( 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب تاشقى مۇناسىۋەتتىكى خىزمەت ھوقۇقى
3-باب تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەر
4-باب تاشقى مۇناسىۋەت تۈزۈمى
5-باب تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كاپالىتى
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىدا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-ئىككىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛
خەلقئارا تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىشقا قارشى تۇرۇش، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇش؛
دۆلەتنىڭ چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز، باي-نامرات بولۇشىغا قارىماي بابباراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.
5-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ.
6-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق داۋامىدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
7-ماددا دۆلەت ئەلئارا دوستانە ئالاقە-ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
8-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخستىن مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاشقى ئالاقىدە دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
2-باب تاشقى مۇناسىۋەتتىكى خىزمەت ھوقۇقى
9-ماددا مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە دائىر تەدبىر بەلگىلەش ۋە كېڭىشىش-ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ئىستراتېگىيەسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
10-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چەت ئەل بىلەن تۈزگەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلايدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تاشقى مۇناسىۋەت خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى، خەلقئارالار ۋە رايون پارلامېنت تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
11-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت پائالىيىتى قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تاشقى مۇناسىۋەت خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
12-ماددا گوۋۇيۈەن تاشقى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، چەت ئەل بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزىدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تاشقى مۇناسىۋەت خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
13-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت خەلقئارا ھەربىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تاشقى مۇناسىۋەت خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
14-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قانۇن بويىچە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئالاقە ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تاشقى ئالاقە-ھەمكارلىقىغا بولغان يېتەكچىلىك، ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، تاشقى ئالاقە-ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
15-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق چەت ئەلدە تۇرۇپ دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ چەت ئەلگە ۋاكالىتەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.
16-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەركەز بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، مۇئەييەن دائىرىدە تاشقى ئالاقە-ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تاشقى ئالاقە-ھەمكارلىق ئىشلىرىنى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
3-باب تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەر
17-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
18-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ئىستېرېئولۇق تاشقى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشى ۋە ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنى بويىچە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى.
19-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغدايدۇ، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە قاتنىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
20-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغدايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىكى كېڭىشىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قوغدايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرگەن تىنچ ھەرىكەتنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، تىنچ ھەرىكەت ئاساسىي پىرىنسىپىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئادىل مەيداننى ساقلايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى قوغدايدۇ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا مۇناسىۋەتلىك كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مەنئى قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
21-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئوچۇق-ھەمكارلىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىدىغان، يېڭىلىق يارىتىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان يەرشارىۋى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتنىڭ ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
22-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
23-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت، مىللەت، مەدەنىيەت پەرقىدىن ھالقىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
24-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆزلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە سۆھبەتلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
25-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەر شارىۋى مۇھىت كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
26-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىدۇ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدۇ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
27-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد، تېخنىكا، ماددىي ئەشيا، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاشقى ياردەمنى قانات يايدۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەمكارلىقى ۋە ياردىمىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ياردەمنى قانات يايدۇرۇشتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمايدۇ.
28-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، ھەربىي ئىشلار، خەۋپسىزلىك، قانۇنچىللىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
4-باب تاشقى مۇناسىۋەت تۈزۈمى
29-ماددا دۆلەت دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش ئالغا سۈرىدۇ، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىدۇ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
30-ماددا دۆلەت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈپ ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، مۇناسىۋەتلىك شەرتنامە ۋە كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىدۇ.
دۆلەت تۈزگەن ياكى قاتناشقان شەرتنامە ۋە كېلىشىملەر ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلسە بولمايدۇ.
31-ماددا دۆلەت مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ شەرتنامە ۋە كېلىشىمنى يولغا قويىدۇ ۋە تەتبىقلايدۇ.
شەرتنامە ۋە كېلىشىمنى يولغا قويۇش ۋە تەتبىقلاشتا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
32-ماددا دۆلەت خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويۇش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو پۇقرالىرى، تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
33-ماددا خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا خىلاپ بولغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇناسىپ قارشى جازالاش ۋە چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارمىقى زۆرۈر مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، مۇناسىپ خىزمەت تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى ئورنىتىدۇ، تارماقنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ، قارشى جازالاش ۋە چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى بېكىتىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.
مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىغا ئاساسەن چىقىرىلغان قارار ئاخىرقى قارار بولىدۇ.
34-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بويىچە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان شەرتنامە ۋە كېلىشىم، خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئاساسەن، دىپلوماتىيە، كونسۇل مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
35-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 7-بابىغا ئاساسەن چىقارغان چەكلەش كۈچىگە ئىگە جازالاش قارارى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بايان قىلىنغان جازالاش قارارى ۋە تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ.
دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە تەدبىر قوللىنىپ ئىجرا قىلىدۇ.
جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان مەزمۇنىغا ۋە تارماقلار، رايونلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، يۇقىرىقى جازالاش قارارى ۋە تەدبىرلىرىگە خىلاپ قىلمىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
36-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ۋە تۈزگەن ياكى قاتناشقان شەرتنامە ۋە كېلىشىمگە ئاساسەن، چەت ئەل دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرى، چەت ئەل دۆلەت ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا مۇناسىپ ئىمتىياز بېرىدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ۋە تۈزگەن ياكى قاتناشقان شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسەن، چەت ئەل دۆلەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
37-ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى خەۋپسىزلىكى ۋە ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتىنى تەھدىتكە ۋە زىيانغا ئۇچراتماي قوغدايدۇ.
دۆلەت چەت ئەلدىكى مەنپەئەتنى قوغداش سىستېمىسى، خىزمەت مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
38-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
دۆلەت چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە، تۇرۇپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىش ياكى رەت قىلىشقا، چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەل تەشكىلاتلىرى جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان سالسا، ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزسا بولمايدۇ.
39-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك قانۇنچىللىق سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، تاشقى قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان شەرتنامە ۋە كېلىشىمگە ئاساسەن ياكى باراۋەرلىك ئاساسىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، چەت ئەل ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
دۆلەت تاشقى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى خىزمەت مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش تۈزۈلمە-مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
دۆلەت دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
5-باب تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كاپالىتى
40-ماددا دۆلەت تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئۇنىۋېرسال كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
41-ماددا دۆلەت تاشقى خىزمەتكە بولغان ئېھتىياجنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، تاشقى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشقان خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ.
42-ماددا دۆلەت تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەدبىر قوللىنىپ تۈرتكە بولىدۇ.
43-ماددا دۆلەت كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
44-ماددا دۆلەت خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە تونۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
45-ماددا بۇ قانۇن 2023-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.