جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى

( 1988 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى 6 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قانۇن قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 ـ يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2009 ـ يىل 8-ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1 ـ قېتىم تۈزىتىلدى، 2016 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى 12 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى > قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب سۇ بايلىقىنى پىلانلاش

3-باب سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش

4-باب سۇ بايلىقى، سۇ دائىرىسى ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش

5-باب سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تېجەپ ئىشلىتىش

6-باب سۇ ئىشلىرى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ بايلىقى يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا سۇ بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
سۇ بايلىقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆلچەكلىرى ۋە يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياساپ باشقۇرىدىغان سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى شۇ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئىشلىتىدۇ.

4-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ بايلىقىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

6-ماددا دۆلەت ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېچىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
سۇ بايلىقىنى ئاچقان، پايدىلانغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

7-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىغا قارىتا قانۇن بويىچە سۇ ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى ۋە ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
لېكىن، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ كۆلچەك، سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى ئىشلەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

8-ماددا دۆلەت سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنەر-سەنئىتىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجەشچان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۇ تېجەر جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە كېڭەيتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۇنى تېجەپ پايدىلىنىش كەسپىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتى بار.

9-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى قوغدايدۇ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىدۇ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدايدۇ، كۆچەت تىكىدۇ، ئوت-چۆپ ئۆستۈرىدۇ، سۇ مەنبەسىنى ساقلايدۇ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلايدۇ.

10-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ئىلغار پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

11-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.

12-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىغا قارىتا ۋادى باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىي رايون باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە قۇرغان ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ۋادى باشقۇرۇش ئاپپارات دېيىلىدۇ ) باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەرگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

13-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب سۇ بايلىقىنى پىلانلاش

14-ماددا دۆلەت مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ.

سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ۋادى، رايون بويىچە بىرتۇتاش يىرىك پىلان تۈزۈش كېرەك.
يىرىك پىلان ۋادى يىرىك پىلانى ۋە رايون يىرىك پىلانىغا بۆلۈنىدۇ.
ۋادى يىرىك پىلانى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە ۋادى كەسپىي يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
رايون يىرىك پىلانى رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە رايون كەسپىي يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى ۋە سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان كەسپىي يىرىك پىلان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ھۆلچىلىكنى تىزگىنلەش، سۇغىرىش، سۇ تىرانسپورتى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش، بامبۇك-دەل-دەرەخلەرنى سۈركەپ قويۇپ بېرىش، بېلىقچىلىق، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى كۆرسىتىدۇ.

15-ماددا ۋادى دائىرىسىدىكى رايون يىرىك پىلانى ۋادى يىرىك پىلانىغا بويسۇنۇشى، كەسپىي يىرىك پىلان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانغا بويسۇنۇشى كېرەك.

ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك يەردىن پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسپىي يىرىك پىلاننى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇنداقلا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، شەھەر ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇش، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى ساھەنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

16-ماددا يىرىك پىلان تۈزۈشتە، سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش شەرت.
سۇ بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ رايى، سۇ بايلىقى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ بايلىقىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئاساسىي سۇ رايى ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشكارىلاش كېرەك.

17-ماددا دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادىسى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.
ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى مۇناسىۋەتلىك ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەريا، كۆل تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوندىكى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ پىكىر بەرگەندىن كېيىن،
گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاش؛
گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقلارغا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

كەسپىي يىرىك پىلاننى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى تۈزىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەستىقلاش كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى، سۇ-تۇپراق ساقلاش قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

18-ماددا يىرىك پىلان تەستىقلانغاندىن كېيىن، قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.

تەستىقلانغان يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلاننى تۈزۈش تەرتىپى بويىچە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.

19-ماددا سۇ قۇرۇلۇشى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى شەرت.
دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆل ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان دەريا، كۆللەردە سۇ قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىمزالىغان ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىنى ئالمىغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش باشلاپ ئىش باشلىسا بولمايدۇ؛
باشقا دەريا، كۆللەردە سۇ قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىدە ئىمزالىغان ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن يىرىك پىلان ماقۇلنامىسى ئېلىنمىسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش باشلىسا بولمايدۇ.
سۇ قۇرۇلۇشى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە چېتىلسا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ؛
باشقا رايون ۋە ساھەگە چېتىلسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇناسىۋەتلىك رايون ۋە تارماقتىن ئالدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

3-باب سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش

20-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، پايدىلىق ئىشلارنى گۈللەندۈرۈش بىلەن زىيانلىق ئىشلارنى يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ-سول قىرغاق ۋە مۇناسىۋەتلىك رايونلار ئارىسىدىكى مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بويسۇنۇش كېرەك.

21-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، ئالدى بىلەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۈيىنى قاندۇرۇش ھەمدە يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئىشلىتىدىغان سۇ، شۇنىڭدەك سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق ئېھتىياجلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردا سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك.

22-ماددا ۋادى ھالقىپ سۇ يۆتكەشتە، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ۋە ئىلمىي دەلىللەپ، يۆتكەپ چىقىرىش ۋە يۆتكەپ كېلىشتىكى ۋادىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرتۇتاش ئېتىبار بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

23-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ سۇ بايلىقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى بىرتۇتاش تەڭشەپ ئېچىش، مەنبەنى ئېچىش بىلەن ئېقىننى تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئېقىننى تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا پايدىلىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى مۇۋاپىق تەشكىللىشى كېرەك.

خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك شەھەر ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقى شارائىتى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشى ھەمدە ئىلمىي دەلىللىشى كېرەك؛
سۇ بايلىقى يېتەرسىز رايونلاردا، شەھەر كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش سۇ سەرپىياتى زور بولغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىك تۈرلىرىگە چەك قويۇش كېرەك.

24-ماددا سۇ بايلىقى قىس رايونلاردا، دۆلەت يامغۇر سۈيى ۋە ئۇششاق تۇزلۇق سۇنى يىغىش، ئېچىش، پايدىلىنىش ۋە دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىش، ئۇنى تۇزسىزلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

25-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇغىرىش، زەي چىقىرىۋېتىش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛
شورلىشىش ۋە شورلىشىش زىيىنى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردا، تەدبىر قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنىنى تىزگىنلەش ۋە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كوللېكتىپ يەرگە ياكى ھۆددە يەرگە قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ سۇ قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى سالسا، كىم مەبلەغ سېلىپ قۇرسا شۇ باشقۇرۇش ۋە شۇ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، سۇ قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى ۋە سۇ ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدۇ ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىدۇ.

يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى سۇ ئامبىرى قۇرۇشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

26-ماددا دۆلەت سۇ ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
سۇ ئېنېرگىيەسى مول دەريا ئېقىنلىرىنى پىلانلىق ھالدا كۆپ نىشانلىق پەلەمپەيسىمان ئېچىش كېرەك.

سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بېرىش، سۇغىرىش، سۇ تىرانسپورتى، بامبۇك-ياغاچلارنى قويۇپ بېرىش ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

27-ماددا دۆلەت سۇ تىرانسپورت بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
سۇ جانلىقلىرىنى يۆتكەش يولى، سۇ قاتنىشى ياكى بامبۇك ياغىچىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان دەرياغا مەڭگۈلۈك توسما ياساشتا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بېلىق، كېمە، ياغاچتىن ئۆتكۈزۈش ئەسلىھەلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ تەستىقى بىلەن باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىش ۋە سۇ ساقلاش مەزگىلىدىكى سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش، سۇ تىرانسپورتى ۋە بامبۇك ياغىچىنى قويۇپ بېرىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك،
كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

قاتناش باشلانمايدىغان دەريا ئېقىنىدا ياكى ئادەم كۈچى بىلەن سۇ يولىدا چۈشۈرگە ياسىغاندىن كېيىن قاتناش باشلاشقا بولىدۇ، چۈشۈرگە ياسىغۇچى ئورۇن كېمە ئەسلىھەلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى ياكى كېمە ئەسلىھەلىرىگە ئورۇن قالدۇرۇشى كېرەك.

28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس سۇ باشلايدۇ، سۇ ئۈزىدۇ ( ساقلايدۇ )، چىقىرىۋېتىدۇ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

29-ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىنى ئېچىش خاراكتېرلىك كۆچۈرۈش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، ئالدىنقى مەزگىللىك تولۇقلىما بېرىش، ياردەم بېرىش بىلەن كېيىنكى مەزگىللىك يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

كۆچۈرۈلگەن ئاھالىنى قۇرۇلۇش بىلەن ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايوننىڭ مۇھىت سىغىمى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى تۈزۈشى، قانۇن بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.
كېرەكلىك كۆچمەنلەر خىراجىتى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

4-باب سۇ بايلىقى، سۇ دائىرىسى ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش يىرىك پىلانى تۈزگەندە ۋە سۇ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، دەريالارنىڭ مۇۋاپىق ئېقىن مىقدارى ۋە كۆل، سۇ ئامبىرى، شۇنىڭدەك يەر ئاستى سۈيىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، سۇنىڭ تەبىئىي ساپلىشىش ئىقتىدارىنى قوغدىشى كېرەك.

31-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق سۇ ئىشلىرى پائالىيەتلىرىدە تەستىقلانغان يىرىك پىلانغا رىئايە قىلىش كېرەك؛
يىرىك پىلانغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن دەريا ۋە كۆل سۇ رايونىنىڭ ئىشلىتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن، يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان، يەر يۈزى تۆۋەنلەپ كەتكەن، سۈيى بۇلغانغانلار تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

قېزىلما بايلىقنى ئېچىش ياكى يەر ئاستى قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قۇرغاقلاشتۇرۇشنى تارقاقلاشتۇرۇش، سۇ چىقىرىش سەۋەبىدىن يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتسە، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كەتسە ياكى يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتسە، كان ئاچقۇچى ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛
باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ.

32-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقىنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.
ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنى مۇناسىۋەتلىك ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەريا، كۆل بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ،
ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت قوغداش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ،
ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا يوللايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىگە قويغان تەلىپى ۋە سۇنى تەبىئىي تازىلاش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، شۇ سۇ رايونىنىڭ بۇلغىما قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا شۇ سۇ رايونىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىغا چەك قويۇش پىكرىنى بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا ياكى سۇ فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى سۇ رايونىنىڭ ئىشلىتىش فۇنكسىيەسىنىڭ سۇ سۈپىتىگە بولغان تەلىپىگە يەتمىسە، مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك،
ھەمدە مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

33-ماددا دۆلەت ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىنى ئايرىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، سۇ مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

34-ماددا ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىدا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

دەريا، كۆللەردە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ياكى كېڭەيتىشتە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل بولۇش كېرەك.

35-ماددا قۇرۇلۇش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش سۇ مەنبەسى، سۇغىرىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان ياكى ئەسلىدە بار بولغان سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇناسىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛
زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىدۇ.

36-ماددا يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلاردا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىشنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك.
يەر ئاستى سۈيى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە تارتىلغان رايونلاردا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مەنئى قىلىنغان ياكى ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايونلارنى بېكىتىشكە بولىدۇ.
دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشتا، ئىلمىي دەلىللەش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، يەر يۈزى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

37-ماددا دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قانال، ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىش، دۆۋىلەپ قويۇش ۋە كەلكۈن ئاققۇزۇشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان دەل-دەرەخ ۋە ئېگىز غوللۇق زىرائەتلەرنى تىكىش مەنئى قىلىنىدۇ.

دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىش، شۇنىڭدەك دەريا ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دەريا قىرغىقىدىكى توسما بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋە دەريا يولىدىكى كەلكۈن ئاققۇزۇشنى توسىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

38-ماددا دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كۆۋرۈك، پىرىستان ۋە باشقا دەريا توسۇش، دەريا ھالقىش، دەرياغا يېقىن ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىش، دەريا ھالقىيدىغان تۇرۇبا، كابېل ياتقۇزۇشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇش، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، چېقىۋېتىش ياكى بۇزۇۋېتىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا كەتكەن خىراجەت ۋە زىيان تولۇقلىمىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
لېكىن، ئەسلىدە بار بولغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

39-ماددا دۆلەت دەريادىن شېغىل ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دەريادىن شېغىل ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسىدە شېغىل ئېلىپ، دەريا ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزسە ياكى توسما بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، مۇناسىۋەتلىك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قېزىشنى مەنئى قىلىش رايونى ۋە قېزىش مەنئى قىلىش مەزگىلىنى بېكىتىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

40-ماددا كۆلنى دائىرىلەپ يەر بەرپا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قاشالاپ بوز يەر ئاچقانلارنى دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى بويىچە پىلانلىق ھالدا تېرىلغۇدىن كۆلگە قايتۇرۇش كېرەك.

دەريانى قاشالاپ ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ھەقىقەتەن دائىرىلەپ بوز يەر ئېچىشقا توغرا كەلسە، ئىلمىي دەلىللەپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.

41-ماددا ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، توسمىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش، قىرغاقنى قوغداش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ رايىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، سۇ رايى گېئومېتىرىيەسىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ توسما ۋە توسمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەتەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈگىتىشى كېرەك.
سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

43-ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى قوغدايدۇ.
دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى سۇ قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىدا مەسئۇل تارماق ياكى ۋادى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا سۇ قۇرۇلۇشلىرىدا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى قوغداش دائىرىسى ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى بېكىتىلىدۇ.

سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش دائىرىسىدە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش قېزىش، توپا ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

5-باب سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تېجەپ ئىشلىتىش

44-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات پىلانى مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقىنى ماكرولۇق تەقسىملەشكە مەسئۇل بولىدۇ.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان سۇدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنات-تەلەپ يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات پىلانى مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
يەرلىكنىڭ سۇغا دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەمىنات-تەلەپ يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇغا دائىر ئوتتۇرا

سۇنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەمىنات-تەلەپ يىرىك پىلانىنى سۇنىڭ تەمىنات-تەلەپ ھازىرقى ئەھۋالى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ۋادى يىرىك پىلانى، رايون يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، سۇ بايلىقىنىڭ تەمىنات-ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، مەنبەنى مۇۋاپىق ئېچىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تۈزۈش كېرەك.

45-ماددا ئېقىن يۆتكەش، ساقلاش ۋە سۇ مىقدارىنى تەقسىملەشتە، ۋادى يىرىك پىلانى ۋە سۇغا دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەمىنات-تەلەپ يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ۋادىنى بىرلىك قىلىپ سۇ مىقدارى تەقسىمات لايىھەسى تۈزۈش كېرەك.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسى ۋە قۇرغاقچىلىق جىددىي بولغان ئەھۋالدىكى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ۋادى باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كېڭىشىپ تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.
مەمۇرىي رايون ھالقىغان باشقا سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسى ۋە قۇرغاقچىلىق جىددىي بولغان ئەھۋالدىكى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئۇلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كېڭىشىپ تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.

سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسى ۋە قۇرغاقچىلىق جىددىي بولغان ئەھۋالدا سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجرا قىلىشى شەرت.

ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئارىسىدىكى چېگرا دەريا ئېقىنلىرىدا سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈرى قۇرۇشتا، شۇ ۋادىنىڭ تەستىقلانغان سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، مۇناسىۋەتلىك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇناسىۋەتلىك ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلانغان سۇ مىقدارى تەقسىمات لايىھەسى ۋە كەلگەن سۇ مىقدارىنى يىللىق مۆلچەرلەشكە ئاساسەن، يىللىق سۇ مىقدارى تەقسىملەش لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، سۇ مىقدارىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك؛
ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بويسۇنۇشى شەرت.

دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ يىللىق سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

47-ماددا دۆلەت سۇ ئىشلىتىشتە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش بىلەن نورمىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھە مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ساھەلەرگە سۇ ئىشلىتىش نورمىسىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە سۈپەت نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىدۇ،
ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانى مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، سۇ ئىشلىتىش نورمىسى، ئىقتىساد-تېخنىكا شارائىتى، شۇنىڭدەك سۇ مىقدارى تەقسىمات لايىھەسىگە ئاساسەن بېكىتكەن شۇ مەمۇرىي رايون ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ مىقدارىغا ئاساسەن، يىللىق سۇ ئىشلىتىش پىلانى تۈزۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يىللىق سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ.

48-ماددا دەريا، كۆل ياكى يەر ئاستىدىن سۇ بايلىقىنى بىۋاسىتە ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە سۇ بايلىقى ھەققى تاپشۇرۇپ، سۇ ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك.
لېكىن، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە تارقاق يايلىتىپ بېقىش، قوتاندا بېقىش قاتارلىق ئاز مىقداردا سۇ ئالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش-باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

49-ماددا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئۆلچەش ھەمدە تەستىقلانغان سۇ ئىشلىتىش پىلانى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

سۇ ئىشلىتىشتە ئۆلچەپ ھەق ئېلىش ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ تەكرار باھا قوشۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

50-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۇسۇلى ۋە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ساقلاش، سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا سۇ سىڭمەس، ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە توك ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

51-ماددا سانائەتتە سۇ ئىشلىتىشتە ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىپ، ئايلانما سۇ ئىشلىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

دۆلەت قالاق، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى تەدرىجىي شاللايدۇ، كونكرېت تىزىملىكنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.
ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى ياكى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت جەريانىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.

52-ماددا شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ سايمانلىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەر سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىدا سۇ ئېقىپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛
شەھەرلەردە پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك بىرتەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي سۇ ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىپ، پاسكىنا سۇدىن قايتا پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

53-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇ تېجەش تەدبىرى لايىھەسى تۈزۈش، سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك.
سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك.

سۇ بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ۋە ئۆزى قۇرغان سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلار سۇ تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىشى كېرەك.

54-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

55-ماددا سۇ قۇرۇلۇشى تەمىنلىگەن سۇنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۇ بەرگۈچى ئورۇنغا سۇ ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.
سۇ بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى تولۇقلىما تەننەرخى، مۇۋاپىق پايدا ئېلىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش، ئادىل ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك.
كونكرېت چارىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزىدۇ.

6-باب سۇ ئىشلىرى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

56-ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئارا سۇ ماجىراسى كۆرۈلسە، كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛
كېلىشەلمىسە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشى شەرت.
سۇ ئىشلىرى ماجىراسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ھەرقايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغان ياكى ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، مەمۇرىي رايون پاسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بەلگىلىك دائىرىدە، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ سۇ چىقىرىش، سۇ توسۇش، سۇ ئېلىش ۋە سۇ توسۇش ( ساقلاش ) قۇرۇلۇشى قىلىشىغا، سۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

57-ماددا ئورۇنلار ئارا، شەخسلەر ئارا، ئورۇنلار بىلەن شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۇ ئىشلىرى ماجىراسىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛
ئالاقىدارلار كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقلارنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇلار ھوقۇق بەرگەن تارماقلار مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

سۇ ئىشلىرى ماجىراسى ھەل بولۇشتىن ئىلگىرى، دەۋالاشقۇچىلار ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

58-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقلار سۇ ماجىراسى ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ياكى ئالاقىدارلار بويسۇنۇشى شەرت.

59-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھەمدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

سۇ سىياسىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خادىملىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سۇ مەمۇرىيىتى نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈش خادىملىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق :

( 1 ) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇندىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، كىنىشكا، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش؛

( 2 ) تەكشۈرۈلگۈچىدىن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 3 ) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا كىرىپ تەكشۈرۈش؛

( 4 ) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.

61-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر سۇ مەمۇرىيىتى نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك، سۇ مەمۇرىيىتى نازارەتچىلىك – تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشقا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

62-ماددا سۇ مەمۇرىيىتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

63-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قانۇنغا خىلاپ ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشى بارلىقىنى بايقىسا، ئۇنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

64-ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، شۇنىڭدەك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى، باشقا پايدىسىنى ئالغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ئىجازەتنامە بەرگەن، تەكشۈرۈشكە قوشۇلۇش پىكرى ئىمزالىغان، سۇ مىقدارىنى سۇ مىقدارى تەقسىمات لايىھەسى بويىچە تەقسىم قىلمىغان بولسا،
سۇ بايلىقى ھەققى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىنماي، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

65-ماددا دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلما سالغان ياكى دەريا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دەريا قىرغىقى توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋە دەريا يولىنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ،
قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىپ، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇمىغانلارنى، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويمىغانلارنى مەجبۇرىي چۇۋۇۋېتىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇ قۇرۇلۇشى قىلغان ياكى كۆۋرۈك، پىرىستان ۋە باشقا دەريا توسۇش، دەريا ھالقىش، دەريا بويىغا سېلىنغان ئىمارەت، قۇرۇلما سالغان، دەريا ھالقىيدىغان تۇرۇبا يولى، كابېل ياتقۇزغان ھەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇلىدا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ۋادىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن،
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە بۇيرۇش؛
سۈرۈك ئۆتسىمۇ تولۇقلاپ بېجىرمىگەنلەر ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشى تەستىقلانمىغانلار قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇمىغانلارنى مەجبۇرىي چۇۋۇۋېتىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

گەرچە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساشتا تەلەپ بويىچە ئىش كۆرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يا ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

66-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ھەمدە كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە توسالغۇنى تۈگىتىشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :

( 1 ) دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قانال، ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە كەلكۈن ئېقىتىشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلىۋەتكەن، دۆۋىلەپ قويغانلار ۋە كەلكۈن ئېقىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان دەل-دەرەخ ۋە ئېگىز غوللۇق زىرائەت تېرىغانلار؛

( 2 ) كۆلنى دائىرىلەپ يەر بەرپا قىلغان ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ دەريا يولىنى دائىرىلەپ ئاچقانلار.

67-ماددا ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىدا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇمىغان، ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرنى مەجبۇرىي چۇۋۇپ ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بەرگەنلەرگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دەريا، كۆللەردە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېڭىدىن سالغان، ئۆزگەرتىپ سالغان ياكى كېڭەيتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ۋادى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

68-ماددا دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ شاللىۋەتكەن، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ئىشلەتكەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

69-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ :

( 1 ) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز مەيلىچە سۇ ئالغانلار؛

( 2 ) سۇ ئېلىش ئىجازىتىدە بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە تەستىقلانمىغان شەرت بىلەن سۇ ئالمىغان بولسا.

70-ماددا سۇ بايلىقى ھەققىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان، تاپشۇرۇشنى كەينىگە سۈرگەن ياكى نېسى قالدۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلارغا، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان قىسمىدىن 1000 دىن 2 ئۈلۈش جەرىمانە كۈن بويىچە قوشۇپ ئېلىنىدۇ ھەمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ياكى سۇ بايلىقى ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە تولۇقلاپ تاپشۇرۇلىدۇ.

71-ماددا قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرى پۈتمەي ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە يەتمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن ئىشلىتىشنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

72-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرى ھەمدە كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛
باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ :

( 1 ) سۇ قۇرۇلۇشى ۋە توسما، قىرغاق مۇھاپىزىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ رايىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، سۇ رايىنى گېئولوگىيەلىك كۆزىتىش-ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلەر؛

( 2 ) سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش دائىرىسىدە سۇ قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشتۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش قېزىش، توپا ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار.

73-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىگىلىۋالغان، ئوغرىلىغان ياكى تارتىۋالغان، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ چىقىرىش، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، سۇ رايىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە ئۆلچەش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇشى ئۈسكۈنىلىرى ۋە سايمانلىرىنى ئوغرىلىغان ياكى ئىشلىتىۋالغان، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تولۇقلىما بېرىش شۇنىڭدەك باشقا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۇل-مېلىنى خىيانەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

74-ماددا سۇ ماجىراسى يۈز بېرىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جېدەل چىقىرىپ، توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، بۇلاپ ياكى بۇزۇپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

75-ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئارا سۇ ماجىراسى يۈز بەرگەندە، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ :

( 1 ) سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسى ۋە سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

( 2 ) سۇ مىقدارىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار؛

( 3 ) بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

( 4 ) سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۆز ئالدىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكەنلەر.

76-ماددا سۇ باشلاش، سۇ توسۇش ( ساقلاش )، چىقىرىۋېتىپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

77-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىدىكى دەريادىن شېغىل ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەمۇرىي جازا بېرىشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

78-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا ياكى دۆلەت چېگراسىدىكى دەريا-ئېقىن، كۆللەرگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمىسى بولسا، خەلقئارا شەرتنامە ۋە كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساقلاپ قېلىشنى ئېلان قىلغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

79-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ قۇرۇلۇشى دەريا، كۆل ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تىزگىنلەش، يۆتكەش ۋە قوغداشقا دائىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.

80-ماددا دېڭىز سۈيىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

81-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا دائىر بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

82-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.