۇرۇلىدۇ ھەمدە جۇڭگو خەلق بانكىسى يىغىۋېلىش، كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

22-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى خەلق پۇلى تارقىتىش ئامبىرى تەسىس قىلىدۇ، تارماق ئاپپاراتىدا تارماق ئامبىرى تەسىس قىلىدۇ.
شۆبە ياچېيكا ئامبىرىدىن خەلق پۇلى تارقىتىش فوندى ئاجرىتىشنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامبارنىڭ يۆتكەش بۇيرۇقىغا ئاساسەن بېجىرىش كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تارقىتىش فوندىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

تۆتىنچى باب كەسىپ

23-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پۇل سىياسىتى قوراللىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ :

( 1 ) بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛

( 2 ) مەركىزىي بانكىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىش؛

( 3 ) جۇڭگو خەلق بانكىسىدا ھېسابات ئاچقان بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تەكرار دىسكونت بېجىرىش ئۈچۈن؛

( 4 ) سودا بانكىسىغا قەرز پۇل بېرىش؛

( 5 ) ئاشكارا بازاردا دۆلەت زايومى، باشقا ھۆكۈمەت زايومى، پۇل مۇئامىلە زايومى ۋە تاشقى پېرېۋوت ئېلىپ-سېتىش؛

( 6 ) گوۋۇيۈەن بېكىتكەن باشقا پۇل سىياسىتى قوراللىرى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن پۇل سىياسىتى قورالىنى ئىشلەتكەندە، كونكرېت شەرت ۋە تەرتىپنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

24-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرىدۇ.

25-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ۋاكالىتەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا زايوم ۋە باشقا ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىش، نەقلەشتۈرۈشنى تەشكىللىسە بولىدۇ.

26-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېھتىياجغا قاراپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن ھېسابات ئاچسا بولىدۇ، لېكىن بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ھېساباتىدىن چىقىم قىلىشقا بولمايدۇ.

27-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ھېسابات ئېنىقلاش سىستېمىسىنى تەشكىللىشى ياكى تەشكىللىشىگە ھەمكارلىشىشى، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارا ھېسابات ئېنىقلاش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى، ھېسابات ئېنىقلاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
كونكرېت چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بېكىتىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەن بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە چىقىم راسچوت قائىدىسىنى تۈزدى.

28-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سودا بانكىلىرىغا بېرىلىدىغان قەرز پۇلنىڭ سوممىسى، مۇددىتى، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۇسۇلىنى بەلگىلىسە بولىدۇ، لېكىن قەرز پۇل مۇددىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

29-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن چىقىم قىلسا بولمايدۇ، دۆلەت زايومى ۋە باشقا ھۆكۈمەت زايومىنى بىۋاسىتە سېتىۋالسا، سېتىپ بېرىشنى ھۆددە قىلسا بولمايدۇ.

30-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قەرز پۇل بەرسە، بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قەرز پۇل بەرسە بولمايدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە كېپىللىك بەرسە بولمايدۇ.

5-باب پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

31-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە كۆزىتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىغا قارىتا ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

32-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

( 1 ) ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

( 2 ) جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاھىدە قەرز پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلار؛

( 3 ) خەلق پۇلىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش قىلمىشى؛

( 4 ) بانكىلار ئارا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قەرز ئېلىش بازىرى، بانكىلار ئارا زايوم بازىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

( 5 ) تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

( 6 ) ئالتۇن باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

( 7 ) جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھەرىكىتى؛

( 8 ) ھېسابات ئېنىقلاشنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

( 9 ) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش قىلمىشى.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالاھىدە قەرز پۇلى گوۋۇيۈەن قارار قىلغان، جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تارقىتىدىغان ئالاھىدە مەقسەتكە ئىشلىتىدىغان قەرز پۇلنى كۆرسىتىدۇ.

33-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بانكىچىلىق-نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بانكىچىلىق-پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.
گوۋۇيۈەن بانكىچىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

34-ماددا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا چىقىم قىلىش قىيىنچىلىقى كۆرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغاندا، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

35-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بانكىچىلىق-پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن زۆرۈر مۈلۈك قەرز جەدۋىلى، پايدا جەدۋىلى، شۇنىڭدەك باشقا مالىيە-بوغالتىرلىق، ئىستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ماتېرىياللارنى يوللاشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن نازارەت قىلىش-قۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

36-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەملىكەت بويىچە پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى، مەلۇمات جەدۋىلىنى بىرتۇتاش تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىدۇ.

37-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى شۇ سىستېمىنىڭ تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىچكى نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

6-باب مالىيە-بوغالتىرلىق

38-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇستەقىل مالىيە خامچوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خامچوتى گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەركەز خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

39-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلىدىكى كىرىمىدىن شۇ يىللىق چىقىم چىقىرىۋېتىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن نىسبەت بويىچە ئومۇمىي تەييارلىق فوندى ئېلىنغاندىن كېيىنكى ساپ پايدا تولۇق مەركەز مالىيەسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى تارتقان زىياننى مەركەز مالىيەسى پۇل ئاجرىتىپ تولدۇرىدۇ.

40-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىمى ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ۋە مالىيە تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

41-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، مۈلۈك قەرز جەدۋىلى، زىيان جەدۋىلى ۋە ئالاقىدار مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تۈزۈشى ھەمدە يىللىق دوكلات تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بوغالتىرلىق يىلى مىلادىيە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

42-ماددا خەلق پۇلىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ياسىۋالغان خەلق پۇلىنى ساتقان ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توشۇغانلار جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

43-ماددا خەلق پۇلىنى سېتىۋالغان، ئۆزگەرتكەن ياكى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان، ئىشلەتكەنلەر جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

44-ماددا تەشۋىقات بۇيۇملىرى، نەشر بۇيۇملىرى ياكى باشقا تاۋارلاردا خەلق پۇلى نۇسخىسىنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەرنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن خەلق پۇلى نۇسخىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىشى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشى، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشى كېرەك.

45-ماددا چەك بېلىتىنى بېسىپ، سېتىپ، خەلق پۇلى ئورنىدا بازاردا ئوبوروت قىلغانلارنى جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇشى ھەمدە 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشى كېرەك.

46-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا جازا بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛
ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا جازالاش بەلگىلىمىسى چىقىرىلمىغانلارغا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

47-ماددا دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

48-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :

( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بەرگەنلەر؛

( 2 ) ئورۇن ۋە شەخسكە كېپىللىك بەرگەنلەر؛

( 3 ) تارقىتىش فوندىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋالغانلار.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ زىيان سالغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قىسمەن ياكى بارلىق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

49-ماددا يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قەرز پۇل بېرىش ياكى كېپىللىك بېرىشكە زورلىغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
زىيان سالغانلار زىياننى قىسمەن ياكى تولۇق تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

50-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتىنى ياكى بىلگەن سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

51-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

52-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلغان سودا بانكىسى، شەھەر ئىناۋەت كوپىراتىپى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق ئاممىۋى ئامانەت پۇلنى قوبۇل قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قۇرۇلغان پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتى، مالىيە شىركىتى، پۇل مۇئامىلە ئىجارە شىركىتى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

53-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.