( 2005-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى > قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2017-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئاساسەن 1-قېتىمدا تۈزىتىلدى
29-قېتىملىق يىغىننىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيەلەر قانۇنى > قاتارلىق سەككىز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى
3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى
4-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپى
5-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچى
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتلەرنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلۇقىنى ئىسپاتلاش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشتە قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
4-ماددا مەملىكەت بويىچە جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى تەسىس قىلىنىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردۇر.
جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئەزالار قۇرۇلتىيى تۈزىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ قانۇنىيەتلىك تەشكىلاتى بولۇپ، نىزامنامىگە ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ.
5-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى
6-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە قۇرۇلىدىغان، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماي، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى فۇنكسىيەسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىسپات ئاپپاراتىنى كۆرسىتىدۇ.
7-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەر، رايون بار شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى شەھەر تەۋەلىكىدە قۇرسا بولىدۇ؛
رايون بار شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە بىر ياكى بىرقانچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى بويىچە قاتلاممۇقاتلام تەسىس قىلىنمايدۇ.
8-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك :
( 1 ) ئۆزىنىڭ نامى بولۇش؛
( 2 ) مۇقىم سورۇنى بولۇش؛
( 3 ) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇش؛
( 4 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا كېرەكلىك مەبلەغ بولۇش.
9-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتا، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىشىغا سۇنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بېرىدۇ.
10-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كەچۈرمىشى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدا سايلاپ چىقىلىشى، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
11-ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ :
( 1 ) توختام؛
( 2 ) ۋارىسلىق قىلىش؛
( 3 ) ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەت؛
( 4 ) مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش؛
( 5 ) خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش؛
( 6 ) ئۆيلىنىش ئەھۋالى، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى؛
( 7 ) تۇغۇلۇش، ياشاش، ئۆلۈش، سالاھىيەت، كەچۈرمىش، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان، ۋەزىپىسى، ئۇنۋانى، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت خاتىرىسى بار-يوقلۇقى؛
( 8 ) شىركەت نىزامنامىسى؛
( 9 ) دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش؛
( 10 ) ھۆججەتتىكى ئىمزا، باسما، چېسلا، ھۆججەتنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، فوتو باسما نۇسخىسى ئەسلىدىكىگە ماس كېلىش؛
( 11 ) تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بېجىرىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىدىغان باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرى.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن ئىشلاردا، مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
12-ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئىشلارنى بېجىرسە بولىدۇ :
( 1 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تىزىملىتىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلار؛
( 2 ) ساقلاشقا بېرىش؛
( 3 ) ۋەسىيەت، مىراس ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مال-مۈلۈك، بۇيۇم، ھۆججەتنى ساقلاش؛
( 4 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىشلىرى ھۆججىتىنى ۋاكالىتەن يېزىش؛
( 5 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بويىچە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش.
13-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :
( 1 ) ھەقىقىي بولمىغان، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسى بېرىش؛
( 2 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى بۇزۇۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش؛
( 3 ) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىغا تۆھمەت قىلىش ياكى شېرىنكانە بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىگە ئېرىشىش؛
( 4 ) كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛
( 5 ) بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئېلىش؛
( 6 ) قانۇن-نىزاملار، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا قىلمىشلار.
14-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى كەسىپ، مالىيە، مۈلۈك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى خاتالىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
15-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى
16-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكارلارنى كۆرسىتىدۇ.
17-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ سانى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى قويۇش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
18-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇش؛
( 2 ) يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى، 65 ياشتىن تۆۋەن بولۇش؛
( 3 ) ئادىل، دۇرۇس، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، پەزىلىتى ياخشى بولۇش؛
( 4 ) دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشىش؛
( 5 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا پىراكتىكا قىلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ياكى باشقا قانۇن كەسپىدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق كەچۈرمىشى بولغان ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدە پىراكتىكا قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇش، باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇش.
19-ماددا قانۇنشۇناسلىق ئوقۇتۇشى، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئالىي ئۇنۋانىغا ئىگە خادىملار ياكى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سوت، تەپتىش، قانۇنچىلىق خىزمىتى، قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 10 يىل بولغان مەمۇر، ئادۋوكاتلاردىن ئەسلىدىكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولسا بولىدۇ.
20-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇشقا بولمايدۇ :
( 1 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىسە؛
( 2 ) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا ئۇچرىغانلار؛
( 3 ) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛
( 4 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى، ئادۋوكاتلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان بولسا.
21-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولۇشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىم ئىلتىماس قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللۇشىغا سۇنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەيىنلىشىگە يوللايدۇ،
ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
22-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق؛
ئىستېپا بېرىشكە، ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبىسىز ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپسىز بولسا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمايدۇ ياكى جازا بېرىلمەيدۇ.
23-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :
( 1 ) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىرلا ۋاقىتتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش؛
( 2 ) ھەق ئېلىنىدىغان باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش؛
( 3 ) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقىنىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش؛
( 4 ) ئۆز مەيلىچە ئومۇم گۇۋاھنامىسى بېرىش؛
( 5 ) ھەقىقىي بولمىغان، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسى بېرىش؛
( 6 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مەخسۇس بۇيۇملىرىنى ئىگىلىۋېلىش، ئوغرىلاش؛
( 7 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى بۇزۇۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش؛
( 8 ) كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛
( 9 ) قانۇن-نىزاملار، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا قىلمىشلار.
24-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشىغا سۇنىدۇ :
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلار؛
( 2 ) 65 ياشقا توشقان ياكى سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلالمىغانلار؛
( 3 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ۋەزىپىسىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستېپا بەرگەنلەر؛
( 4 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار.
4-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپى
25-ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۇرۇشلۇق جايى، دائىم تۇرۇشلۇق جايى، ھەرىكەت قىلغان جايى ياكى پاكىت يۈزبەرگەن جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا كۆرسەتسە بولىدۇ.
كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كۆچمەس مۈلۈك بار جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا بېرىش كېرەك؛
كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەتنامىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.
26-ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات باشقىلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، لېكىن ۋەسىيەت، ياشاش، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆزى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
27-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى، ھەقىقىي، قانۇنلۇق، تولۇق ئىسپات ماتېرىيالى بېرىشى كېرەك؛
بەرگەن ئىسپات ماتېرىيالى يېتەرلىك بولمىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىشنىڭ قانۇنىي ئەھمىيىتى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىنى ئارخىپقا سېلىپ ساقلىشى كېرەك.
28-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشتە، ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدىكى كىنىشكا بېجىرىش قائىدىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈشى كېرەك :
( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ سالاھىيىتى، شۇ تۈردىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى ۋە مۇناسىپ ھوقۇقى؛
( 2 ) تەمىنلىگەن ھۆججەت مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەل ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكى، مەنىسىنىڭ ئېنىق ياكى ئېنىق ئەمەسلىكى، ئىمزاسى، تامغىسىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكى؛
( 3 ) تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىيالىنىڭ ھەقىقىي، قانۇنلۇق، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى؛
( 4 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغان ئىشلار راست، قانۇنلۇقمۇ-يوق.
29-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىدىغان ئىشلار، شۇنىڭدەك ئالاقىدارلار بەرگەن ئىسپات ماتېرىياللىرىنى گۇۋاھنامە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك قائىدە بويىچە ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە ياكى ئۇنىڭدىن گۇمانلىق بولسا، ئېنىقلىشى ياكى باشقا جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ۋاكالىتەن ئېنىقلاشنى ھاۋالە قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسلەر قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
30-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىلتىماس قىلىپ بېرىلگەن ئىسپات ماتېرىيالى ھەقىقىي، قانۇنلۇق، تولۇق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىدىغان ئىش ھەقىقىي، قانۇنلۇق دەپ قارىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 ئىش كۈنى ئىچىدە ئالاقىدارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى گۇۋاھنامىسىنى بېرىشى كېرەك.
لېكىن، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاش ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، كېتىدىغان ۋاقىت مۇددەت ئىچىدە ھېسابلانمايدۇ.
31-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ :
( 1 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدىغان ۋەسىيسى بولمىسا؛
( 2 ) ئالاقىدارلارنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغان ئىشلار بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولمىسا؛
( 3 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىدىغان ئىشلار كەسپىي تېخنىكىلىق باھالاش، باھالاش ئىشلىرىغا تەۋە بولسا؛
( 4 ) ئالاقىدارلار ئارىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا؛
( 5 ) ئالاقىدارلار پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يوشۇرغان ياكى ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ساختا بەرگەن بولسا؛
( 6 ) ئالاقىدارلار بەرگەن ئىسپات ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا ياكى ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇقلاشنى رەت قىلسا؛
( 7 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغان ئىشلار ھەقىقىي بولمىسا، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا؛
( 8 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغان ئىشلار ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛
( 9 ) ئالاقىدارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەشنى رەت قىلسا.
32-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى گۇۋاھنامىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شەكىلدە ياسىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئىمزا قويۇشى ياكى ئىمزا تامغىسى بېسىشى ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىگە مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىق ئىشلىتىلىشى كېرەك؛
مىللىي ئاپتونوم جايلاردا ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان مىللىي يېزىق نۇسخىسىنى تەييارلاشقا بولىدۇ.
33-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىنى چەت ئەلدە ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، ئىشلەتكۈچى دۆلەت ئاۋۋال ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ( كونسۇلخانىسى ) ئىسپات بېرىشى كېرەك.
34-ماددا ئالاقىدارلار بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى تۆلىشى كېرەك.
قانۇن ياردىمى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توختاملاشقۇچىلارغا قارىتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
35-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىشى كېرەك.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا ساقلاش مۇددىتى توشسا، بەلگىلىمە بويىچە يەرلىك ئارخىپخانىنىڭ ساقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
5-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچى
36-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتلەرنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك، لېكىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
37-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بېرىم مەزمۇن قىلىنغان ھەمدە قەرزدارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ۋەدىسى بېرىلگەن ھەقدارلىق ھۆججىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان بولسا، قەرزدار ئادا قىلمىسا ياكى ئادا قىلىشى مۇۋاپىق بولمىسا، ھەقدار باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدارلىق ھۆججىتىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ ھەمدە كېسىمنامىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
38-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىشلار قانۇن كۈچىگە ئىگە ئەمەس دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
39-ماددا ئالاقىدارلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدىكى مەنپەئەتدارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىدە خاتالىق بار دەپ قارىسا، شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى گۇۋاھنامىسى بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى سۇنسا بولىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ بولسا ياكى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمىسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىنى بىكار قىلىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك، بۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسى باشتىلا ئىناۋەتسىز؛
ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىدە باشقا خاتالىق بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك.
40-ماددا ئالاقىدارلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدىكى مەنپەئەتدارلار ئارىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، شۇ تالاش-تارتىش ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
41-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ :
( 1 ) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىغا تۆھمەت قىلىش ياكى شېرىنكانە بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىگە داغ تەگكۈزۈش؛
( 2 ) بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئالغانلار؛
( 3 ) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىرلا ۋاقىتتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار؛
( 4 ) ھەق ئېلىنىدىغان باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار؛
( 5 ) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقىنىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرگەن ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەنلەر؛
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار.
42-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛
ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، 12 ئايدىن تۆۋەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
( 1 ) ئۆز مەيلىچە ئومۇم گۇۋاھنامىسى بەرگەنلەر؛
( 2 ) ھەقىقىي بولمىغان، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسى چىقىرىپ بەرگەنلەر؛
( 3 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مەخسۇس بۇيۇملىرىنى ئىگىلىۋالغان، ئوغرىلىغانلار؛
( 4 ) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛
( 5 ) كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار.
قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان بولسا، ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا بولمايدۇ، لېكىن جىنايى ئىشلار دەۋاسى، ھەق تەلەپ دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋاغا ئالاقىدار ۋەسىيلەر، يېقىن تۇغقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
43-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئالاقىدارلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدىكى مەنپەئەتدارلارغا زىيان سالغان بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بار ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدىكى مەنپەئەتدارلار بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئوتتۇرىسىدا تۆلەم سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
44-ماددا ئالاقىدارلار، شۇنىڭدەك باشقا شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
( 1 ) ساختا ئىسپات ماتېرىيالى بېرىپ، ئومۇم گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛
( 2 ) ساختا ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛
( 3 ) ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتۋالغان ياكى ئېلىم-سېتىم قىلغان، ئۆزگەرتكەنلەر.
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
45-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ( كونسۇلخانىسى ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزسە بولىدۇ.
46-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
47-ماددا بۇ قانۇن 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.