( 2008-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا دۆلەت مۈلكى قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات
3-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار
4-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ۋە باھالاش
5-باب دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلار
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
2-پاراگراف كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش
3-پاراگراف ئالاقىدار تەرەپ بىلەن بولغان سودا
4-پاراگراف مۈلۈك باھالاش
5-پاراگراف دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش
6-باب دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى
7-باب دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، دۆلەت ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى ( تۆۋەندە دۆلەت مۈلكى دېيىلىدۇ ) دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا ھەر خىل شەكىلدىكى مەبلەغ چىقىرىشىدىن شەكىللەنگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
دۆلەت مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
گوۋۇيۈەن بېكىتكەن خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مەبلەغ چىقىرىدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانىلار، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە مۇھىم تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ.
دۆلەت مەبلەغ چىقارغان باشقا كارخانىلارغا يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ.
5-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، شۇنىڭدەك دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنى كۆرسىتىدۇ.
6-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ئىجتىمائىي ئاممىۋى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بىلەن دۆلەت مۈلكى مەبلەغ چىقارغۇچىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئايرىش، كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
7-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرىدۇ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ تىزگىنلىنىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
8-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى سىناش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ مىقدارىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
9-ماددا دۆلەت دۆلەت مۈلكىنى ئاساس قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
كونكرېت چارە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈلىدۇ.
10-ماددا دۆلەت مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
2-باب مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات
11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرىغا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجغا قاراپ، باشقا تارماقلار، ئاپپاراتلارغا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا قارىتا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.
شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات، تارماقلار تۆۋەندە قىسقارتىپ مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات دەپ ئاتىلىدۇ.
12-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا قارىتا قانۇن بويىچە مۈلۈك پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش، مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق مەبلەغ چىقىرىش ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا نىزامنامىسىنى تۈزىدۇ ياكى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت دەپ بەلگىلىگەن، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.
13-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەت ئاچقان پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا، ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتكەن ئاپپاراتنىڭ يوليورۇقى بويىچە تەكلىپ بېرىشى، پىكىر ئېلان قىلىشى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتكەن ئورگانغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
14-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسى بويىچە ئادا قىلىپ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات كارخانىلارنىڭ بازار سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك.مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندىن باشقا، كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ.
15-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ نازارىتى ۋە باھالىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دۆلەت مۈلكىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشى، پايدىسى قاتارلىقلارنى جەملەپ تەھلىل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.
3-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار
16-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكى، كۆچمەس مۈلكى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسى بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
17-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە يولغا قويغان باشقۇرۇشى ۋە نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەبلەغ چىقارغۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى قانۇن بويىچە بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىچكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
18-ماددا دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بوغالتىرلىق-راسچوت دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بوغالتىرلىق-ھېسابات قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىنى ھەقىقىي، مۇكەممەل مالىيە، بوغالتىرلىق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىغا پايدا تەقسىملەپ بېرىشى كېرەك.
19-ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ.
دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەيىنلەپ نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەشكىللەيدۇ.
دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرىدىكى نازارەتچىلىك كومىتېتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇدىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ، كارخانا مالىيەسىنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ.
20-ماددا دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
21-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار ئۆزى مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردا قانۇن بويىچە مۈلۈكتىن مەنپەئەتلىنىش، مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە باشقۇرغۇچى قاتارلىق مەبلەغ چىقارغۇچىلارنى تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرى مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا قارىتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغان كارخانا نىزامنامىسىنى تۈزۈش ياكى تۈزۈشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان كارخانىنى ئىچكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
4-باب دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ۋە باھالاش
22-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردىكى تۆۋەندىكى خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ ياكى تەيىنلەش-قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ :
( 1 ) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىنىڭ دىرېكتورى، مۇئاۋىن دىرېكتورلىرى، مالىيە مەسئۇللىرى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش؛
( 2 ) دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇدىرلىرى، مۇدىرى، نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە نازارەتچىلىكىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛
( 3 ) دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىغا مۇدىر، نازارەتچىلىك نامزاتىنى كۆرسىتىش.
دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدىغان مۇدىر، نازارەتچىلەر ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
23-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەشنى تەۋسىيە قىلغان مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :
( 1 ) ياخشى ئەخلاقلىق بولۇش؛
( 2 ) خىزمەت ئورنى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي بىلىم ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولۇش؛
( 3 ) مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلالايدىغان بەدەن شارائىتى بولۇش؛
( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملاردا ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.
24-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات تەيىنلىنىدىغان ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بېرىدىغان مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار نامزاتىنى بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.
تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تەيىنلەيدۇ ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بېرىدۇ.
25-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
26-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە كارخانا نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، كارخانا ئۈچۈن سادىق مەجبۇرىيىتى ۋە تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالسا ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىم ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشسە، كارخانا مۈلكىنى ئىگىلىۋالسا، ئىشلىتىۋالسا بولمايدۇ،
كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى تەرتىپكە خىلاپ ھالدا قارار قىلىشقا، دۆلەت مۈلكى چىقارغان مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
27-ماددا دۆلەت دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات ئۆزى تەيىنلىگەن كارخانا باشقۇرغۇچىنى يىللىق ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش-جازالاشنى قارار قىلىشى كېرەك.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆزى تەيىنلىگەن دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىشى كېرەك.
28-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق تەپتىشلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
29-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 2 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە، يۇقىرىقى كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى باھالايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.
5-باب دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلار
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
30-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار بىرلىشىش، بۆلۈنۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، پېيىنى بازارغا سېلىش، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتالنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، زايوم تارقىتىش، زور مەبلەغ سېلىش، باشقىلارغا زور سوممىلىق كېپىللىك بېرىش، زور مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كۆپ سوممىلىق ئىئانە قىلىش، پايدا تەقسىملەش، شۇنىڭدەك تارقىتىۋېتىش، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىشلاردا
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك، مەبلەغ چىقارغۇچى ۋە ھەقدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
31-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرى بىرلەشكەندە، بۆلۈنگەندە، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال كۆپەيتىلىدۇ ياكى كېمەيتىلىدۇ، زايوم تارقىتىلىدۇ، پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تارقىتىۋېتىلىدۇ، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىنىدۇ، بۇنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات بەلگىلەيدۇ.
32-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسى ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت شېرىكسەن كارخانىلىرىنى كارخانا مەسئۇلى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ،
بىر تەرەپ مەبلەغ سالغان دۆلەت شىركىتىنى مۇدىرىيەت بەلگىلەيدۇ.
33-ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتلەردە مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار بولسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەتنىڭ پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت بەلگىلەيدۇ.
پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.
34-ماددا مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، تارقىتىۋېتىش، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن مۇھىم، زور ئىشلاردا،
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قارار چىقىرىش ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرىگە يوليورۇق بېرىشتىن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
35-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش، تەستىقلىتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
36-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا سالغان مەبلەغ دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛
باشقىلار بىلەن ئادىل، ھەقلىق سودىلىشىپ، مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىش كېرەك.
37-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئايرىش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىشلاردا، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش كېرەك.
38-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ئۆزى مەبلەغ چىقارغان كارخانا توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئىشلاردا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىدۇ.
كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
2-پاراگراف كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش
39-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ :
( 1 ) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىنى دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىگە ئۆزگەرتىش؛
( 2 ) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىگە ياكى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول شىركىتىگە ئۆزگەرتىش؛
( 3 ) دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول شىركىتىگە ئۆزگەرتىش.
40-ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قارار قىلىدۇ ياكى شىركەت پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلىدۇ.
مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات قارار چىقىرىش ياكى ئۇنى دۆلەت كاپىتالى پاي تىزگىنلەش شىركىتىنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرىگە يوليورۇق بېرىشتىن بۇرۇن، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.
41-ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى تۈزۈش، تۈزۈلمىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كارخانىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، كارخانا مۈلكى ۋە ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى، تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش مەشغۇلات تەرتىپى، مۈلۈك باھالاش ۋە مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چېتىلسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنىمۇ تۈزۈش ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
42-ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، بەلگىلىمە بويىچە مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش، مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، مۈلۈكنى باھالاش، مۈلۈكنىڭ دائىرىسىنى توغرا بېكىتىش ۋە ئېنىقلاش، مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل بېكىتىش كېرەك.
كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش كارخانىنىڭ ماددىي بۇيۇم، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پۇلدىن باشقا مال-مۈلكىنى دۆلەت كاپىتالىنىڭ مەبلىغى ياكى پېيىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا چېتىلسا، باھاغا سۇندۇرۇلىدىغان مال-مۈلۈكنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاپ، باھانى باھالاپ بېكىتىشنى دۆلەت كاپىتالى چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ياكى پاي مىقدارىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.
مال-مۈلۈكنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇشقا ياكى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
3-پاراگراف ئالاقىدار تەرەپ بىلەن بولغان سودا
43-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا چېتىلغۇچىلار دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار بىلەن بولغان سودىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق نەپ ئېلىپ، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالاقىدار تەرەپ شۇ كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك شۇ خادىملارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىنىدىغان كارخانىنى كۆرسىتىدۇ.
44-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ئالاقىدار تەرەپكە مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك ھەقسىز تەمىنلەپ بەرسە بولمايدۇ، ئالاقىدار تەرەپ بىلەن ئادىل بولمىغان باھادا سودا قىلسا بولمايدۇ.
45-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :
( 1 ) باغلىنىشلىق تەرەپ بىلەن مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قەرز پۇل بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش؛
( 2 ) ئالاقىدار تەرەپكە كېپىللىك بېرىش؛
( 3 ) ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ كارخانا قۇرۇش ياكى مۇدىر، نازارەتچى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان كارخانىغا مەبلەغ سېلىش.
46-ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي قوشقان شىركەتنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان سودىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملار، شۇنىڭدەك شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
شىركەت پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.
شىركەت مۇدىرىيىتى شىركەت بىلەن ئالاقىدار تەرەپنىڭ سودىسى توغرىسىدا قارار چىقارغاندا، شۇ سودىغا چېتىلىدىغان مۇدىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ، باشقا مۇدىرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىمۇ بولمايدۇ.
4-پاراگراف مۈلۈك باھالاش
47-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى بىرلىشىش، بۆلۈنۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىم، زور مال-مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پۇلدىن باشقا مال-مۈلۈك بىلەن سىرتقا مەبلەغ سېلىش، ھېسابات ئېنىقلاش ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدە مۈلۈكنى باھالاش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاش كېرەك.
48-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىغا مۈلۈك باھالاشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك؛
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتقا قارار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا چېتىلسا، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىنغان ئەھۋالنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتقا دوكلات قىلىشى كېرەك.
49-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىنى ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ باھالاپ باھا قويسا بولمايدۇ.
50-ماددا مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك مۈلۈكنى ھاۋالىلىك باھالاشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مىزانىغا رىئايە قىلىشى، ھاۋالە قىلىنىپ باھالانغان مۈلۈكنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالىشى كېرەك.
مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ئۆزى چىقارغان باھالاش دوكلاتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
5-پاراگراف دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش
51-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا مەبلەغ چىقىرىشتىن شەكىللەنگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرگە قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ؛
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت مۈلكىنى ھەقسىز ئاجرىتىپ ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
52-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇشى، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، سودىلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
53-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات بارلىق دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلغان ياكى قىسمەن دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ شۇ كارخانىنى پاي كونترول قىلىش ئورنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.
54-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تەڭ باھادا ھەقلىق بولۇش ۋە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىۋاسىتە كېلىشىم تۈزۈپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قانۇن بويىچە قۇرۇلغان مۈلۈك ھوقۇقى سودا ئورنىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئۆتۈنگۈچى تەرەپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئاشكارىلاپ، ئۆتۈنگۈچى تەرەپتىن توپلىشى كېرەك؛
توپلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئۆتۈنۈلگۈچى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئاشكارا رىقابەتلىك باھا قويۇش سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
پېيى بازارغا سېلىنىپ سودا قىلىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان پاي «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
55-ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇن بويىچە باھالانغان، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئېتىراپ قىلغان ياكى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقان باھانى ئاساس قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك.
56-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ياكى شۇ خادىملارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان كارخانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە يۇقىرىقى خادىملار ياكى كارخانا قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان بولسا،
باشقا قوبۇل قىلىنغۇچىلار بىلەن باراۋەر سېتىۋېلىش كېرەك؛
ئۆتۈنگۈچى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئاشكارىلىشى كېرەك؛
ئالاقىدار مۇدىر، نازارەتچىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ئۆتۈنۈپ بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قاتناشسا بولمايدۇ.
57-ماددا دۆلەت مۈلكىنى چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
6-باب دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى
58-ماددا دۆلەت دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېرىشكەن دۆلەت كاپىتالى كىرىمى ۋە ئۇنىڭ چىقىمىنى خامچوت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
59-ماددا دۆلەت ئېرىشكەن تۆۋەندىكى دۆلەت كاپىتالى كىرىمى، شۇنىڭدەك تۆۋەندىكى كىرىم چىقىمىدا دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى تۈزۈش كېرەك :
( 1 ) دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردىن تەقسىم قىلىنغان پايدا؛
( 2 ) دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى؛
( 3 ) دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىدىن ئالغان ھېسابات ئېنىقلاش كىرىمى؛
( 4 ) باشقا دۆلەت كاپىتالى كىرىمى.
60-ماددا دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى يىل بويىچە ئايرىم تۈزۈلۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيىغا تەستىقلىتىلىدۇ.
دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت چىقىمى شۇ يىللىق خامچوت كىرىم كۆلىمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قىزىل رەقەمگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
61-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات مالىيە تارمىقىغا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
62-ماددا دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتىنى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم-باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
7-باب دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش
63-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش ئارقىلىق، بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.
64-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
65-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك ئوبيېكتىغا تەۋە دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ.
66-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتكە دۆلەت مۈلكى ئەھۋالى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دۆلەت مۈلكىگە زىيان سېلىش قىلمىشىنى پاش قىلىش ۋە ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
67-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات ئېھتىياجغا قاراپ، بوغالتىرلىق ئورنىغا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ يىللىق مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارىنى ماقۇللىسا بولىدۇ.
دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتى بوغالتىرلىق ئورنىنى شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
68-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
( 1 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئەمەل قىلماي، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەنلەر؛
( 2 ) دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى ياكى يۇقىرىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك دۆلەت كاپىتال كىرىمىنى ئىگىلىۋالغان، قىسىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، تەرتىپكە خىلاپ ھالدا، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى قارار قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
( 4 ) مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار.
69-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپاراتنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىمۇ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
70-ماددا مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىك ۋەكىللىرى ئەۋەتكەن ئاپپاراتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
دۆلەت خادىملىرىغا تەۋە بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
71-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
دۆلەت خادىملىرىغا تەۋە بولسا ھەمدە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
( 1 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىم ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر؛
( 2 ) كارخانا مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
( 3 ) كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلار داۋامىدا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە ئادىل سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا مال-مۈلكىنى تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرغانلار؛
( 4 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ كارخانا بىلەن سودىلاشقانلار؛
( 5 ) مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، بوغالتىرلىق ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلەپ بەرمىگەن ياكى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ۋە بوغالتىرلىق ئورنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا مۈلۈك باھالاش دوكلاتى، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى چىقارمىغانلار؛
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كارخانا نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا، كارخانىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى قارار قىلغانلار؛
( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە كارخانا نىزامنامىسىگە خىلاپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.
دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدۇ ياكى دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىغا تەۋە بولىدۇ.
مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاپپارات تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەن مۇدىر، نازارەتچىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملاردا مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، دۆلەت مۈلكى زور زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ئاپپارات قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ.
72-ماددا ئالاقىدار تەرەپنىڭ سودىسى، دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق سودا پائالىيەتلىرىگە چېتىلىدىغان سودا پائالىيەتلىرىدە، توختاملاشقۇچىلار يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، بۇ سودا ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.
73-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسا،
ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى بولۇشقا بولمايدۇ؛
دۆلەت مۈلكىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقان ياكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مال-مۈلۈكنى ئىگىلىۋالغان، مال-مۈلكىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان ياكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ دۆلەتنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەتنىڭ شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى بولۇشىغا ئۆمۈر بويى يول قويۇلمايدۇ.
74-ماددا دۆلەتنىڭ مەبلەغ چىقارغان كارخانىسىنىڭ مۈلكىنى باھالاش، مالىيەسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، بوغالتىرلىق ئورنىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە كەسىپكارلىق مىزانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ساختا مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى چىقارغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
75-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
76-ماددا پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
77-ماددا بۇ قانۇن 2009-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.