( 2010-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب خەلق مۇرەسسە كومىتېتى
3-باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى
4-باب مۇرەسسە تەرتىپى
5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن خەلق مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەلئارا ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەلق مۇرەسسەسى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ قايىل قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا ئىختىيارىي مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلئارا ماجىرالارنى ھەل قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك :
( 1 ) ئالاقىدارلار ئىختىيارىي، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىش؛
( 2 ) قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق؛
( 3 ) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىش سەۋەبلىك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە كېسىم، مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشىنى توسۇشقا بولمايدۇ.
4-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ.
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
6-ماددا دۆلەت خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى زۆرۈر قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ۋە خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك.
2-باب خەلق مۇرەسسە كومىتېتى
7-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدىغان قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر.
8-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ.
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئېھتىياجغا قاراپ خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ.
خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئۈچتىن توققۇزغىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدا بىر مۇدىر تەسىس قىلىنىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن بىرقانچە كىشى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.
خەلق مۇرەسسە كومىتېتىدا ئاياللار بولۇشى، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئادەم سانى بىرقەدەر ئاز مىللەتتىن بولغان ئەزالار بولۇشى كېرەك.
9-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى، شەھەر ئاھالە يىغىنى سايلاپ چىقىدۇ؛
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا تەسىس قىلىنغان خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ئۇدا سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.
10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىشى ھەمدە خەلق مۇرەسسە كومىتېتى، شۇنىڭدەك خادىملارنىڭ تەشكىللىنىش ۋە تەڭشىلىش ئەھۋالىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
11-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تۈرلۈك مۇرەسسە خىزمىتى تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
12-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىش بېجىرىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە زۆرۈر خىزمەت خىراجىتى بېرىشى كېرەك.
3-باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى
13-ماددا خەلق مۇرەسسەچىسىنى خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەكلىپ قىلغان خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ.
14-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئادىل، دۇرۇس، قىزغىن ئىشلەيدىغان ھەمدە بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە، سىياسەت سەۋىيەسىگە ۋە قانۇن بىلىملىرىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەن پۇقرا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.
15-ماددا خەلق مۇرەسسە خادىملىرىدىن مۇرەسسە خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق خەلق مۇرەسسە كومىتېتى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى سايلىغان ياكى تەكلىپ قىلغان ئورۇن قالدۇرۇۋېتىدۇ ياكى بوشىتىدۇ :
( 1 ) ئالاقىدارغا يان باسقانلار؛
( 2 ) ئالاقىدارلارنى ھاقارەتلىگەنلەر؛
( 3 ) پۇل-مال ئۈندۈرۈۋالغان، ئالغان ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر؛
( 4 ) ئالاقىدارلارنىڭ شەخسىي سىرى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.
16-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش بويىچە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك؛
مۇرەسسە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر داۋالاش، تۇرمۇش ياردىمى بېرىشى كېرەك؛
خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئورنىدا قۇربان بولغان خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ جورىسى، پەرزەنتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
4-باب مۇرەسسە تەرتىپى
17-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە كومىتېتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛
خەلق مۇرەسسە كومىتېتىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.
دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ مۇرەسسە قىلىشنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ.
18-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق مۇرەسسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا باب كېلىدىغان ماجىرالارنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن دەۋالاشقۇچىلارغا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
19-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر ياكى بىر قانچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى مۇرەسسە قىلىشقا بەلگىلەپ قويسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار بىر ياكى بىر نەچچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللاپ مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ.
20-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارنىڭ تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى، خىزمەتداشلىرىنى مۇرەسسەگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، مەخسۇس بىلىم، مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە خادىملارنى ياكى ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرىنى مۇرەسسەگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
خەلق مۇرەسسە كومىتېتى شۇ جايدىكى ئادىل، دۇرۇس، قىزغىن مۇرەسسە قىلىدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان جەمئىيەت زاتلىرىنىڭ مۇرەسسەگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ.
21-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى چۈشىنىپ، داۋلى چۈشەندۈرۈپ، ئادىللىقنى ياقلىشى كېرەك.
ئەلئارا ماجىرالارنى ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە مۇرەسسە قىلىپ، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
22-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا قاراپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ بايانىنى تولۇق ئاڭلاپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يول قويۇشى ئاساسىدا ماجىرا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدارلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.
23-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :
( 1 ) خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللاش ياكى قوبۇل قىلىش؛
( 2 ) مۇرەسسەنى قوبۇل قىلىش، مۇرەسسەنى رەت قىلىش ياكى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛
( 3 ) مۇرەسسەنى ئاشكارا قىلىش ياكى ئاشكارا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىش؛
( 4 ) ئارزۇسىنى ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىش.
24-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ :
( 1 ) ماجىرا پاكىتلىرىنى ئەينەن بايان قىلىش؛
( 2 ) مۇرەسسە نەق مەيدان تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى ھۆرمەتلەش؛
( 3 ) قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىش.
25-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا ماجىرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزسە، قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛
ئامانلىق دېلوسى، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالارنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.
26-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلارغا قانۇن بويىچە كېسىم، مەمۇرىي، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
27-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك.
خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە خىزمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، مۇرەسسە تىزىملاش، مۇرەسسە خىزمىتى خاتىرىسى، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئارخىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى
28-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولسا، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تۈزسە بولىدۇ.
ئالاقىدارلار مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تۈزۈش ھاجەتسىز دەپ قارىسا، ئاغزاكى كېلىشىم شەكلىنى قوللانسا بولىدۇ، خەلق مۇرەسسەچىلىرى كېلىشىمدىكى مەزمۇننى خاتىرىلىشى كېرەك.
29-ماددا مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلسا بولىدۇ :
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛
( 2 ) ماجىرانىڭ ئاساسلىق پاكىتى، تالاش-تارتىش بولغان ئىشلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جاۋابكارلىقى؛
( 3 ) ئالاقىدارلار ھاسىل قىلغان مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى، ئادا قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە مۇددىتى.
مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ئالاقىدارلار ئىمزا قويغان، تامغا باسقان ياكى بارماق باسقان، خەلق مۇرەسسەچىسى ئىمزا قويغان ھەمدە خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىنى ئالاقىدارلار بىردىن ئالىدۇ، خەلق مۇرەسسە كومىتېتى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.
30-ماددا ئاغزاكى مۇرەسسە كېلىشىمى ھەرقايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
31-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان مۇرەسسە كېلىشىمى قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئالاقىدارلار پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
32-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار ئارىسىدا مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
33-ماددا خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇرەسسە كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىرلىكتە ئەدلىيەلىك مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەن، بىر تەرەپ ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، دەۋالاشقۇچىلار خەلق مۇرەسسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسلىي مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئۆزگەرتسە ياكى يېڭى مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
34-ماددا يېزا-بازار، كوچا شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى باشقا تەشكىلات ئېھتىياجغا قاراپ مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ خەلق مۇرەسسە كومىتېتى قۇرۇپ، ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.
35-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.