جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى

( 1998-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2008-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

3-باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

4-باب ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش

5-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ئازايتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تۈگىتىشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، پۇقرالار پائال قاتنىشىش پىرىنسىپى بويىچە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان ئوت مۇداپىئە خىزمىتى تورى ئورنىتىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ.

3-ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

4-ماددا گوۋۇيۈەن گۇڭئەن تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ.
ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۇنىڭ مەسئۇل ئورنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ياردەملىشىدۇ؛
كان قۇدۇقىنىڭ يەر ئاستى قىسمى، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، دېڭىز ئۈستىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۇ مەسئۇل ئورۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

5-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئاپىتى سىگنالىنى مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەشكىللىك ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دائىملىق ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ ئورۇندىكى خادىملارغا بولغان ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئەسى قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك.

مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مەكتەپ، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى مائارىپ، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاخبارات، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار جەمئىيەتكە ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۆز خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

7-ماددا دۆلەت ئوت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىلغار ئوت مۇداپىئە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىدۇ، ئىشلىتىدۇ؛
جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىشى ۋە مۇكاپاتلىنىشى كېرەك.

2-باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

8-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئوت مۇداپىئە پونكىتى، ئوت مۇداپىئە سۈيى بىلەن تەمىنلەش، ئوت مۇداپىئە ئالاقىسى، ئوت مۇداپىئە ئاپتوموبىلى يولى، ئوت مۇداپىئە جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

شەھەر-يېزا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛
ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، ئوت مۇداپىئە جابدۇقلىرى يېتەرلىك بولمىسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ماس كەلمىسە، كۆپەيتىپ قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، سەپلەش ياكى تېخنىكا ئۆزگەرتىش كېرەك.

9-ماددا قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسى، قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
قۇرۇلۇش قىلىش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسى، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

10-ماددا دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھەسى قىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردا، مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە، ئوت مۇداپىئە لايىھەسى ھۆججىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك،
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

11-ماددا گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ئادەم زىچ توپلىشىدىغان چوڭ تىپتىكى سورۇن ۋە باشقا ئالاھىدە قۇرۇلۇشلارنى قۇرغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە لايىھەسى ھۆججىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

12-ماددا قانۇن بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرىدىغان قۇرۇلۇشلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسا، شۇ قۇرۇلۇشنى قىلىش ئىجازىتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى بەرسە بولمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛
باشقا قۇرۇلۇشلار قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسا، قۇرۇلۇشنى توختىتىش كېرەك.

13-ماددا دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھەسى قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ، ئەنگە ئېلىنىدۇ :

( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشنى قىلغۇچى ئورۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛

( 2 ) باشقا قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

قانۇن بويىچە ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇشلاردىن ئوت مۇداپىئە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغانلىرى ياكى ئوت مۇداپىئە بويىچە ئۆتكۈزۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛
باشقا قۇرۇلۇشلار قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسا، ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.

14-ماددا قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

15-ماددا ئاممىۋى توپلىشىش مەيدانى جايلاشقان ئورۇن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈش، تىجارەت قىلىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇن سورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شۇ سورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرتمىگەنلەرنى ياكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى ئىشلىتىشكە، تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ.

16-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تۈزۈمى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش؛

( 2 ) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، سايمانلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بويىچە سەپلەش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەلگىسى ئورنىتىش ھەمدە تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىشقا قەرەللىك تەشكىللەش، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

( 3 ) بىناكارلىق ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى يىلدا كەم دېگەندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ-ئۆلچەپ، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ-ئۆلچەش خاتىرىسىنى تولۇق، توغرا خاتىرىلەش، ئارخىپقا سېلىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلاپ قويۇش؛

( 4 ) تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئېغىزى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىس-تۈتەكتىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى ئايرىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنىڭ ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

( 5 ) ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛

( 6 ) قاراتمىلىقى بولغان ئوت مۇداپىئە مانېۋىرىغا تەشكىللەش؛

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتى.

ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل كىشى.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر زور بولغان، شۇنىڭدەك ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ ئېغىر جىسمانىي تالاپەت ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇننى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن قىلىپ بېكىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلار مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى بېكىتىپ، شۇ ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

( 2 ) ئوت مۇداپىئە ئارخىپى تۇرغۇزۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارنى بېكىتىش، ئوت مۇداپىئە بەلگىسى ئورنىتىش، قاتتىق باشقۇرۇش؛

( 3 ) ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەر كۈنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ھەمدە چارلاپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۇرغۇزۇش؛

( 4 ) ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلەش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەربىيەسى ۋە ئوت مۇداپىئە مانېۋىرىنى قەرەللىك تەشكىللەش.

18-ماددا بىر ئىمارەتنى ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن باشقۇرىدۇ ياكى ئىشلەتكەندە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئورتاق پايدىلىنىدىغان تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزى، بىناكارلىق ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى مەسئۇل كىشىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىنى بېكىتىش كېرەك.

تۇرالغۇ رايونىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى، باشقۇرۇشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان سورۇنلار بىلەن تۇرالغۇ سورۇنى بىر ئىمارەتتە تۇرسا بولمايدۇ ھەمدە تۇرالغۇ سورۇنى بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

باشقا نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان سورۇن بىلەن تۇرالغۇ سورۇنى بىر ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

20-ماددا چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە، بېجىرگۈچى قانۇن بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بىخەتەرلىك ئىجازىتى ئىلتىماس قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تارقاقلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە مانېۋىر تەشكىللىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنى بېكىتىپ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوت مۇداپىئە سايمانلىرىنى تولۇق سەپلىشى، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك سەپلىشى كېرەك،
تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئېغىزى، تارقاقلاشتۇرۇش كۆرسەتمە بەلگىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يورۇتۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنىڭ ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

21-ماددا ئوت ئاپىتى، پارتلاش خەۋپى بار سورۇنلاردا تاماكا چېكىش، ئوت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئوچۇق ئوت مەشغۇلاتى قىلىشقا توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئالدىن بېجىرىش، مۇناسىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش كېرەك؛
مەشغۇلات خادىملىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

كەپشەرلەش، گاز بىلەن كەپشەرلەش قاتارلىق ئوت ئاپىتى خەتەرلىك مەشغۇلاتى قىلىدىغانلار ۋە ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتچىلىرى چوقۇم كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى ھەمدە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

22-ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان ۋە چۈشۈرىدىغان زاۋۇت، ئىسكىلات ۋە مەخسۇس ۋوگزال، پىرىستان تەسىس قىلىش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان گاز ۋە سۇيۇقلۇق قاچىلاش پونكىتى، تەمىنلەش پونكىتى، بېسىم تەڭشەش پونكىتىنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن ئورۇنغا قويۇش ھەمدە ئوت مۇداپىئە-پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن قىلىش كېرەك.

ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان ۋە چۈشۈرىدىغان زاۋۇت، ئىسكىلات ۋە مەخسۇس بېكەت-ۋوگزال، پىرىستان، ئاسان يانىدىغان-ئاسان پارتلايدىغان گاز ۋە سۇيۇقلۇق قاچىلاش پونكىتى، تەمىنلەش پونكىتى، بېسىم تەڭشەش پونكىتلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ھەل قىلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.

23-ماددا يېنىشچان، پارتلاشچان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش، ئىشلىتىش، كۆيدۈرۈۋېتىشتە، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت.

ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان سورۇنلارغا كىرىشتە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا قانۇنسىز ئېلىپ كىرىش ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

كۆيۈشچان ماددىي ئەشيالارنى ساقلاش ئامبىرىنى باشقۇرۇشتا، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت.

24-ماددا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛
دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش شەرت.
لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى، شۇنىڭدەك دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىش قانۇن بويىچە يولغا قويۇلغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتكە ئىگە ئىسپات بېرىش ئاپپاراتى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىنىڭ مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە دەلىللەشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقارسا، ساتسا، ئىشلەتسە بولىدۇ.
مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىلىدىغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى تېخى بېكىتىلمىگەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن چارە بويىچە، تېخنىكىلىق باھالاشتىن ئۆتۈپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى ئىشلەپچىقارسا، ساتسا، ئىشلەتسە بولىدۇ.

مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىدە لاياقەتلىك بولغان ياكى تېخنىكىلىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئېلان قىلىشى كېرەك.

25-ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

26-ماددا قۇرۇلۇش قۇرۇلمىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي ئىچى بېزىكى، بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئىقتىدارى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛
دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش شەرت.

ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ ئۆي ئىچىنى بېزەش، بېزەشتە، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بويىچە، كۆيمەيدىغان، ئاسان كۆيمەيدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش كېرەك.

27-ماددا ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېقىلغۇ گاز سايمانلىرىنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يېقىلغۇ گاز سايمانلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ لىنىيەسى، تۇرۇبا يولىنى لايىھەلەش، ياتقۇزۇش، ئاسراش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن، شەخسنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەسى، سايمانلىرىنى بۇزۇۋېتىشىگە، ئىشلىتىۋېلىشىغا ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە، ئىشلىتىشنى توختىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى كۆمۈۋېتىشىگە، توسۇۋېلىشىغا ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئېغىزى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، توسۇۋېلىشىغا، ئېتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىگە قېچىپ قۇتۇلۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان توسالغۇلارنى ئورناتماسلىق كېرەك.

29-ماددا ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئورۇنلار ئوت مۇداپىئە سۇ تەمىناتى، ئوت مۇداپىئە ئالاقىسى، ئوت مۇداپىئە ئاپتوموبىلى يولى قاتارلىق ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك.
يول ياساش ھەمدە توك توختاش، سۇ توختاش، خەۋەرلىشىش سىمىنى ئۈزۈۋېتىش جەريانىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشىغا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، ئالاقىدار ئورۇنلار شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئاپپاراتىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇشى شەرت.

30-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، تەدبىر قوللىنىپ ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

31-ماددا يېزا ئىگىلىكتىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلى، مۇھىم، زور بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلى، شۇنىڭدەك ئوت ئاپىتى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىلدە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاراتمىلىققا ئىگە ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

32-ماددا يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەر كوچا ئىش باشقارمىسى كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىنى بېكىتىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە تەشكىللىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

33-ماددا دۆلەت ئامما توپلاشقان سورۇن ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، توشۇغان، ساتقان كارخانىلارنى ئوت ئاپىتى ئاممىۋى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ؛
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئوت ئاپىتى بويىچە ئاممىۋى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى سۇغۇرتىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

34-ماددا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى دەلىللەش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي خادىملار قانۇن بويىچە مۇناسىپ سالاھىيەت، سالاھىيەتكە ئېرىشىشى كېرەك؛
قانۇن، مەمۇرىي نىزام، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە كەسىپ مىزانى بويىچە، ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇش.

3-باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

35-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوت مۇداپىئە تەشكىلاتى قۇرۇشى، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇشى ھەمدە دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئوت مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى سەپلەپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، پىدائىي ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇشى، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

37-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئېغىر، زور ئاپەت، ھادىسە ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ھاياتىنى ئاساس قىلغان باشقا جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

38-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كەسپىي كۈچىنىڭ تايانچلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي ماھارەت مەشىقىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جابدۇق-ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ ھەمدە ئاسراپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

39-ماددا تۆۋەندىكى ئورۇنلار ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك :

( 1 ) چوڭ تىپتىكى يادرو ئەسلىھەسى ئورۇنلىرى، چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملار، ئاساسلىق پورتلار؛

( 2 ) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان چوڭ تىپتىكى كارخانىلار؛

( 3 ) كۆيۈشچان مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلايدىغان چوڭ تىپتىكى ئامبار، بازىلار؛

( 4 ) 1-، 2-، 3-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىدىن باشقا ئوت ئاپىتى خەۋپى بىرقەدەر چوڭ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتىدىن بىرقەدەر يىراق بولغان باشقا چوڭ تىپتىكى كارخانىلار؛

( 5 ) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن بىرقەدەر يىراق بولغان، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قەدىمىي ئىمارەت توپىنى باشقۇرۇش ئورنى.

40-ماددا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يوللىشى كېرەك.

مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

41-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلار، شۇنىڭدەك كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئېھتىياجغا قاراپ، پىدائىي ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوت مۇداپىئە تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى مۇداپىئە كۆرۈش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

42-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، پىدائىي ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تەشكىلاتلىرىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛
ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يۆتكىسە ۋە قوماندانلىق قىلسا بولىدۇ.

4-باب ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش

43-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئوت ئاپىتى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل بولۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خادىم، جابدۇق قاتارلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

44-ماددا ھەرقانداق كىشى ئوت ئاپىتىنى بايقىسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن، شەخس ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ھەقسىز قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك، ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلسا، توسسا بولمايدۇ.
ئوت كەتكەنلىك سىگنالىنى يالغان مەلۇم قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

ئادەم زىچ توپلاشقان جايدا ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەندە، شۇ سورۇننىڭ نەق مەيدان خادىملىرى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا دەرھال تەشكىللىشى، يېتەكلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، دەرھال كۈچ تەشكىللەپ ئوتنى ئۆچۈرۈش شەرت.
قوشنا ئورۇنلار ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت كەتكەنلىك سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جەزمەن ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا دەرھال بېرىپ، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، خەتەرنى تۈگىتىپ، ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈشى كېرەك.

45-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتىنى نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈشكە بىرتۇتاش تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن نەق مەيداننىڭ باش قوماندانى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

( 1 ) ھەر خىل سۇ مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش؛

( 2 ) ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆيۈشچان گاز ۋە كۆيۈشچان سۇيۇقلۇقنى يەتكۈزۈشنى ئۈزۈۋېتىش، ئوت، توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش؛

( 3 ) ئاگاھ رايونىنى ئايرىپ، قىسمەن دائىرىدە قاتناشنى باشقۇرۇش؛

( 4 ) يېقىن ئىمارەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش؛

( 5 ) قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى قۇتقۇزۇش، ئوتنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا قوشنا بولغان ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى ئەسلىھە قاتارلىقلارنى چېقىش ياكى بۇزۇۋېتىش؛

( 6 ) سۇ، توك بېرىش، گاز بېرىش، خەۋەرلىشىش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، قاتناش-تىرانسپورت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا ياردەملىشىشكە يۆتكەش.

ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خادىملارنى تەشكىللەپ، كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك.

46-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى ئوت ئاپىتىدىن باشقا ئېغىر، زور ئاپەت ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

47-ماددا ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش پاراخوتلىرى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا بارغاندا، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، يۈرۈش سۈرئىتى، يۈرۈش لىنىيەسى، يۈرۈش يۆنىلىشى ۋە قوماندانلىق سىگنالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، باشقا ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوتلار شۇنىڭدەك پىيادىلەر يول بېرىشى، قىستۇرۇلۇپ ئۆتۈۋالماسلىقى كېرەك؛
ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول، كۆۋرۈكلەردىن ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
قاتناش باشقۇرۇش قوماندانلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش پاراخوتلىرىنىڭ تېز يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش نەق مەيدانىغا بارىدىغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە يۆتكەپ كېلىنگەن ئوت مۇداپىئە جابدۇقى، ماددىي ئەشيالىرىنى تۆمۈريول، سۇ يولى ياكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاۋۋال توشۇشى كېرەك.

48-ماددا ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش پاراخوتى، شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى، جابدۇقلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

49-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشتە ھېچقانداق ھەق ئالسا بولمايدۇ.

ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەترىتى، پىدائىي ئوت مۇداپىئە ئەترىتى ئوت ئۆچۈرۈش سىرتىدىكى ئورۇنلاردىكى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقاندا خورىغان يېقىلغۇ، ئوت ئۆچۈرۈش دورىسى ۋە ئۈسكۈنە-جابدۇق قاتارلىقلارغا ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تولۇقلىما بېرىدۇ.

50-ماددا ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالاش، نەپىقە بېرىش كېرەك.

51-ماددا گوڭئەن ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى قامال قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئوت ئاپىتى زىيىنىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئوت ئاپىتى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن ئورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە نەق مەيداننى قوغدىشى، ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئوت ئاپىتى ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ئۇنى ئوت ئاپىتى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى قىلىدۇ.

5-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

52-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شۇ سىستېمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزىتىشكە ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

53-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى ئوت مۇداپىئەسىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

54-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئەسى نازارەتچىلىكى-تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسكە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛
يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگەتمەي، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر تەھدىت سېلىش ئېھتىمالى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە خەتەرلىك ئورۇن ياكى ئورۇنغا ۋاقىتلىق پېچەتلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

55-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش داۋامىدا شەھەر-يېزا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسا ياكى شۇ رايوندا ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئېغىر، زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.

دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنى تەدبىر قوللىنىپ، تۈزىتىشكە تەشكىللىشى ياكى بۇيرۇشى كېرەك.

56-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەرتىپ بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈشى، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى، ئادىل، قاتتىق، مەدەنىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ، ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئوتتىن مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ نەپ ئالسا بولمايدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتكۈچىلەر، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى، سېتىش ئورنى ياكى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇش ئورنىنى بەلگىلەپ بەرسە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بېكىتىپ بەرسە بولمايدۇ.

57-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
پاش قىلىش ماتېرىيالى، ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :

( 1 ) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرىدىغان قۇرۇلۇشلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغانلار؛

( 2 ) ئوت مۇداپىئە لايىھەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتسىز بولغان، قۇرۇلۇشنى توختاتمىغانلار؛

( 3 ) قانۇن بويىچە ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇشلار ئوت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنماي ياكى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە ئۆتكۈزۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلەر؛

( 4 ) قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ، ئىشلىتىشنى توختاتمىغانلار؛

( 5 ) ئاممىۋى توپلىشىدىغان سورۇنلاردىن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرتمەي تۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە، تىجارەت قىلىشقا كىرىشكەنلىرى.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھەسى ھۆججىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرىنى ياكى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئۆت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە قىلدۇرمىغانلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇسا، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار تۈزىتىشكە ياكى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

( 1 ) قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بىناكارلىق لايىھەلىگۈچى ئورۇن ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىدىن ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىنى لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەلەپ قىلسا؛

( 2 ) قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھەسى تۈزمىگەن بولسا؛

( 3 ) بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ئوت مۇداپىئە لايىھە ھۆججىتى ۋە ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلماي، ئوت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولسا؛

( 4 ) قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى قۇرۇلۇش ئورنى ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، ئوت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلەر.

60-ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، سايمانلىرى ياكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسىنى سەپلەش، ئورنىتىش دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك ساقلىمىغانلار؛

( 2 ) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، سايمانلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، ئىشلىتىشنى توختاتقانلار؛

( 3 ) تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزىنى ئىگىلىۋالغان، توسۇۋالغان، ئېتىۋەتكەن ياكى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان باشقا قىلمىشلار سادىر قىلغانلار؛

( 4 ) ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى كۆمۈپ قويغان، قىسىۋالغان، توسۇۋالغان ياكى ئوت مۇداپىئە ئارىلىقىنى ئىگىلىۋالغانلار؛

( 5 ) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى ئىگىلىۋېلىپ، توسۇۋېلىپ، ئېتىۋېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛

( 6 ) ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلاردا ئىشىك-دېرىزىلەرگە قېچىپ قۇتۇلۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان توسالغۇلارنى ئورناتقانلار؛

( 7 ) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەر.

شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 2 )، ( 3 ) تارماقچىسى، ( 4 ) تارماقچىسى ۋە ( 5 ) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 3 )، ( 4 )، ( 5 )، ( 6 ) تارماقچىسىدىكى قىلمىش سادىر قىلىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

61-ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان سورۇن ۋە تۇرالغۇ سورۇنى بىر ئىمارەتتە قۇرۇلغان بولسا ياكى تۇرالغۇ سورۇنى بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلىمىغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

باشقا بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان سورۇن بىلەن تۇرالغۇ سورۇنى بىر ئىمارەتتە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

62-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، توشۇغان، ساتقان، ئىشلەتكەن، كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر؛

( 2 ) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا قانۇنسىز ئېلىپ كىرگەن ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغانلار؛

( 3 ) ئوت كەتكەنلىك سىگنالىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛

( 4 ) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش پاراخوتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

( 5 ) گۇڭئەن ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش سورۇنىغا كىرگەنلەر؛

( 2 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوچۇق ئوت مەشغۇلاتى قىلغان ياكى ئوت ئاپىتى، پارتلاش خەۋپى بار جايدا تاماكا چەككەن، ئوچۇق ئوت ئىشلەتكەنلەر.

64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛
قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

( 1 ) باشقىلارنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلار؛

( 2 ) سەۋەنلىك بىلەن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغانلار؛

( 3 ) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن توسۇپ سىگنال بەرگەن ياكى دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتى بار كىشى ۋاقتىدا سىگنال بەرمىگەن بولسا؛

( 4 ) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ياكى ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن نەق مەيدان قوماندانىنىڭ قوماندانلىقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

( 5 ) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قەستەن بۇزۇۋەتكەن ياكى ياسىۋالغانلار؛

( 6 ) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پېچەتلىگەن ئورۇن، ئورۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىۋەتكەن ياكى ئىشلەتكەنلەر.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ياكى دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارغا مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىدۇ.

خادىملار زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ياكى دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەنلەر بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قانۇن بويىچە جازا بەرگەندىن باشقا، لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ۋە دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

66-ماددا ئېلېكتىر مەھسۇلاتى، يېقىلغۇ گاز سايمانلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ لىنىيەسى، تۇرۇبا يولىنى لايىھەلەش، ياتقۇزۇش، ئاسراش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

67-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 16-، 17-، 18-، 21-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛
سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

68-ماددا ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شۇ سورۇننىڭ نەق مەيدان خادىملىرى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

69-ماددا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى دەلىللەش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن ساختا ھۆججەت چىقارغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئەسلىي ئىجازەت بەرگەن ئورگان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا ياكى مۇناسىپ سالاھىيىتى، سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا قانۇن بويىچە بۇيرۇيدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپارات پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھۆججەت چىقىرىپ بېرىپ، باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ئېغىر زىيان سالغانلارنى ئەسلىي ئىجازەت بەرگەن ئورگان قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا ياكى مۇناسىپ سالاھىيىتى، سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

70-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ؛
بۇنىڭ ئىچىدە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىلارنى چاقىرماقچى بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

قۇرۇلۇشنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلغانلار تۈزەتكەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ سۇ مۇداپىئە ئاپپاراتى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش، ئىشلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.

توختاملاشقۇچىلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش، قۇرۇلۇشنى توختىتىش قارارىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ ئىجرا قىلمىسا، قارار چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بىرقەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پىكىر بېرىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە قارار قىلىشىغا يوللايدۇ.
شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى گۇڭئەن ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

71-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوت مۇداپىئە لايىھە ھۆججىتى، قۇرۇلۇش، سورۇننى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش لاياقەتلىك بولغان، ئوت مۇداپىئە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان، ئوتتىن مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار؛

( 2 ) ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى سەۋەبسىز سۆرەلمىلىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

( 3 ) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسكە تۈزىتىشكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغانلار؛

( 4 ) ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئابۇنىچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى، سېتىش ئورنى ياكى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ياسىغۇچى ئورۇن بەلگىلەپ بەرگەن ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بېكىتىپ بەرگەن بولسا؛

( 5 ) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كېمىسى، شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى، جابدۇقلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەر؛

( 6 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىدىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىدىغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.

قۇرۇلۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

72-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

73-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

( 1 ) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئوت ئاپىتىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى سىستېمىسى، ئىس-تۈتەكتىن ساقلىنىش، ئىس چىقىرىش سىستېمىسى، شۇنىڭدەك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش رادىيوسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل بولۇش بويىچە يورۇتۇش، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

( 2 ) ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، پاناھلىنىش، قېچىپ قۇتۇلۇشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

( 3 ) ئاممىۋى توپلىشىدىغان سورۇن مېھمانخانا، ئاشخانا، سودا ساراي، سودا بازار، يولۇچى توشۇش بېكىتىدە ئاپتوموبىل كۈتۈش ئۆيى، يولۇچى توشۇش پىرىستانىدىكى پاراخوت كۈتۈش زالى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى، تەنتەربىيە سارىيى، يىغىن زالى شۇنىڭدەك ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

( 4 ) ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇن − ئامما توپلىشىدىغان سورۇن، دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى، كېسەلخانا بىناسى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا، ئاشخانا ۋە كوللېكتىپ ياتىقى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنى، يەسلى، بالىلار باغچىسى، ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ ئوقۇش ئۆيى، ئاممىۋى كۆرگەزمىخانا، مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالىنى كۆرسىتىدۇ،
ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخى ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى، ساياھەت، دىنىي پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلار.

74-ماددا بۇ قانۇن 2009-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.