( 2001-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 12 – ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2021-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىغا ئاساسەن 30-قېتىملىق يىغىندا ماقۇللانغان
«< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»غا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب نوپۇس تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش
3-باب تۇغۇتنى تەڭشەش
4-باب مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت
5-باب پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى.
دۆلەت ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، نوپۇس سانىنى تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەڭپۇڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەت تەشۋىق-تەربىيە، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت، مۇكاپات ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا تايىنىپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
3-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش خىزمىتىدە مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق يۈرگۈزۈشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.
سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
5-ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
7-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.
8-ماددا دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
2-باب نوپۇس تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش
9-ماددا گوۋۇيۈەن نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.
10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش كۈندىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شەھەرلەرنىڭ كوچا باشقارمىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
11-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىدە نوپۇس سانىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ۋە بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، ئائىلە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىشى كېرەك.
12-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئورگان، قىسىم، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار شۇ ئورۇننىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
13-ماددا سەھىيە-ساغلاملىق، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەلق ئىشلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇلدا فىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىق تەربىيەسى، ياشلىق مەزگىلى تەربىيەسى ياكى جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
14-ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى ئاساس قىلىنىدۇ.
15-ماددا دۆلەت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.
دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئىئانە بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىشىغا، تۇتۇۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16-ماددا دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
3-باب تۇغۇتنى تەڭشەش
17-ماددا پۇقرالارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقى بار، قانۇن بويىچە پىلانلىق پەرزەنتلىك بولۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار، ئەر-خوتۇن پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈشتە ئورتاق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
18-ماددا دۆلەت مۇۋاپىق ياشتا ئۆيلىنىش-پەرزەنت كۆرۈش، سۈپەتلىك تۇغۇش-سۈپەتلىك تەربىيەلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ.
قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنىڭ قايتا پەرزەنت تۇغدۇرۇشى تەلەپ قىلىنسا بولىدۇ.
كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ياكى ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.
ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئارىسىدىكى قايتا پەرزەنت كۆرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، ئالاقىدارلارغا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە تەتبىقلىنىدۇ.
19-ماددا دۆلەت شارائىت يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت تىزگىنلەش تەدبىرىنى تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە تۇغۇت تىزگىنلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىشتا، ئوپېراتسىيە قىلىنغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
20-ماددا تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇن پىلانلىق تۇغۇت، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، ھامىلىدارلىقنى ئارزۇ قىلمىغان بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ.
21-ماددا پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈرلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېرەكلىك خىراجەت دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالەتلەندۈرىدۇ.
22-ماددا قىز بوۋاق تۇغقان ئاياللارنى ۋە تۇغمىغان ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ.
قىز بوۋاقلارنى كەمسىتىش، خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
4-باب مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت
23-ماددا دۆلەت پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئەر-خوتۇنلارنى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلايدۇ.
24-ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەت سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا پايدىلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
25-ماددا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن پەرزەنت كۆرگەن ئەر-خوتۇن تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش مۇكاپاتى ياكى باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىغا ئېرىشسە بولىدۇ.
دۆلەت شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا ئاتا-ئانىلارغا بالا بېقىش دەم ئېلىشى بېرىشنى قوللايدۇ.
26-ماددا ئاياللار ھامىلىدار بولغان، تۇغقان ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ياردەم ۋە تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدۇ.
دۆلەت ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تۇغۇت سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزگەن ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پۇقرالار پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
27-ماددا دۆلەت مالىيە، باج، سۇغۇرتا، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلىنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.
28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىرىك پىلان، يەر، تۇرالغۇ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش-تەربىيەلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بوۋاقلار-بالىلار ئائىلىلىرىنىڭ مۇلازىمەتكە ئېرىشىشى ۋە ئادىللىقىنى ئۆستۈرىدۇ.
دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بالىلار باغچىسى ۋە ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، مەھەللىلەرنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مۇلازىمىتى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش جەريانىدا، دائىملىق ئاھالە كۆلىمىگە ئۇيغۇنلاشقان بوۋاقلار-بالىلار پائالىيەت سورۇنى ۋە يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى كېرەك.
ئاممىۋى سورۇن ۋە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆپرەك بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئانا-بالىلار ئەسلىھەسىنى سەپلەپ، بالىلارنى بېقىش، ئېمىتىشكە قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئائىلىلەردە بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىلەرنىڭ بالىنى ئىلمىي تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، غىزالىنىش، ئوزۇقلىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش قاتارلىق ساغلاملىق يېتەكچىلىكى قىلىشى كېرەك.
31-ماددا دۆلەت بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بىر پەرزەنت كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆمۈر بويى بىرلا پەرزەنت كۆرۈشنى خالايدىغان ئەر-خوتۇنلارغا دۆلەت «يالغۇز پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسى شەرەپ گۇۋاھنامىسى»بېرىدۇ.
«يالغۇز پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسى شەرەپ گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشكەن ئەر-خوتۇنلار دۆلەت ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يالغۇز پەرزەنتىنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
قانۇن-نىزاملار ياكى قائىدىلەردە «يالغۇز پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسى شەرەپ گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشكەن ئەر-خوتۇن مۇكاپاتىنى بېرىش تەدبىرىنى شۇ ئورۇن ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئىجرا قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلەت بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بىر پەرزەنت كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەزگىلدە، بەلگىلىمە بويىچە پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارنى مۇكاپاتلاش، يۆلەش-ياردەم بېرىشتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرى ئالاقىدار مۇكاپاتلاش، يۆلەش ۋە ياردەم بېرىشتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ياشانغانلار پاراۋانلىقى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر بولغانلىرىنى ئالدىن تاللاش ۋە ئېتىبار بېرىش كېرەك.
32-ماددا «يالغۇز پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشكەن ئەر-خوتۇنلاردىن يالغۇز پەرزەنتى تاسادىپىي مېيىپ بولۇپ قالغان، ئۆلۈپ كەتكەنلىرى بەلگىلىمە بويىچە يار-يۆلەك بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، روھىي تەسەللى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە يار-يۆلەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ.
33-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مەبلەغ، تېخنىكا، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللايدۇ، ئېتىبار بېرىدۇ؛
پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى بېرىش، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئېتىبار بېرىلىدۇ.
34-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ياكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.
5-باب پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى
35-ماددا دۆلەت تويدىن بۇرۇنقى ساقلىقنى ساقلاش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياكى ئۇنى ئازايتىپ، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
36-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
37-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى تۇغۇت يېشىدىكى كىشىلەر توپىغا قارىتا سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش بىلىملىرى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا ھامىلىدارلىق مەزگىلى، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پىلانلىق تۇغۇت، سۈپەتلىك تۇغۇش-سۈپەتلىك تەربىيەلەش، كۆپىيىش ساغلاملىقىنى ساقلاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھامىلىدار بولماسلىق-تۇغماسلىق كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
38-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى خادىملىرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان پۇقرالارنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر يېڭى تېخنىكا، يېڭى دورا-سايمانلارنى تەتقىق قىلىش، قوللىنىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.
39-ماددا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ غەيرىي تېببىي ئېھتىياج بولغان ھامىلىنىڭ جىنسىنى باھالاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛
غەيرىي تېببىي ئېھتىياجغا ئاساسەن جىنس تاللاپ ھامىلىدارلىقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا توختىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
40-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئالتە ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەسلىدىكى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
( 1 ) باشقىلارغا قانۇنسىز ھالدا پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلار؛
( 2 ) ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تېببىي ئېھتىياجسىز ھامىلىنىڭ جىنسىنى باھالاتقان ياكى باشقا ئۇسۇلدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرغانلار.
41-ماددا ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىدىن ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتىدا بوۋاقلار، بالىلارنى خورلاش قىلمىشى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بوۋاقلار، بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن ئۆمۈر بويى شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
42-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىپ ياكى قۇتقۇزۇش، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
43-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ :
( 1 ) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار؛
( 2 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار؛
( 3 ) پارا سورىغان، پارا ئالغانلار؛
( 4 ) پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتىنى تۇتۇپ قالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان، خىيانەت قىلغانلار؛
( 5 ) نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى يالغان مەلۇم قىلغان، يوشۇرغان، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى رەت قىلغانلار.
44-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇشقا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
45-ماددا سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇلى تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە توسىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
46-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش جەريانىدا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
47-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش كونكرېت چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.
48-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.