جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

( 1992 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2005 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب سىياسىي ھوقۇق

3-باب مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇق-مەنپەئىتى

4-باب ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى

5-باب مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتى

6-باب جىسمانىي ھوقۇق

7-باب ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇق-مەنپەئىتى

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاياللار سىياسىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى.
دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى يوقىتىدۇ.

دۆلەت ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش، تاشلىۋېتىش، زەخىملەندۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

3-ماددا گوۋۇيۈەن جۇڭگو ئاياللار تەرەققىياتى پىروگراممىسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو ئاياللار تەرەققىياتى پىروگراممىسىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاياللار تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

4-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

5-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇندىن پايدىلىنىپ قوغدايدۇ.

ئاياللار دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

7-ماددا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى قانۇن ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

8-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب سىياسىي ھوقۇق

9-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

10-ماددا ئاياللار دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك.

ئاياللار ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

11-ماددا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە لايىقىدا ئايال ۋەكىل بولۇشى كېرەك.
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئايال ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.

ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە ئاياللار مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك.

12-ماددا دۆلەت ئايال كادىرلارنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەيىنلەشتە، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق ساندا ئايال رەھبەرلىك ئەزاسى بولۇشى شەرت.

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

13-ماددا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئاياللارغا ۋاكالىتەن دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا پائال قاتنىشىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارغا ئايال كادىرلارنى كۆرسەتسە بولىدۇ.

14-ماددا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەنقىد ياكى مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاڭلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك؛
ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر ئەرز-شىكايەت ۋە پاش قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاكىتنى ئېنىقلاپ، مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى شەرت، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3-باب مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇق-مەنپەئىتى

15-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

16-ماددا مەكتەپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئاياللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش تەقسىماتى، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش، چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئالاھىدە كەسىپلەردىن باشقا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ.

17-ماددا مەكتەپلەر ئاياللار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

18-ماددا ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.

كېسەل ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرگۈزمەيدىغان ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىئىچىدىكى قىزلار، بالىلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ.

ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ھەمدە شارائىت يارىتىپ، نامرات، مېيىپلەر ۋە كۆچمە نوپۇسلار ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئاياللار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللار ئىچىدىكى ساۋاتسىزلىق، يېرىم ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ساۋاتسىزلىقنى تۈگەتكەن ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىنكى داۋاملىق تەربىيە يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي شەكىل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى كونكرېت يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى، نازارەت قىلىشى كېرەك.

20-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-بازار ۋە يېزا ئاياللىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاياللارنى كەسپىي مائارىپ ۋە ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئاياللارنىڭ پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

4-باب ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى

22-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

23-ماددا ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورنىدىن باشقا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ.

ئورۇنلار ئايال ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، قانۇن بويىچە ئۇلار بىلەن ئەمگەك ( تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك، ئەمگەك ( تەكلىپلىق ئىشلىتىش ) توختامى ۋە مۇلازىمەت كېلىشىمىدە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ توي قىلىشى، تۇغۇشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن ئاياللارنى 16 ياشقا توشمىغان قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەت ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

24-ماددا ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويۇلىدۇ.
ئاياللار پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

25-ماددا ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسى ئۆستۈرۈش، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

26-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاياللارنىڭ ئىشلىگەن ۋە ئەمگەك قىلغان چاغدىكى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشىغا ماس كەلمەيدىغان خىزمەت ۋە ئەمگەكنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئاياللار ھەيز مەزگىلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.

27-ماددا ھەرقانداق ئورۇننىڭ توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، ئېمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشىگە، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشتىن قالدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەمگەك ( تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىدۇ.
لېكىن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمگەك ( تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ھەرقايسى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتسە بولمايدۇ.

28-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئاممىۋى قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي تەمىنات ۋە ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

دۆلەت ئاياللارنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

29-ماددا دۆلەت تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۇغۇتقا ئالاقىدار باشقا كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە نامرات ئاياللارنى زۆرۈر تۇغۇت ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

5-باب مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتى

30-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مال-مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

31-ماددا ئۆيلىنىش، ئائىلىنىڭ ئورتاق مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە، ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.

32-ماددا ئاياللار يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدا تەقسىماتى، يەر ئېلىش ياكى تۆلەم پۇلى ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

33-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلماسلىق، توي قىلىش، ئاجرىشىش، جورىسى ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىدىكى تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

توي قىلغان ئەر ئايالنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغان بولسا، ئەر ۋە پەرزەنت شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

34-ماددا ئاياللار بەھرىمەن بولىدىغان، ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان مال-مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.
بىر رەتتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلار ئىچىدە ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار ۋارىسلىق قىلغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

35-ماددا جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار قېيىنئاتا، قېيىنئانا ئالدىدا ئاساسلىق قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۇ قېيىنئاتا ۋە قېيىنئانىنىڭ 1-تەرتىپىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

6-باب جىسمانىي ھوقۇق

36-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

37-ماددا ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ.
ئاياللارنى قانۇنسىز سولاپ قويۇش ۋە باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ؛
ئاياللارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

38-ماددا ئاياللارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.
قىز بوۋاقلارنى ئەركىلىتىش، تاشلىۋېتىش، زەخىملەندۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛
قىز بوۋاق تۇغقان ئاياللارنى ۋە تۇغمايدىغان ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛
خۇراپاتلىق، زوراۋانلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛
كېسەل بولغان، مېيىپ ئاياللار ۋە ياشانغان ئاياللارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

39-ماددا ئاياللارنى ئالداپ سېتىش، تۇتقۇن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللارنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللارنى قۇتقۇزىدۇ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ، ئاياللار بىرلەشمىسى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ.
ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

40-ماددا ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللار ئورۇن ۋە ئالاقىدار ئورگانغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

41-ماددا ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، يول قويۇش، تونۇشتۇرۇش ياكى ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئاياللارنى شەھۋانىي ئويۇن ئويناشقا تەشكىللەش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

42-ماددا ئاياللارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى قاتارلىق ئادىمىيلىك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئاممىۋى تاراتقۇلار ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۈش ۋە زىيانغا ئۇچرىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، ئېلان، تاۋار ماركىسى، كۆرگەزمە كۆزنىكى، گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

7-باب ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇق-مەنپەئىتى

43-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

44-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئۆيلىنىشكە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
ئاياللارنىڭ ئۆيلىنىش، ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

45-ماددا ئەر ھامىلىدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىنكى 1 يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە، ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
خوتۇن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

46-ماددا ئاياللارغا ئائىلە زۇلۇمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار، شۇنىڭدەك شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنى قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

47-ماددا ئاياللار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى جورىسى بىلەن باراۋەر ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ كىرىم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئەر-خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن مال-مۈلكىنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم-ئايرىم تەۋە ئىكەنلىكىنى يازما پۈتۈشكەن، ئايال بالىنى تەربىيەلەش، ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئەرنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كۆپرەك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئاجراشقاندا ئەردىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

48-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي ئاجراشقاندا، بۆلمەكچى بولغان ئۆينى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ھەل قىلىدۇ؛
كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەر-خوتۇن ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئەر-خوتۇن ئورتاق ئىجارە ئالغان ئۆي ئاجراشقاندا، ئايالنىڭ ئۆيى بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.

49-ماددا ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىگە باراۋەر ۋەسىيلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنىڭ ۋەسىيسىنى بولالمىغان بولسا، ئانىسىنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىغا ھەرقانداق كىشى ئارىلاشسا بولمايدۇ.

50-ماددا ئاجراشقاندا، خوتۇن تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، پەرزەنتىنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، پەرزەنتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە پايدىلىق شارائىتتا، ئايالنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

51-ماددا ئاياللار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پەرزەنت كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق، تۇغماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بار.

تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇتنى پىلانلىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورا-سايمانلىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، تۇغۇت تىزگىنلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان ئايالنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دۆلەت تويدىن بۇرۇنقى ساقلىقنى ساقلاش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

52-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار تۇرۇپ قانۇن ياردىمى ياكى ئەدلىيە ياردىمىگە موھتاج ئاياللارغا شۇ جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەم بېرىشى، قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى بېرىشى كېرەك.

53-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، ئاياللار تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.ئاياللار تەشكىلاتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىشكە ھوقۇقلۇق.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى ئورۇنلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

54-ماددا ئاياللار تەشكىلاتلىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ دەۋا قىلىشىغا ياردەم كېرەك بولغانلىرىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

ئاياللار بىرلەشمىسى ياكى ئالاقىدار ئاياللار تەشكىلاتلىرى مۇئەييەن ئاياللار توپىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق پاش قىلسا، تەنقىد قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ توي قىلماسلىق، توي قىلىش، ئاجرىشىش، جورىسى ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىدىكى تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ياكى توي قىلغان ئەر ئايالنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ نوپۇسقا ئالدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەر ۋە پەرزەنتنىڭ شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا زىيان يەتكۈزگەنلەرنى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىدۇ؛
زىيانلانغۇچى قانۇن بويىچە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە باشقا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛
مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئەرز قىلغان، ئەرز-شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان، بىر-بىرىگە ئىتتىرگەن، كەينىگە سۈرگەن، باسقان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان، مەلۇم قىلغان كىشىدىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەۋاتقان ئورنى، مەسئۇل تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،
ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ۋاقتىدا توسماي ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايالغا زۆرۈر ياردەم بەرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، شۇ ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇق-مەنپەئىتى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى-مەنپەئىتى، جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتى شۇنىڭدەك ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئىشلەۋاتقان ئورنى، مەسئۇل تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار دۆلەت خادىمىغا تەۋە بولسا،
ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىپ ياكى ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان زىيانلانغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ.

59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەنلەرنى مەدەنىيەت، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

60-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلارغا بىنائەن، شۇ جايدىكى مىللىي ئاياللارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى چىقارسا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛
ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىنىدۇ.

61-ماددا بۇ قانۇن 1992-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.