جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

( 2007-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قانۇنى > قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش

3-باب ئادىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

4-باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش

5-باب كەسپىي مائارىپ ۋە يېتىشتۈرۈش

6-باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش

7-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

3-ماددا ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئەمگەكچىلەر مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كەمسىتىلمەيدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ۋە يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي تەربىيە ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

7-ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ توغرا كەسىپ تاللاش قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛
ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى، ئۆز ئالدىغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

8-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇن، شۇنىڭدەك باشقا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، كەسىپ سىياسىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە كەسىپ قۇرۇش ياكى تىجارەتنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يۆلەيدۇ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ.

دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام، مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يېتەكلەيدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ.

13-ماددا دۆلەت ئىچكى-تاشقى سودا ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ۋە مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بېكىتكەندە، سېلىنمىنىڭ ۋە مۇھىم، چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

15-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، مالىيە خامچوتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىشى كېرەك.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش، پاراۋانلىق ئىش ئورنى، كەسپىي ماھارەتنى باھالاش، مۇئەييەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل كېپىللىك فوندى ۋە ئاز پايدا ئالىدىغان تۈرلەرگە بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل ياردەم ئۆسۈمى ھەمدە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار-يۆلەك بولۇش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

16-ماددا دۆلەت ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

17-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئىشسىزلار ۋە مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ، تۆۋەندىكى كارخانىلار، خادىملارغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ :

( 1 ) دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشسىزلارنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكۈزگەن كارخانىلار؛

( 2 ) ئىشسىزلار قۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار؛

( 3 ) مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزگەن ياكى مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشلىتىدىغان كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش؛

( 4 ) يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشسىزلار؛

( 5 ) يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مېيىپلەر؛

( 6 ) گوۋۇيۈەن باجدا ئېتىبار بېرىشنى بەلگىلىگەن باشقا كارخانا، خادىملار.

18-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىنىڭ ( 4 )، ( 5 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىجارەت ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى، مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

19-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كۆپەيتىدۇ؛
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئارقىلىق قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يار-يۆلەك بولۇنىدۇ.

20-ماددا دۆلەت شەھەر-يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى باراۋەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ ۋە ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ؛
كىچىك شەھەر-بازار پىلانى تۈزگەندە، شۇ رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەرلەرگە باشقا جايغا تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ؛
ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان جاي بىلەن كىرگۈزگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزئارا ماسلىشىپ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، رايونلار ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ.

دۆلەت مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

22-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەيدۇ.

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا باب ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسەتلىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

24-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشسىزلارنىڭ يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە تىجارەت باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.

3-باب ئادىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

25-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، سىياسەت چىقىرىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا يار-يۆلەك بولىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

26-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خادىم قوبۇل قىلغاندا، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئەمگەكچىلەرگە باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

27-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، ئەمگەك توختامىدا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى، تۇغۇشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلىسە بولمايدۇ.

28-ماددا ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەندە، ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىگە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

29-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتە، مېيىپلەرنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كېسەل مەنبەسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.
لېكىن، تېببىي باھالاش ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كېسەللىك مەنبەسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى داۋالىنىشتىن بۇرۇن ياكى يۇقۇملانغان گۇماندارنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلىگەن يۇقۇملۇق كېسەلنى ئاسان كېڭەيتىۋېتىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

31-ماددا يېزا ئەمگەكچىلىرى شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندا شەھەر-بازارلاردىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمە قويۇشقا بولمايدۇ.

4-باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئۇچۇر تورى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ، بازار ئۇچۇرى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرگە تۆۋەندىكى مۇلازىمەتلەرنى ھەقسىز قىلىدۇ :

( 1 ) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە دائىر نىزام مەسلىھەتچىلىكى؛

( 2 ) كەسىپ تەمىنات-تەلەپ ئۇچۇرى، بازار مائاشىغا يېتەكچىلىك قىلىش باھا ئۇچۇرى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش؛

( 3 ) كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە كەسىپ تونۇشتۇرۇش؛

( 4 ) ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش؛

( 5 ) ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىملاش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىش؛

( 6 ) باشقا ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى.

ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك، تىجارەتلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىراجىتى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارغا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغانلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ.

دۆلەت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئىئانە قىلىشى، ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

37-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىجارەتلىك كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپارات قۇرسا ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرسا بولمايدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئۇيۇشتۇرغان تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا ئەمگەكچىلەردىن ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

39-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتىدە، قانۇنلۇق بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل بولۇش، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپارات ئارقىلىق خادىم قوبۇل قىلىشتا، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتقا ئىش ئورنى ئېھتىياجى ئۇچۇرىنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

40-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك :

( 1 ) ئېنىق نىزامنامىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

( 2 ) كەسىپنى قانات يايدۇرۇشتا زۆرۈر بولغان مۇقىم سورۇن، ئىشخانا ئەسلىھەلىرى ۋە بەلگىلىك سوممىلىق ئېچىش مەبلىغى بولۇش؛

( 3 ) مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتنى ھازىرلىغان بەلگىلىك مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىم بولۇش؛

( 4 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپارات قۇرۇشتا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقىغا مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

قانۇن بويىچە ئىجازەت بەرگەن ۋە تىزىملاتمىغان ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەتنىڭ سودىگەرلەرگە مەبلەغ سالىدىغان كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى ۋە ئەمگەكچىلەرگە چېگرا سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

41-ماددا كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :

( 1 ) ئىشقا ئورۇنلىشىش ساختا ئۇچۇرى بېرىش؛

( 2 ) قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى يوق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش؛

( 3 ) كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

( 4 ) ئەمگەكچىلەرنىڭ كىملىكى ۋە باشقا كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى ئەمگەكچىلەردىن زاكالەت ئېلىش؛

( 5 ) قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشسىزلىقتىن سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بىرقەدەر چوڭ كۆلەمدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭشەش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى يولغا قويىدۇ.

43-ماددا دۆلەت ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش-ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىملاش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

ئىستاتىستىكا تارمىقى ۋە ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلغاندا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، ئىشسىزلىقنى تىزىملىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە تىزىملاشتا زۆرۈر ئەھۋاللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

5-باب كەسپىي مائارىپ ۋە يېتىشتۈرۈش

44-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپنى قانۇن بويىچە راۋاجلاندۇرىدۇ، كەسپىي تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسپىي ئىقتىدارنى يارىتىش پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كەسپىي مەكتەپلەر، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش، ئىشلەۋېتىپ تەربىيەلەش، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛
ئەمگەكچىلەرنى ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بازار ئېھتىياجى ۋە كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

كەسپىي مەكتەپلەر، كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى كارخانىلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە پىشقان ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

كارخانىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش خىراجىتى ئېلىپ، ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى ۋە داۋاملىق تەربىيەلىشى كېرەك.

48-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەك تەييارلىقى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بەلگىلىك مۇددەت كەسپىي تەربىيە ۋە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ ياكى بەلگىلىك كەسپىي ماھارەت ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

49-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىشسىزلارنىڭ كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئىشسىزلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقانلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

50-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ماھارەت تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ، تۈرلۈك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تېخنىكا تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

51-ماددا دۆلەت ئاممىۋى بىخەتەرلىك، جىسمانىي ساغلاملىق، ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئالاھىدە ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەرگە قارىتا كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

6-باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش

52-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، قەرز پۇل ئۆسۈمى بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش، ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ئالدىن يار-يۆلەك بولىدۇ ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار سالامەتلىك ئەھۋالى، ماھارەت سەۋىيەسى، ئائىلە ئامىلى، يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان، شۇنداقلا ئۇدا ئىشسىز قالسىمۇ مەلۇم ۋاقىتقىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

53-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ئاچقان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئىش ئورنى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

54-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ياردىمى بېرىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ئۇچۇرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

55-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاھىدە يۆلەش تەدبىرى قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مېيىپلەرنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

56-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، پاراۋانلىق ئىش ئورنى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىپ، شەھەرلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار ئائىلىلەردىن كەم دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىدىكى ئائىلە خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىشسىزلىق ھالىتىدە تۇرغان شەھەر ئاھالىسى ئائىلىسى تۇرۇشلۇق جايىدىكى كوچا، مەھەللە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
كوچا باشقارمىسى، مەھەللە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن راستلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى شۇ ئائىلىدىكى كەم دېگەندە بىرىگە مۇۋاپىق ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

57-ماددا دۆلەت بايلىق ئېچىش تىپىدىكى شەھەر ۋە مۇستەقىل زاۋۇت-كان رايونلىرىنىڭ بازار ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ.

بايلىق تۈگەش ياكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلار مەركەزلەشكەن رايونلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر يار-يۆلەك بولۇشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

7-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

58-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نىشان-مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە، قارىمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنى باھالايدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

59-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى، مالىيە تارمىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

60-ماددا ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش توغرىسىدىكى پاش قىلىش مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشنى يولغا قويغان ئەمگەكچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تىجارەتلىك كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپارات قۇرۇپ، تىجارەتلىك كەسپىي ۋاسىتىچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەمگەكچىلەردىن ھەق ئالغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئالغان ھەقنى ئەمگەكچىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ،
ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي ۋە تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە تاقىۋېتىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ساختا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، قانۇنلۇق كىنىشكىسى يوق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىپ، كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسپىي ۋاسىتىچىلىك ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ئەمگەكچىلەرنىڭ كىملىكى قاتارلىق كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قالغان بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەكچىلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەسپىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلاردىن ئەمگەكچىلەردىن زاكالەت پۇلى ئالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەكچىلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ھەر بىرىگە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە جەرىمانە قويىدۇ.

67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانىلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەربىيەسى خىراجىتىنى ئالمىغان ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەربىيە خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

69-ماددا بۇ قانۇن 2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.