( 2012-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىيلەر سۇغۇرتا قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتىسى
3-باب ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر سۇغۇرتىسى
4-باب سەپتىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى
5-باب ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەر جورا سۇغۇرتىسى
6-باب ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى
7-باب سۇغۇرتا بېجىرىش ۋە نازارەت قىلىش
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن ھەربىيلەر سۇغۇرتىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا دۆلەت ھەربىيلەر سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتىسى، ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ھەربىي قىسىمدىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ھەربىيلەر ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورا سۇغۇرتىسىنى ئورنىتىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا تۈزۈمى ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.
دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ھەربىيلەر سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
4-ماددا دۆلەت ھەربىيلەر سۇغۇرتا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىيلەر سۇغۇرتىسىنى مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ.
5-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىيلەر سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، مالىيە تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئالاقىدار ھەربىيلەر سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ھەربىيلەر سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى خاتىرىلەش، ھەربىيلەرنىڭ سۇغۇرتا تەمىناتىنى چىقىم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارماقلىرى ۋە يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
6-ماددا ھەربىيلەر قانۇن بويىچە ھەربىيلەر سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇناسىپ سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ھەربىيلەر شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى ۋە شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، سېلىشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، ئارمىيەدىكى ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارماقلىرى ۋە يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ، ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
2-باب ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتىسى
7-ماددا ھەربىيلەر ئۇرۇش، خىزمەت ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە، بېكىتىلگەن ئۆلۈم خاراكتېرى ۋە مۇناسىپ سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى بويىچە، ھەربىيلەرگە ئۆلۈم سۇغۇرتا پۇلى بېرىلىدۇ.
8-ماددا ھەربىيلەر ئۇرۇش، خىزمەت، كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالسا، باھالاپ بېكىتىلگەن مېيىپلىك دەرىجىسى ۋە مۇناسىپ سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھەربىيلەرگە مېيىپلىك سۇغۇرتا پۇلى بېرىلىدۇ.
9-ماددا ھەربىيلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە مېيىپلىكىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش، مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاش ۋە مۇناسىپ سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
10-ماددا ھەربىيلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىرى ياكى مېيىپ بولغانلىرى ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ :
( 1 ) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛
( 2 ) مەست بولۇپ قالغان ياكى زەھەر چەككەنلەر؛
( 3 ) ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋالغان ياكى ئۆلۈۋالغانلار؛
( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە ھەربىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
11-ماددا مېيىپلىك دەرىجىسى باھالاپ بېكىتىلگەن ئۇرۇش، خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان ھەربىيلەردىن ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن كونا يارىسى قايتا قوزغالغانلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
12-ماددا ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتىسىغا كېرەكلىك مەبلەغنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسلەر سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
3-باب ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر سۇغۇرتىسى
13-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىپ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، دۆلەت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
14-ماددا ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش ئارقا سەپ تەمىنات مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش ئۆلچىمى، ھەربىيلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەستىقلىتىدۇ.
15-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋە ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
16-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلىغىنى يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يۆتكەيدۇ، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇناسىپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن يىل چېكى بىلەن ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ۋە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى بىرلەشتۈرۈلۈپ ھېسابلىنىدۇ.
17-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.
18-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىپ مەمۇرلار ئىش ئورنىغا چىققان ياكى مەمۇرلار قانۇنىغا ئاساسەن باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىققانلار، شۇنىڭدەك ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار، مۈلكىي كادىرلاردىن ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىغانلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى چارىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
19-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە پېنسىيەگە چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش چارىسى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
4-باب سەپتىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى
20-ماددا ھەربىيلەر سەپتىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئوفىتسېرلار، مەمۇرىي كادىرلار ۋە ھەربىيلەر ھەربىيدىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، دۆلەت شەخسلەر تاپشۇرغان ھەربىيلەر سەپتىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئوخشاش سوممىسى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋە تەمىنات تۈزۈمىدىكى كۇرسانتلار ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرمىسا، دۆلەت بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
21-ماددا ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئارقا سەپ تەمىنات مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت بەلگىلىگەن ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى، ھەربىيلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.
22-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋە ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
23-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلىغىنى يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يۆتكەيدۇ، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇناسىپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەت ئۆتەش يىل چېكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش يىل چېكى بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ، ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ۋە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى بىرلەشتۈرۈلۈپ ھېسابلىنىدۇ.
24-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ياكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
5-باب ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەر جورا سۇغۇرتىسى
25-ماددا دۆلەت ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىسى ئۈچۈن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى ئورنىتىدۇ.
ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىينىڭ جورىسى سۇغۇرتىغا قاتناشسا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، دۆلەت مۇناسىپ ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەر جورىسى سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ياردەم پۇل ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
26-ماددا ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىسى ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسا، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
27-ماددا ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ھەربىينىڭ جورىسى ئىشقا ئورۇنلاشقاندا ياكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە، ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ئۇنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلىغىنى يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يۆتكەيدۇ، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇناسىپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
ھەربىينىڭ جورىسىنىڭ ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان مەزگىلدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى بىلەن يەرلىكتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ۋاقىت چېكى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىنىدۇ.
28-ماددا ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىسى دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە چىقىدىغان جاينى بېكىتىدۇ، ئارمىيە ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلىغىنى پېنسىيەگە چىققان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ، مۇناسىپ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
29-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىينىڭ جورىسى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى يولسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق، ئاپپارات تونۇشتۇرغان مۇۋاپىق خىزمەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلىشنى رەت بولسا، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ.
6-باب ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى
30-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتىسى فوندى، ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى، ھەربىيلەر سەپتىن چېكىنگەندە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىسى سۇغۇرتا فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈرلۈك ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندلىرى ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھېسابات قىلىنىپ، ھېسابات ئايرىلىپ ھېسابات قىلىنىپ، ئارمىيەنىڭ بوغالتىرلىق تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
31-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق، مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىغان ھەربىيلەر سۇغۇرتا مەبلىغى ۋە ئۆسۈم كىرىمى قاتارلىق مەبلەغلەردىن تەركىب تاپىدۇ.
32-ماددا ھەربىيلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلەۋاتقان ئورنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىينىڭ جورىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى ھەربىي تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
33-ماددا مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىغان ھەربىيلەر سۇغۇرتا مەبلىغى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى تەرىپىدىن يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
34-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە، خامچوت، نەق چوتنى باشقۇرىدۇ.
35-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندىنى مەخسۇس ھېساباتتا ساقلاش يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
36-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارقا سەپ باش ئىشتابى ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرىدۇ.
ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، فوندنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
37-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك، بەلگىلەنگەن تۈر، دائىرە ۋە ئۆلچەم بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، چىقىم تۈرىنى ئۆزگەرتىشىگە، چىقىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياكى چىقىم ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
7-باب سۇغۇرتا بېجىرىش ۋە نازارەت قىلىش
38-ماددا ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ۋە يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتى ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى بېجىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ھەربىيلەر سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك.
ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ۋە يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتى ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك.
39-ماددا ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىسىغا سۇغۇرتا ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي تاپشۇرغان پۇلى ۋە دۆلەت ياردەم پۇلىنى، شۇنىڭدەك ھەربىيلەر سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئىتى خاتىرىسىنى ۋاقتىدا، تولۇق، توغرا خاتىرىلىشى ھەمدە شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرە تالونىنى قەرەللىك ئۆزىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارماقلىرى ۋە يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەربىيلەرنىڭ جورىلىرىنى ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
40-ماددا ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارقا سەپ باش بۆلۈمى بىرتۇتاش قۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
41-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مالىيە تارماقلىرى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.
42-ماددا ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنى، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.
ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنى، يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلغاندا، تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ھەربىيلەر سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك، تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ياكى يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
43-ماددا ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى ۋە يەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە ئارمىيەدىكى ئورۇنلار ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى، ھەرقانداق شەكىلدە ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.
44-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا، ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەتلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛
شۇ تارماق، شۇ ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمىگەنلىرىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماق، ئاپپاراتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بىر-بىرىگە ئىتتىرسە بولمايدۇ.
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
45-ماددا ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنىنىڭ مالىيە تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ «بىرلەشمە ئارقا سەپ»ئورگىنى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛
زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ :
( 1 ) ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغان، يۆتكەپ داۋاملاشتۇرمىغانلار؛
( 2 ) شەخسلەر تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالمىغان، تاپشۇرمىغانلار؛
( 3 ) ھەربىيلەر سۇغۇرتا پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە بەرمىگەنلەر؛
( 4 ) شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىق ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى يىتتۈرۈپ قويغانلار؛
( 5 ) ئارمىيەنىڭ ئورۇنلىرى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
( 6 ) ھەربىيلەر سۇغۇرتا فوندى ئاجرىتىپ بېرىش، ساقلاشتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛
( 7 ) قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ھەربىيلەرنىڭ سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.
46-ماددا ھەربىيلەرنىڭ سۇغۇرتا فوندىنى خىيانەت قىلغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنى ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
47-ماددا ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ھەربىيلەرنىڭ سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ ( بىرلەشمە ئارقا سەپ ) ئورگىنى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
48-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
49-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش يىل چېكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ، ھەربىي سەپتىن چېكىنىشتىن بۇرۇن ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەق تاپشۇرۇش يىل سانى قوشۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
50-ماددا بۇ قانۇندىكى ھەربىيلەر سۇغۇرتىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە خەلق قوراللىق ساقچىلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ؛
جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرۇش جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچىلار قىسمىنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
51-ماددا بۇ قانۇن 2012-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.