( 2006-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىلتىماس قىلىش، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن كىرىش-چىقىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تاشقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن كىرىش-چىقىش ۋە چەت ئەلدە دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش گۇۋاھنامىسىدۇر.
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پاسپورتنى ياسىشىغا، ئۆزگەرتىۋېلىشىغا، ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە، قەستەن بۇزۇۋېتىشىگە ياكى قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
3-ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتىغا بۆلۈنىدۇ.
پاسپورتنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرىدۇ.
4-ماددا ئادەتتىكى پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپارات ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
دىپلوماتىيە پاسپورتىغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
ھۆكۈمەت پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپاراتلار، شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلىنغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
5-ماددا پۇقرالار چەت ئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش، سودا پائالىيىتى قىلىش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشىدىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەلگە چىقسا، شۇ كىشى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىدۇ.
6-ماددا پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆزىنىڭ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن سۈرىتى، شۇنىڭدەك ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
دۆلەت خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سەۋەب بىلەن چېگرادىن چىقىپ ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىمزا قويۇپ بېرىشى كېرەك؛
بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى ئىمزا قويۇپ بەرمىسە، سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
چەت، يىراق رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلاردا ياكى ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا ئىمزا قويۇپ تارقىتالمىغانلار پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتسا بولىدۇ.
پۇقرالار مۇۋاپىق جىددىي سەۋەب بىلەن جىددىي بېجىرىشنى تەلەپ قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك.
7-ماددا ئادەتتىكى پاسپورتنى تىزىملاش تۈرى پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان جايى، پاسپورتنىڭ ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئورۇن ۋە ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى:پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا بەش يىل، 16 ياشتىن ئاشقان بولسا ئون يىل بولىدۇ.
ئادەتتىكى پاسپورتقا كونكرېت ئىمزا قويۇپ بېرىش چارىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
8-ماددا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇل ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ بىللە بارغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى دىپلوماتىيە پاسپورتى ئىشلىتىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىدا، شۇنىڭدەك باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋەتكەن خىزمەتچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بىللە بارغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا پۇقرالار چەت ئەلگە چىقىپ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلسا، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى مۇشۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، دىپلوماتىيە تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى ھۆكۈمەت پاسپورتىغا ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ.
9-ماددا دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىنى تىزىملاش تۈرى پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان جايى، پاسپورتنىڭ ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىش دائىرىسى، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش چارىسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتىنىڭ كونكرېت تۈرىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
10-ماددا پاسپورت ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ ئىلكىدىكى پاسپورتنىڭ تىزىملىتىدىغان ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگانغا پاسپورتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمە بويىچە پاسپورتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :
( 1 ) پاسپورتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشاي دەپ قالغانلار؛
( 2 ) پاسپورت ۋىزا بېتى ئىشلىتىلىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار؛
( 3 ) پاسپورت بۇزۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولمىسا؛
( 4 ) پاسپورتى يىتىپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان بولسا؛
( 5 ) يوللۇق سەۋەب بىلەن پاسپورت ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ياكى تولۇقلاپ تارقىتىشقا توغرا كېلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
پاسپورت ئىگىسى ئادەتتىكى پاسپورتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، دۆلەت ئىچىدە، شۇ كىشى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كۆرسىتىدۇ؛
چەت ئەلدە، شۇ كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىغا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپاراتلارغا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئادەتتىكى پاسپورت ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، شۇ كىشى ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇنىدۇ.
دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ياكى تولۇقلاپ تارقىتىش دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
12-ماددا پاسپورت ئوقۇپ كۆرۈش ۋە ماشىنىدا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان.
پاسپورتنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارا تېخنىكا ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
پاسپورت ئىمزالاپ بەرگۈچى ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پاسپورت ياساش، ئىمزا قويۇپ بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
13-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان پاسپورتقا ئىمزا قويۇپ بەرمەيدۇ :
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولمىغانلار؛
( 2 ) سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛
( 3 ) ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛
( 4 ) جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا ئۆتەۋاتقانلار؛
( 5 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ئاياغلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولسا چېگرادىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلار؛
( 6 ) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارىغا تەۋە بولغانلار؛
( 7 ) گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى چېگرادىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئىتىگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىسا.
14-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ 6 ئايدىن 3 يىلغىچە پاسپورتقا ئىمزا قويۇپ بەرمەيدۇ :
( 1 ) دۆلەت ( چېگرا ) چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛
( 2 ) چېگرادىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىلگەنلەر.
15-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، مەمۇرىي رېۋىزىيە ئورگىنى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن، دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پاسپورتىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
دېلودىكى ئالاقىدارلار پاسپورتنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگىنى پاسپورت ئىمزالاپ بەرگۈچى ئورگانغا دېلودىكى ئالاقىدارلارنىڭ پاسپورتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاشنى سۇنسا بولىدۇ.
16-ماددا پاسپورت ئىلكىدە تۇتقۇچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالسا ياكى پاسپورت يىتىپ كەتسە، ئوغرىلانسا، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان شۇ پاسپورتنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان ئورگان ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان پاسپورت ئىناۋەتسىز.
17-ماددا پاسپورتنى ساختىپەزلىك بىلەن ئالداپ ئېلىۋالسا، پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان پاسپورتنى يىغىۋالىدۇ ياكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ؛
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
18-ماددا باشقىلارغا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان پاسپورت بەرگەن ياكى پاسپورت ساتقانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قانۇنسىز پاسپورت ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
19-ماددا ياسىۋالغان ياكى ئۆزگەرتىۋالغان پاسپورتنى ئىشلەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىپ دۆلەت ( چېگرا ) چېگراسىغا كىرگەن-چىققانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ؛
قانۇنسىز پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
20-ماددا پاسپورت ئىمزالاپ بەرگۈچى ئورگان خادىملىرىدىن پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :
( 1 ) قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغانلار؛
( 2 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئىمزا قويۇپ تارقاتمىغانلار؛
( 3 ) ھەق دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئېلىنغانلار؛
( 4 ) ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پارا سورىغان ياكى پارا ئالغانلار؛
( 5 ) پاسپورت ياساش، ئىمزا قويۇش ئارقىلىق بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار؛
( 6 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.
21-ماددا ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ نۇسخىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ ياسايدۇ؛
دىپلوماتىيە پاسپورتى، ھۆكۈمەت پاسپورتىنىڭ نۇسخىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ ياسايدۇ.
22-ماددا پاسپورت ئىمزا قويۇپ بەرگۈچى ئورگان پاسپورتنىڭ تەننەرخ ھەققى، ئىزاھات ھەققى ئالسا بولىدۇ.
ئېلىنغان تەننەرخ ھەققى ۋە دو تىكىش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
پاسپورتنىڭ تەننەرخ ھەققى ۋە دو تىكىش ھەققىنىڭ ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
23-ماددا قىسقا مۇددەت چەت ئەلگە چىقىدىغان پۇقرالاردا چەت ئەلدە پاسپورتى يىتىپ كېتىش، ئوغرىلىنىش ياكى بۇزۇلۇپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئاپپاراتلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
24-ماددا پۇقرالار چېگرا سودىسى، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىش ياكى چېگرا ساياھىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
25-ماددا پۇقرالار دېڭىز خادىمى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەت چېگراسىغا كىرىپ-چىققاندا ۋە چەت ئەل كېمىلىرىدە خىزمەت قىلغاندا، قاتناش مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز خادىمى گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
26-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان پاسپورت كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە.