( 2005 ـ يىل 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب بايلىق تەكشۈرۈش ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى
3-باب كەسىپ يېتەكچىلىكى ۋە تېخنىكا مەدىتى
4-باب كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش
5-باب باھا باشقۇرۇش ۋە خىراجەت تولۇقلىمىسى
6-باب ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرى
7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇھىت ئاسراش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ.
سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىشتا بۇ قانۇننى تەتبىقلاشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.
تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئوچاقنى بىۋاسىتە كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق شاخ-شۇمبا، ئوتۇن، گەندە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
3-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە تەتبىقلىنىدۇ.
4-ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھە قىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدارى نىشانىنى بېكىتىش ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، ھاسىلىي ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
دۆلەت ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
2-باب بايلىق تەكشۈرۈش ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى
6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بايلىقنى تەكشۈرۈشنىڭ تېخنىكا قائىدىسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ جەملىشىگە يوللايدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك؛
لېكىن، دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى بەلگىلىگەن مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا.
7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي مىقدار نىشانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئومۇمىي مىقدار نىشانىغا ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى مەمۇرىي رايونلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.
8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي مىقدار نىشانى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي مىقدار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق يىرىك پىلان تۈزۈشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھالىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن،
گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا يوللاش ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش.
تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى ئېلان قىلىش كېرەك؛
لېكىن، دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى بەلگىلىگەن مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا.
تەستىقلانغان يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.
9-ماددا ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەلەرنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
يىرىك پىلاننىڭ مەزمۇنى تەرەققىيات نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپە، رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق تۈر، يولغا قويۇش سۈرئىتى، يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
تەشكىلات تۈزگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، ئىلمىي دەلىللىشى كېرەك.
3-باب كەسىپ يېتەكچىلىكى ۋە تېخنىكا مەدىتى
10-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسىنى تۈزىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تورلاشتۇرۇش تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تېخنىكا تەلىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشى، ئېلان قىلىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تېخنىكا تەلىپىگە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ساھە ئۆلچىمى تۈزسە ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا يوللىسا بولىدۇ.
12-ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىدىغان پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى ساھە قىلىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش پەن-تېخنىكا تەتقىقات، قوللىنىش ئۈلگە تەرەققىياتى ۋە كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ مەدەت بېرىدۇ،
ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھاسىلىي ئېنېرگىيە بىلىملىرى ۋە تېخنىكىسىنى ئادەتتىكى مائارىپ، كەسپىي مائارىپ دەرسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
4-باب كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش
13-ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش تۈرىنى قۇرۇشتا، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللاش كېرەك.
مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىشقا تېگىشلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش تۈرىنى قۇرۇشتا، كۆپ ئادەم بىر تۈر ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلسا، ئىجازەت بېرىلگۈچىنى قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق بېكىتىش كېرەك.
14-ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتا تولۇق سوممىلىق كاپالەتلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، يىرىك پىلان مەزگىلىدە يېتىشكە تېگىشلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ بارلىق توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقىنى بېكىتىپ، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توكنى تولۇق سېتىۋېلىش كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ،
ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە يىل داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى بويىچە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشكەن ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش كارخانىلىرى بىلەن تورلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قاپلىغان دائىرىدىكى تورلاشتۇرۇش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش تۈرىدە تورغا چىقىرىلىدىغان توك مىقدارىنى تولۇق سېتىۋېلىشى كېرەك.
توك تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىغا ماسلىشىپ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەقسىملەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاقىل ئېلېكتىر تورى، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، ئېلېكتىر تورىنى يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىشنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
15-ماددا دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاپلانمىغان رايونلاردا ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
16-ماددا دۆلەت بىيوماسسا يېقىلغۇسىنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئېنېرگىيە زىرائەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
بىيوماسسا بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان يېقىلغۇ گاز ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى شەھەر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى، ئىسسىقلىق تۇرۇبا تورىنى تورغا چىقىرىش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا يولى، ئىسسىقلىق تۇرۇبا تورى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئۇنى تورغا قوبۇل قىلىشى كېرەك.
دۆلەت بىيولوگىيەلىك سۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
نېفىت سېتىش كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىيوسۇيۇقلۇق يېقىلغۇنى يېقىلغۇ سېتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
17-ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئىسسىق سۇ سىستېمىسى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئىسسىتىش ۋە سوۋۇتۇش سىستېمىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش سىستېمىسى قاتارلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش سىستېمىلىرىنى ئورنىتىشى ۋە ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى بىلەن بىناكارلىق بىرلەشتۈرۈشكە دائىر تېخنىكا-ئىقتىساد سىياسىتى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى تۈزىدۇ.
ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تېخنىكا قائىدىسىگە ئاساسەن، ئىمارەت لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
سېلىنغان ئىمارەتكە قارىتا، ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى ئورناتسا بولىدۇ؛
لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
18-ماددا دۆلەت يېزا رايونلىرىدىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە تازىلىقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئېھتىياجى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، يېزا رايونلىرىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پاتقاق گازى قاتارلىق بىيوماسسا بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش، ئائىلە ئىشلىتىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسى، كىچىك شامال ئېنېرگىيەسى، كىچىك سۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كېڭەيتىدۇ ۋە قوللىنىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا رايونلىرىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تۈرلىرىنى مالىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
5-باب باھا باشقۇرۇش ۋە خىراجەت تولۇقلىمىسى
19-ماددا ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش تۈرىنىڭ توردىكى توك باھاسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئۇنى تېجەشلىك، مۇۋاپىق قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەيدۇ.
توردىكى توك باھاسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.
مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خېرىدار چاقىرىلغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىنىڭ توردىكى توك باھاسى خېرىدار بولۇشتا بېكىتىلگەن باھا بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛
لېكىن، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن ئوخشاش تۈردىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىنىڭ توردىكى توك باھا سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ.
20-ماددا ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنى سېتىۋېلىشتا كېتىدىغان خىراجەت ئادەتتىكى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىشنىڭ ئوتتۇرىچە توردىكى توك باھاسى بويىچە ھېسابلاشتا شەكىللەنگەن خىراجەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق سوممىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سېتىلىدىغان توك مىقدارىدىن ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توكنىڭ باھاسى بويىچە قوشۇمچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
21-ماددا ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيە توك مىقدارىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق تورغا ئۇلاش ھەققى ۋە باشقا مۇۋاپىق ئالاقىدار ھەقلەرنى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ توك يەتكۈزۈش تەننەرخىگە كىرگۈزسە ھەمدە سېتىلغان توك باھاسىدىن يىغىۋالسا بولىدۇ.
22-ماددا دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى قۇرۇلۇشقا ياردەم بەرگەن ئاممىۋى ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىكى سېتىلىدىغان توكنىڭ باھاسى بىر رايوندا تۈرگە ئايرىپ سېتىلىدىغان توكنىڭ باھاسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇۋاپىق يۈرۈشۈش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنىڭ سېتىلىدىغان توكنىڭ باھاسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
23-ماددا شەھەر تۇرۇبا تورىغا كىرگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋە يېقىلغۇ گازنىڭ باھاسى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئۇنى تېجەشچان، مۇۋاپىق قىلىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە باھا باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
6-باب ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرى
24-ماددا دۆلەت مالىيەسى ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىدۇ، ئۇنىڭ مەبلەغ مەنبەسى دۆلەت مالىيەسىدىن يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخسۇس مەبلەغ ۋە قانۇن بويىچە ئېلىنغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توك باھاسى قوشۇمچە كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندى مۇشۇ قانۇننىڭ 20-، 22-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كەم سوممىلىق خىراجەتنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ :
( 1 ) ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا دائىر پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، ئۆلچەم بېكىتىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى؛
( 2 ) يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تۈرلىرى؛
( 3 ) چەت-ياقا رايونلار ۋە ئارال ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى؛
( 4 ) ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش، باھالاش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى؛
( 5 ) ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تورغا ئۇلاش ھەققى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى توك سېتىش باھاسى ئارقىلىق يىغىۋالالمىسا، ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندى ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندىنى ئېلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە، باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
25-ماددا دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، كىرېدىت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مالىيە ياردەم ئۆسۈملۈك ئېتىبار قەرز پۇل بەرسە بولىدۇ.
26-ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېتەكچى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرگە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.
كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
27-ماددا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توكقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ھەقىقىي، تولۇق خاتىرىلىشى ۋە ساقلىشى ھەمدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرگەندە، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنغا سودا مەخپىيىتى ۋە باشقا مەخپىيەتلەرنى ساقلىشى كېرەك.
7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
28-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،
جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
( 1 ) مەمۇرىي ئىجازەت قارارىنى قانۇن بويىچە چىقارمىغانلار؛
( 2 ) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
( 3 ) نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.
29-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىدىن ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنى سېتىۋېلىشنى بەلگىلىمە بويىچە تاماملىماي، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش كارخانىلىرىغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىش كارخانىلىرىغا ئىقتىسادىي زىيان سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
30-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە تۇرۇبا تورى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردىن تورغا كىرىش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىقنى تورغا چىقىرىشقا رۇخسەت قىلماي، يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىيان سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
31-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نېفىت سېتىش كارخانىلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىيولوگىيەلىك سۇيۇق يېقىلغۇنى بەلگىلىمە بويىچە يېقىلغۇ سېتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزمەي، بىيولوگىيەلىك سۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك،
ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا بىيو سۇيۇقلۇق يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي زىيان سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
32-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :
( 1 ) بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆسۈملۈك، گەندە ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى ئورگانىك تاشلاندۇقلاردىن پايدىلىنىپ ئايلاندۇرۇلغان ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ.
( 2 ) ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانمايدىغان ئايرىم ئايلىنىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
( 3 ) ئېنېرگىيە زىرائەتلىرى مەخسۇس تېرىلىپ، ئېنېرگىيە خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان سامان غوللۇق ۋە ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.
( 4 ) بىيوسۇيۇق يېقىلغۇ، بىيوماسسا بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مېتانول، ئېتىل ئالكوگول ۋە بىيودېزىل قاتارلىق سۇيۇق يېقىلغۇنى كۆرسىتىدۇ.
33-ماددا بۇ قانۇن 2006-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.