( 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش
3-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش
4-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ تەمىنلەيدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛
«بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش»فاڭجېنى بويىچە، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك.
4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئاساس، باراۋەرلىك، قولايلىقلىق تەلىپى بويىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
5-ماددا گوۋۇيۈەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، مالىيە ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.
6-ماددا گوۋۇيۈەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى، ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت، ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
8-ماددا دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە كۆچمە ئاھالە قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
10-ماددا دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
11-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
12-ماددا دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
第十三条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织参与公共文化服务。
ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
2-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش
14-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىمارەت، مەيدان ۋە ئۈسكۈنىنى كۆرسىتىدۇ،
ئاساسلىقى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى ( پونكىتى )، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، خاتىرە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئاياللار-بالىلار پائالىيەت مەركىزى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، يېزا-بازار ( كوچا باشقارمىسى ) ۋە كەنت ( مەھەللە ) ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى، دېھقانلار ( ئىشچى-خىزمەتچىلەر ) كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ئاممىۋى گېزىت ئوقۇش تاختىسى ( ئېكران )،
رادىيو-تېلېۋىزىيەدە تارقىتىش، يەتكۈزۈشنىڭ قاپلاش ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمەت نۇقتىسى قاتارلىقلار.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى مۇندەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى شۇ دەرىجىلىك شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، نوپۇس ئەھۋالى، مۇھىت شارائىتى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ،
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈرى، سانى، كۆلىمى ۋە جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەيدان-ساراي مۇلازىمىتى، كۆچمە مۇلازىمەت ۋە رەقەم مۇلازىمىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە تورىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ئورنىنى تاللاشتا، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك، ئۇ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.
16-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش يېرىنى قايتىدىن بېكىتىش كېرەك.
تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئەسلىدىكى كۆلەمدىن كەم بولسا بولمايدۇ.
ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشتا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، ئۆلچەم بويىچە، يانداش ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش كېرەك.
17-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇشتا، قوللىنىشچان، بىخەتەر، ئىلمىي، كۆركەم، مۇھىت ئاسرايدىغان، تېجەشلىك بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلىشىش ھەمدە توسالغۇسىز ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش كېرەك.
18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، بىرلىكتە قۇرۇش، ئىجارىگە بېرىش، ھازىر بار بولغان ئاممىۋى ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېزا-بازار ( كوچا )، كەنت ( مەھەللە ) ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولسا ھەمدە ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرسە بولىدۇ.
19-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز سودا-تىجارەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى چېقىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ فۇنكسىيەسى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش ھەمدە ئاۋۋال قۇرۇلۇش قىلىپ ئاندىن چېقىش ياكى قۇرۇلۇش قىلىپ چېقىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
قايتا قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەسلىھە سەپلىمىسى ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ.
20-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە، زۆرۈر مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىشى ۋە يېڭىلىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى دائىملىق ئاسراش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشى ۋە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
21-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت قائىدىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە مۈلكىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى يىللىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
22-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خادىملىرىنى قانۇن بويىچە سەپلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئامما قاتنىشىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
24-ماددا دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىغا ئاساسەن قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىكى ۋەكىللەر، كەسپىي زاتلار ۋە ئاممىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
25-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قۇرۇشى، ئىئانە قىلىپ قۇرۇشىغا ياكى ھۆكۈمەت تارمىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
26-ماددا ئامما ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىشى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسرىشى كېرەك، ئاممىۋى ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ۋە بۇيۇملارنى بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.
3-باب ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش
27-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بېرىش ۋە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىشى كېرەك.
28-ماددا رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.
29-ماددا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى مۇلازىمەت تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئاممىغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇش، كۆرگەزمە قىلىش، كىنو قويۇش، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش، ئوقۇش مۇلازىمىتى، سەنئەت تەربىيەسى قاتارلىقلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ئاممىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
دۆلەت تىجارەتلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىلىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
30-ماددا ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركەزلىرى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك،
ئاممىغا كىتاب-گېزىت ئوقۇش، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش، شىچۈ تىياتىرى ئورۇنلاش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، رادىيو تارقىتىش، ئالاقە تورىدا تورغا چىقىش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قىلىش ھەمدە فۇنكسىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ باشقا ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىش.
31-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىقتىدارى، ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئاممىغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىپ ئېچىۋېتىش كېرەك.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىشكە ھەق ئېلىشتا، ھەر ئايدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرەللىك ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىش ياكى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىقلارغا ھەق ئېلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛
ئالغان ھەقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇلازىمەت تۈرى ۋە ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛
ئېچىۋېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.
32-ماددا دۆلەت ئورگانلار، مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
33-ماددا دۆلەت ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، ئۆزئارا تۇتاشقان ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقى ئامبىرى قۇرىدۇ، ئاساسىي قاتلام تور مۇلازىمىتىنى ئورتاق قۇرۇش، ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
دۆلەت رەقەملىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشنى قوللاپ، كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورى، كۆچمە ئالاقە تورى، رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تورىدىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋە توردا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
34-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ كۆچمە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
35-ماددا دۆلەت يېزا رايونلىرىدا كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، ئەلنەغمە، كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى، تور ئۇچۇر مەزمۇنى، بايرام تەبرىكلەش پائالىيىتى، تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى نۇقتىلىق كۆپەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېزىلارغا يۈزلەنگەن كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، كىنو قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى، قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
36-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، خادىملار كۆپرەك يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئاممىۋى سورۇنلار، ئىشلىگۈچىلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلار، شۇنىڭدەك ئۆيدە قالغان ئاياللار، بالىلار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن يېزا رايونلىرىغا زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، قولاي ۋە ئومۇملاشقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
37-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىغا، ساغلام، مەدەنىي بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زۆرۈر يېتەكچىلىك، مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك.
38-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
39-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، گازارما مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بېيىتىپ، ئارمىيە-خەلق مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
40-ماددا دۆلەت مىللىي تىل-يېزىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كۈچەيتىدۇ، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنى مىللەتلەر رايونىغا تارقىتىشنى كۈچەيتىدۇ، مىللىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ.
41-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشىغا دائىر يېتەكچى پىكىر ۋە مۇندەرىجىنى تۈزىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېتەكچى پىكىر ۋە مۇندەرىجىگە ئاساسەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، سېتىۋالىدىغان كونكرېت تۈر ۋە مەزمۇننى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
42-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇش، تۈرگە ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش پائالىيىتى قىلىش، ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەش، مەھسۇلات ئىئانە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
43-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەدەنىيەت پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مەدەنىيەت پىدائىيلىق مۇلازىمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەدەنىيەت پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەدەنىيەت پىدائىيلىق پائالىيىتىگە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە باشقۇرۇش-باھالاش، تەلىم-تەربىيە بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش-كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.
44-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
4-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
45-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە دائىر ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
46-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يۆتكىمە چىقىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.
دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
47-ماددا ھەقسىز ياكى ئېتىبارلىق، ئېچىۋېتىلگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
48-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنىڭ كېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.
49-ماددا دۆلەت ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
50-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئارقىلىق ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلەتكەنلىرى قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
دۆلەت ئىئانە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى فوندى تەسىس قىلىشقا، مەخسۇس ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.
51-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، ۋەزىپىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە كۆلىمىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىش ئورنىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىشى، مۇناسىپ كەسپىي خادىم قويۇشى كېرەك.
52-ماددا دۆلەت مەدەنىيەت كەسپىي خادىملىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
53-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى، كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
54-ماددا دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قوللاپ، كۆپ قاتلاملىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.
55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئىستاتىستىكا ئېلانى چىقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.
56-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرۈشتۈرۈش-قايتما ئىنكاس قىلىش تۈزۈمى ۋە ئامما قاتناشقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە سىناش-باھالاش نەتىجىسىنى ياردەم پۇل ياكى مۇكاپاتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.
57-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تەشۋىقاتى ۋە خەۋىرىنى پائال قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
( 1 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
( 2 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئۇنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛
( 3 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا قۇرمىغانلار؛
( 4 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار.
60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان قۇرۇلۇش يېرىنى ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەسئۇل تارمىقى، شەھەر-يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى قارار چىقارغان ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.
61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
( 1 ) ئاممىغا ئېچىۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
( 2 ) مۇلازىمەت تۈرى، ئېچىۋېتىش ۋاقتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېلان قىلمىغانلار؛
( 3 ) بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتمىغانلار؛
( 4 ) باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق سەۋەبىدىن زىيان كېلىپ چىققانلار.
62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى باھا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا 5000 يۈەندىن تۆۋەن تاپاۋەت قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
( 1 ) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىشىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلار؛
( 2 ) ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىگە ھەق ئالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھەق ئالغانلار؛
( 3 ) ئالغان ھەقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلەتمەي، باشقا ئىشقا ئىشلەتكەنلەر.
63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ئىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
64-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
65-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.