جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى

( 1984-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

مۇندەرىجە

مۇقەددىمە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەركىبى

3-باب ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى

4-باب مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى

5-باب مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى

6-باب يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

مۇقەددىمە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت.
مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم-لېنىنىزمنى تەتبىقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي سىياسىتى، دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى.

مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى − ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.
مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش روھىنى، دۆلەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈردى.

مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، مىللىي ئاپتونوم جايلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينايدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ تۈزۈمنىڭ دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش شەرت؛
ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىنى، ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش شەرت؛
مىللىي ئاپتونوم جايلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى شەرت؛
دۆلەت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە، چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىنى بويلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ،
سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىتتىپاق-ئاۋات مىللىي ئاپتونوم جاي قۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن، ۋەتەننى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى»ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان نېگىزلىك قانۇندۇر.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ.

2-ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا رايون ئاپتونومىيەسى يولغا قويۇلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلار ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرگە ئايرىلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر.

3-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردا ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىر دەرىجىلىك يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.

4-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ 3-بابىنىڭ 5-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇشۇ قانۇندا، شۇنىڭدەك باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ.

ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قارىمىقىدىكى رايون، ناھىيەلەرنىڭ شەھەرلىك يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

5-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ ئۆز جايىدا ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

6-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلاردىكى پىرىنسىپقا خىلاپ بولمىغان ئاساستا، ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ھوقۇقلۇق.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئېڭى ۋە پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

7-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پائال ئورۇندىشى كېرەك.

8-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ھەمدە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ.

9-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.
ھەرقانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىش مەنئى قىلىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.

10-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

11-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ.

ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.

2-باب مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەركىبى

12-ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار شۇ جاينىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتارلىق شارائىتلىرىغا قاراپ ھەمدە تارىخىي ئەھۋالغا قاراپ، بىر ياكى بىرنەچچە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى ئاساس قىلغان ئاپتونومىيە جايى قۇرسا بولىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا جايلاردا مۇناسىپ ئاپتونومىيە جايى ياكى مىللىي يېزىلار قۇرۇلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بىر قىسىم خەنزۇ مىللىتى ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاھالە رايونى ۋە شەھەر-بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ.

13-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ نامى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ جاينىڭ نامى، مىللەت نامى، مەمۇرىي ئورۇن تەرتىپى بويىچە تەركىب تاپىدۇ.

14-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى، رايون پاسىلىنىڭ ئايرىلىشى ۋە نامىنىڭ تەركىبىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تولۇق كېڭىشىپ بېكىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىشقا يوللايدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلار قۇرۇلغان ھامان، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛
مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ رايون پاسىلى بېكىتىلگەندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛
بىكار قىلىش، بىرلەشتۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تولۇق كېڭىشىپ بېكىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىشقا يوللايدۇ.

15-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەم خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر، گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش نىزامى ياكى يەككە نىزاملىرىدا بەلگىلىنىدۇ.

16-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىدا رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىدا رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتلەرنىڭ سانى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگۈچىلەر ئىچىدە رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇشى كېرەك.

17-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسىدىن بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى باشقا خادىملار رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىنى مۇۋاپىق سەپلىشى كېرەك.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

18-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىغا قاراشلىق خىزمەت تارماقلىرىدىكى كادىرلار ئىچىگە رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىنى مۇۋاپىق قويۇش كېرەك.

3-باب ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى

19-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامىنى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

20-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ قارار، قارار، بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرىدىن مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىرىنى ئاپتونومىيە ئورگىنى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىغا تەستىقلاتسا، ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلسا ياكى ئىجرا قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ؛
يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

21-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىدۇ؛
ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە خىل ئورتاق تىل-يېزىقنى قوللىنىپ، رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئاساس قىلىشقا بولىدۇ.

22-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، پەن-تېخنىكا، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى ئارىسىدا ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە دىققەت قىلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى خادىم قوبۇل قىلغاندا، رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتلەرنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خادىملىرىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى لازىم.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، ھەر خىل كەسپىي خادىملارنىڭ ئۆز جايىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئېتىبار بەرسە، ئىلھام بەرسە بولىدۇ.

23-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە يېزىلاردىن ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

24-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى بويىچە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسمىنى تەشكىللىسە بولىدۇ.

25-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا دائىر فاڭجېن-سىياسەت ۋە پىلانلارنى چىقىرىدۇ، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

26-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىزم پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

27-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز جايىدىكى ئوتلاق ۋە ئورماننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئوتلاق ۋە ئورمانلارنى قوغدايدۇ، بەرپا قىلىدۇ، كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ ئوتلاق ۋە ئورمانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
ئوتلاق ۋە ئورماندىكى ئوت-چۆپلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئورمانلارنى ۋەيران قىلىپ يەر ئېچىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

28-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى باشقۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ۋە دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش پىلانى بويىچە، ئۆز جايى ئېچىشقا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنى ئاۋۋال مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىدۇ.

29-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە باشقا كونكرېت شەرتلىرىگە قاراپ، يەرلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

30-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىغا قاراشلىق كارخانا، ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ.

31-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاشقى ئىقتىسادىي-سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، تاشقى سودا پورتى ئاچسا بولىدۇ.

چەت ئەلگە تۇتىشىدىغان مىللىي ئاپتونوم جايلار گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرا سودىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلار تاشقى ئىقتىسادىي-سودا پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

32-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ مالىيەسى 1-دەرىجىلىك مالىيە، دۆلەت مالىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيەنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە.
دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونوم جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن مالىيە تۈزۈلمىسى شارائىتىدا، مىللىي ئاپتونوم جايلار دۆلەت يولغا قويغان قېلىپلاشقان مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمى ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ مالىيە-خامچوت چىقىمىدا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە زاپاس مەبلەغ تەسىس قىلىنىدۇ، زاپاس خىراجەتنىڭ خامچوتتا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئادەتتىكى رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مالىيە خامچوتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئاشقان كىرىم ۋە چىقىم ئېشىنچا مەبلىغىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.

33-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ تۈرلۈك چىقىم ئۆلچىمى، خادىملىرىنى بەلگىلەش، نورمىسىنى دۆلەت بەلگىلىگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارىلەرنى تۈزسە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايون چىقارغان قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارە گوۋۇيۈەننىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىنىدۇ؛
ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر چىقارغان قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش شەرت.

34-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ باج قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا، دۆلەت بىرتۇتاش تەستىقلايدىغان باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش تۈرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆز جايىنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىغا باج جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش ۋە ئىلھام بېرىشكە توغرا كەلسە، باجنى كېمەيتسە ياكى باجنى كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ.
ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر باجنى كېمەيتىش ياكى باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى شەرت.

35-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلار شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرلىك سودا بانكىسى ۋە شەھەر-يېزا ئامانەت-قەرز ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرسا بولىدۇ.

36-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۆز جايىنىڭ مائارىپ يىرىك پىلانىنى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئوقۇش تۈزۈمى، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش تىلى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى قارار قىلىدۇ.

37-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا مائارىپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت تاغلىق رايونلىرى بولۇپ، ياتاقتا يېتىش ئاساس ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاساس قىلىنغان، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مىللەتلەر باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلىنى شۇ جاي مالىيەسى ھەل قىلىدۇ، شۇ جاي مالىيەسىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپ ( سىنىپ ) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك كىتابنى قوللىنىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈشى كېرەك؛
ئەھۋالغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تۆۋەن يىللىق ياكى يۇقىرى يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىگە مالىيە جەھەتتە مەدەت بېرىشى كېرەك.

38-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللەتلەر شەكلىگە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەدەبىيات، سەنئەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ مىللىي تارىخىي مەدەنىيەتكە دائىر كىتابلارنى توپلىشى، رەتلىشى، تەرجىمە قىلىشى ۋە نەشر قىلىشىنى تەشكىللەپ ۋە قوللاپ، مىللىي مەشھۇر جايلار-ئاسارئەتىقىلەر، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ، ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

39-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

40-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ، زامانىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلىشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.

41-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرىدۇ.

42-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى باشقا جايلارنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چەت ئەللەر بىلەن مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

43-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇش چارىسىنى چىقىرىدۇ.

44-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلار پىلانلىق تۇغۇش ۋە سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئاھالە ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىدۇ.

45-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدۇ، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

4-باب مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى

46-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئەزالىرى ۋە خادىملىرى ئىچىدە رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتتىن بولغان خادىملار بولۇشى كېرەك.

47-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى دېلولارنى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن قاراپ چىقىشى ۋە تەپتىش قىلىشى ھەمدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدۇ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى بىلىدىغان خادىملارنى مۇۋاپىق سەپلىشى كېرەك.
شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا قاتناشقۇچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
قانۇن ھۆججەتلىرىدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل يېزىقنى ئىشلىتىش كېرەك.
ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىپ دەۋا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

5-باب مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى

48-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنى بىرلىكتە قۇرىدۇ.

49-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرىنى ئۆزئارا تىل-يېزىق ئۆگىنىشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش بىلەن بىللە، يەنە مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە خەتنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى دۆلەت خادىملىرىدىن شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان 2 خىلدىن ئارتۇق تىل-يېزىقنى پىششىق بىلىدىغانلىرى مۇكاپاتلىنىشى كېرەك.

50-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدا ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم بېرىدۇ، مۇناسىپ ئاپتونومىيە جايى ياكى مىللىي يېزا قۇرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىدۇ.

51-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى مىللەتلەرگە چېتىلىدىغان ئالاھىدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىشى، ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى شەرت.

52-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا پۇقرالار ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.

53-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم-پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۆز جايىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوممۇنىزم ۋە مىللىي سىياسەت تەربىيەسى بېرىدۇ.
ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادقا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش.

6-باب يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

54-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قارار، قارار، بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرى مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

55-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىش، تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشىغا ياردەم ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

دۆلەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغنى مىللىي ئاپتونوم جايلارغا بېرىشكە يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزگەندە، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

56-ماددا دۆلەت بىرتۇتاش يىرىك پىلان ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئېچىش تۈرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
دۆلەت مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە سېلىنما تۈرلىرىدە سېلىنما سالمىقى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا قەرز پۇلى سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرىدۇ.

دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ يانداش مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق بولسا، يانداش مەبلەغنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئېتىبار بېرىدۇ.

دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئەمەلىي پەن-تېخنىكا يارىتىش ۋە نەتىجە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ۋە راۋاجلاندۇرۇش شارائىتى يار بېرىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىدۇ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارغا مۇۋاپىق يۆتكىلىشكە پائال يېتەكلەيدۇ.
دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارغا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يۆتكىگەندە، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىلغار، باب كېلىدىغان ئۈسكۈنە ۋە ھۈنەر-سەنئەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

57-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، پۇل بازىرى ۋە كاپىتال بازىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كارخانىلارنىڭ بايلىق ئېچىش، كۆپ خىل ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى مۇۋاپىق مەبلەغ ئېھتىياجىنى نۇقتىلىق يۆلىشى كېرەك.

دۆلەت سودا بانكىلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونوم جايلارغا ئىناۋەتلىك قەرز سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ ئېھتىياجىنى پائال قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

58-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايدىكى كارخانا باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە تېخنىك خادىملارنى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بېرىپ ئوقۇشقا تەشكىللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى كارخانا باشقۇرغۇچى خادىملار، تېخنىك خادىملارنى مىللىي ئاپتونوم جايدىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

59-ماددا دۆلەت تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ.

دۆلەت تەسىس قىلغان تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغلەرنى ۋە مىللەتكە بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق ياردەم پۇل مەخسۇس پۇللىرىنى ھەرقانداق تارماق كېمەيتسە، تۇتۇپ قالسا، يۆتكەپ ئىشلەتسە بولمايدۇ، ئۇنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ نورمال خامچوت كىرىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

60-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى دۆلەتنىڭ مىللىي سودا سىياسىتىگە ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ سودا، تەمىنات-سودا ۋە تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، باج قاتارلىق جەھەتلەردىن يۆلەيدۇ.

61-ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ تاشقى ئىقتىساد-سودىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ، مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تاشقى سودىدا ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىدۇ، يەرلىك ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، ئېتىبار بېرىلىدىغان چېگرا سودىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

62-ماددا خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيەدىن مىللىي ئاپتونوم جايلارغا قارىتىلغان مالىيە يۆتكىمە چىقىم سالمىقى پەيدىنپەي ئاشىدۇ.
ئادەتتىكى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى، مەخسۇس مالىيە يۆتكىمە خىراجىتى، مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بويىچە مالىيە يۆتكىمە چىقىم قىلىش ۋە دۆلەت بېكىتكەن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، مىللىي ئاپتونوم جايلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئىشلىتىپ، تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك.

63-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، باج قاتارلىق جەھەتلەردە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتلىرىنى ۋە سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلىشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ؛
مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئۆز جايىنىڭ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يەرلىك سانائەت، يېزا-بازار كارخانىلىرى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار، شۇنىڭدەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجلىق تاۋارلىرى ۋە ئەنئەنىۋى قول سانائەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ.

64-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنى مىللىي ئاپتونوم جايلار بىلەن ئىقتىسادىي، تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللىشى، قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشى، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

65-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىشتا، مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، تەبىئىي بايلىق چىقىرىدىغان مىللىي ئاپتونوم جايلارغا بەلگىلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى كارخانىلارنى ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە مىللىي ئاپتونوم جايلارغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

66-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئېكولوگىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر مۇھىم، زور تۈرلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى كېرەك.

مىللىي ئاپتونوم جايلار دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى، مۇھىت مۇھاپىزىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشسا، دۆلەت بەلگىلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس مىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىشى ۋە ياخشىلىشى، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

67-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىغا قاراشلىق مىللىي ئاپتونوم جايدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خادىم قوبۇل قىلغاندا، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتنى ئاۋۋال قوبۇل قىلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايدىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، شۇ جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزامى ۋە يەرلىك نىزام، قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى، شۇ جايدىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

68-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، مىللىي ئاپتونوم جايغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

69-ماددا دۆلەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى نامرات رايونلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

70-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛
مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، پەن-تېخنىكا ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىشقا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىدۇ.

71-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارغا مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە باشقا مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت مىللىي ئالىي مەكتەپ قۇرىدۇ، ئالىي مەكتەپلەردە مىللەتلەر سىنىپى، مىللەتلەر تەييارلىق سىنىپى ئاچىدۇ، مەخسۇس ياكى ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نىشانلىق تەقسىم قىلىش چارىسىنى قوللانسا بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئىمتىھان بېرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ۋە شەرتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ، نوپۇسى ئالاھىدە ئاز ئاز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

دۆلەت تەرەققىي تاپقان رايونلاردا مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئاچىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مىللەتلەر سىنىپى ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيەلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
دۆلەت ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر مىللەت ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مىللىي ئاپتونوم جايلارغا بېرىپ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا مۇناسىپ ئېتىبار تەمىنات بېرىدۇ.

72-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا مىللەتلەر سىياسىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

73-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە مۇشۇ قانۇننى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم مەمۇرىي نىزام، قائىدە، كونكرېت تەدبىر ۋە چارە تۈزۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلىك ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى چىقىرىدۇ.

74-ماددا بۇ قانۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتىدۇ، 1984-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.