( 2006-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 6 )
1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلات جەريانىدا خەۋپسىزلىك باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر، زور تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
«باشقىلارنى قائىدىگە خىلاپ، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
»
2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 135-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
»
3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 135-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 135-ماددىلارنىڭ بىرى قىلىندى:«چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
»
4.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 139-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەر ھادىسە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلماي ياكى يالغان مەلۇم قىلىپ، ھادىسىنى قۇتقۇزۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
»
5.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1611-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«قانۇن بويىچە ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بار شىركەت، كارخانىلار پايچىكلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ساختا ياكى مۇھىم پاكىتنى يوشۇرغان مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى بېرىدۇ ياكى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلىماي، پايچىكلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، »
ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
6.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1612-ماددىسىنىڭ بىرىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 162-ماددىسىنىڭ 2-ماددىسى قىلىنىدۇ:«شىركەت، كارخانىلار مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇش، ساختا قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش ياكى مال-مۈلۈكنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يۆتكەش، بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ساختا ۋەيران بولۇشنى يولغا قويۇپ، ھەقدار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولسا،
ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
7.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 163-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەنلەرگە سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
«شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن ئىقتىسادىي ئالاقىدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل ناملاردىكى شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى ئالغانلىرى شەخسكە تەۋە بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
«دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىلىرى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا شۇنىڭدەك باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىش كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 385-ماددىسى، 386-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
»
8.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 164-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا پۇل-مال بېرىلىدۇ، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
9.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1619-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 1619-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى شىركەتكە بولغان سادىق مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى باشقۇرۇپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پېيى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا،
ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ :
«( 1 ) باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈكنى ھەقسىز بەرگەنلەر؛
«( 2 ) روشەن ئادالەتسىز شارائىت بىلەن مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك بىلەن تەمىنلىگەن ياكى قوبۇل قىلغانلار؛
«( 3 ) قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى روشەن بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك بەرگەنلەر؛
«( 4 ) قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى روشەن بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە كېپىللىك بەرگەن ياكى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرگە كېپىللىك بەرگەن بولسا؛
«( 5 ) يولسىز سەۋەب بىلەن ھەقدارلىقتىن ۋاز كەچكەن، قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالغانلار؛
«( 6 ) پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش.»
«پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي كونترول پايچىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى ئالدىنقى تارماقتىكى ھەرىكەتنى قىلىشقا كۈشكۈرتكەن بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي كونترول پايچىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى ئورۇن بولسا، ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
»
10.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 175-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 175-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قەرز پۇل بېرىش، تالون ئېتىراپلاش، كرېدىت گۇۋاھنامىسى، كېپىللىك خېتى قاتارلىقلارغا ئېرىشىپ، بانكا ياكى باشقا مال مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا زور زىيان سالغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ،
قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغان ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
»
11.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1812-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئاكسىيە، قەرەللىك مال بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ :
«( 1 ) ئۆز ئالدىغا ياكى تىل بىرىكتۈرۈپ، مەبلەغ ئەۋزەللىكى، پاي چېكى ياكى ئاكسىيە ئەۋزەللىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياكى ئۇچۇر ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بىرلىشىپ ياكى ئۇدا ئېلىپ-سېتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودا باھاسى ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودا مىقدارىنى كونترول قىلغانلار؛
«( 2 ) باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىن پۈتۈشكەن ۋاقىت، باھا ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزئارا ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسى قىلىپ، ئاكسىيە، زاكاز مالنىڭ سودا باھاسى ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
«( 3 ) ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلىدىغان ھېسابات نومۇرى ئارىسىدا ئاكسىيە سودىسى قىلغان ياكى ئۆزىنى سودا ئوبيېكتى قىلىپ، ئۆزى سېتىۋېلىپ، ئۆزى سېتىش زاكاز مال كېلىشىمى ئاكسىيە، زاكاز مال سودا باھاسى ياكى ئاكسىيە، زاكاز زاكاز مال سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
«( 4 ) ئاكسىيە، زاكاز مال بازىرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقۇرغانلار.»
«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
»
12.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 185-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 185-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«سودا بانكىسى، ئاكسىيە سودا ئورنى، زاكاز مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچىلىك شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھاۋالە قىلىنىش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا ھاۋالە، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پايدىلانغان بولسا، قىلمىشى ئېغىر بولسا،
جەرىمانە قويغان ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
«ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق ئاممىۋى مەبلەغ باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ئاكسىيە سېلىنما فوندىنى باشقۇرۇش شىركىتىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
»
13.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 186-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قەرز پۇل تارقاتقانلىرىغا سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى زور زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتداشلىرىغا قەرز پۇل تارقاتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
»
14.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خېرىدارلار مەبلىغىنى قوبۇل قىلىپ ھېساباتقا كىرگۈزمىگەنلىرىگە سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى ئېغىر زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
15.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 188-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كېپىللىك خېتى، ۋېكسېل، ئامانەت ھۆججىتى، مەبلەغ-ئىناۋەت ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەنلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
»
16.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1911-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«زەھەر جىنايىتى، قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلىي جىنايەت، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى جىنايىتىدىن كەلگەن تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدىنى يوشۇرۇش، يوشۇرۇش ئۈچۈن،
تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا يۇقىرىقى جىنايەتنى سادىر قىلىپ ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭدىن قىلغان كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم پۇل يۇيۇش سوممىسى % 5 تىن يۇقىرى، % 20 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە پۇل يۇيۇش سوممىسى % 5 تىن يۇقىرى، % 20 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
«( 1 ) مەبلەغ ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛
( 2 ) مال-مۈلۈكنى نەق پۇل، پۇل مۇئامىلە تالونى، باھالىق ئاكسىيەگە ئايلاندۇرۇشقا ياردەملەشكەنلەر؛
«( 3 ) ھېسابات يۆتكەش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەبلەغنى يۆتكەشكە ياردەملەشكەنلەر؛
«( 4 ) مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىشقا ياردەملەشكەنلەر؛
«( 5 ) جىنايەت تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوشۇرغان، يوشۇرغانلار.
»
17.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 262-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 262-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«مېيىپلەرنى زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تىلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
18.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 303-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
«قىمارخانا ئاچقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
19.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 312-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«جىنايەت تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن تاپاۋەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان، ۋاكالىتەن ساتقانلارغا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوشۇرغان، يوشۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
»
20.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 399-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 399-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«كېسىم مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغان خادىملاردىن كېسىم پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ كېسىم چىقارغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
»
21.بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.