( 2010-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى قانۇنىنى تەتبىقلاش ئۇسۇلى
مۇندەرىجە
1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
2-باب ھەق تەلەپ سۇبيېكتى
3-باب ئۆيلىنىش-ئائىلە
4-باب ۋارىسلىق قىلىش
5-باب نەرسە ھوقۇقى
6-باب ھەقدارلىق
7-باب بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
1-ماددا بۇ قانۇن چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە دائىر قانۇنلارنىڭ تەتبىقلىنىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، چەت ئەلگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا چەت ئەلگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلار مۇشۇ قانۇن بويىچە بېكىتىلىدۇ.
باشقا قانۇنلاردا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى قانۇنلىرىدا ئايرىم ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
بۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى قانۇنلىرىنى تەتبىقلاش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، چەت ئەلگە چېتىشلىق شۇ ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا ئالاقىدارلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارنى تاللىسا بولىدۇ.
4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە دائىر مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولسا، شۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بىۋاسىتە تەتبىقلىنىدۇ.
5-ماددا چەت ئەل قانۇنلىرىنىڭ تەتبىقلىنىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
6-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە چەت ئەلنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، شۇ دۆلەتتىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان قانۇنلار يولغا قويۇلسا، چەت ئەلگە چېتىشلىق شۇ ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى بىلەن ئەڭ قويۇق ئالاقە باغلىغان رايون قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
7-ماددا دەۋا ۋاقىت چېكىگە چەتكە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلاشقا تېگىشلىك قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
8-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە، سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
9-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلىنىدىغان چەت ئەل قانۇنلىرى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنىڭ تەتبىقلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
10-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلىنىدىغان چەت ئەل قانۇنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم ئاپپاراتى ياكى مەمۇرىي ئورگان ئېنىقلايدۇ.
دەۋالاشقۇچىلار چەت ئەلنىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشنى تاللىغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تەمىنلىشى كېرەك.
چەت ئەلنىڭ قانۇنلىرى ياكى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولمىسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
2-باب ھەق تەلەپ سۇبيېكتى
11-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى دائىم تۇرۇشلۇق جايىدىكى قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.
12-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
تەبىئىي ئىگىلەر ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايىنىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ، ھەرىكەت قىلغان جاينىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەكلىپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارالسا، ھەرىكەت قىلغان جايدىكى قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن ئۆيلىنىش-ئائىلە ۋە ۋارىسلىققا چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
13-ماددا يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاش ياكى ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاشتا، تەبىئىي ئىگىلەر دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
14-ماددا قانۇنىي ئىگە ۋە ئۇنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى، تەشكىلىي ئاپپاراتى، پايچىكلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى قاتارلىق ئىشلىرى تىزىمغا ئېلىنغان جايدىكى قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.
قانۇنىي ئىگىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان جاي بىردەك بولمىسا، ئاساسلىق تىجارەت ئورنىنىڭ قانۇنى تەتبىقلانسا بولىدۇ.
قانۇنىي ئىگىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئۇنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولىدۇ.
15-ماددا ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا دائىر مەزمۇنلار ھوقۇقدار دائىم تۇرۇشلۇق جايىدىكى قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.
16-ماددا ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىگە دائىر قانۇنلار ۋاكالىتەن تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن ۋاكالەتلەنگۈچى بىلەن ۋاكالەتچىنىڭ ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن جايلاردىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار كېلىشىملىك ھالدا ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىككە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارنى تاللىسا بولىدۇ.
17-ماددا توختاملاشقۇچىلار ھاۋالىگە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارنى كېلىشىم بويىچە تاللىسا بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تاللىمىسا، ھاۋالە مال-مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى ياكى ھاۋالە مۇناسىۋىتى بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
18-ماددا توختاملاشقۇچىلار كېلىشىم تۈزۈپ كېسىم كېلىشىمىگە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارنى تاللىسا بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تاللىمىسا، كېسىم ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى كېسىم ئورنىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
19-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، تەبىئىي ئىگىلەردىن ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت تەۋەلىكى بولغانلىرىغا دائىم تۇرىدىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەت قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
بارلىق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتلەردە دائىم تۇرىدىغان جاي بولمىسا، ئۇلار بىلەن ئەڭ قويۇق ئالاقىسى بولغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەت قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بولمىسا ياكى دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق بولمىسا، ئۇلار دائىم تۇرۇشلۇق جايىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
20-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە دائىم تۇرۇشلۇق جايغا دائىر قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى ئېنىق بولمىسا، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىغا دائىر قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
3-باب ئۆيلىنىش-ئائىلە
21-ماددا توي قىلىش شەرتىگە ئالاقىدارلار بىللە دائىم تۇرىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دائىم تۇرىدىغان جايى بولمىسا، ئورتاق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دۆلەت تەۋەلىكى بولماي، بىر تەرەپ دائىم ئولتۇرۇشلۇق جاي ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتتە ئۆيلەنسە، ئۆيلەنگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
22-ماددا ئۆيلىنىش رەسمىيىتى ئۆيلەنگەن جاينىڭ قانۇنىغا، بىر تەرەپ دائىم ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىغا ياكى دۆلەت نوپۇسىغا ئىگە دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلسە، ھەممىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
23-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ جىسمانىي مۇناسىۋىتىگە بىرلىكتە دائىم تۇرىدىغان جايدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دائىم تۇرىدىغان جايى بولمىسا، ئورتاق دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
24-ماددا ئەر-خوتۇن مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە، ئالاقىدارلار ئالاقىدارلار دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى، دۆلەت تەۋەلىكى دۆلىتى قانۇنى ياكى ئاساسلىق مال-مۈلكى تۇرۇشلۇق جايغا دائىر قانۇنلارنى كېلىشىپ تاللاپ تەتبىقلىسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار تاللىمىسا، بىرلىكتە دائىم تۇرىدىغان جايدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دائىم تۇرىدىغان جايى بولمىسا، ئورتاق دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
25-ماددا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دائىم تۇرىدىغان جايى بولمىسا، بىر تەرەپنىڭ دائىم تۇرىدىغان جايى توغرىسىدىكى قانۇن ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەت قانۇنىدىكى ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
26-ماددا ئاجرىشىشقا كېلىشىم تۈزۈشتە، ئالاقىدارلار بىر تەرەپنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايىنىڭ قانۇنىنى ياكى دۆلەت تەۋەلىكىگە دائىر قانۇننى كېلىشىپ تەتبىقلىسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار تاللىمىسا، بىرلىكتە دائىم تۇرىدىغان جايدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دائىم تۇرىدىغان جايى بولمىسا، ئورتاق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دۆلەت تەۋەلىكى بولمىسا، ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ئاپپارات تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
27-ماددا ئاجرىشىش دەۋاسىدا سوت مەھكىمىسى تەۋەسىدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
28-ماددا بېقىۋېلىشنىڭ شەرتى ۋە رەسمىيەتلىرى بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىنغۇچى دائىم تۇرۇۋاتقان جاينىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
بېقىۋېلىشنىڭ كۈچىگە بېقىۋالغاندا بېقىۋالغۇچى دائىم تۇرۇشلۇق جايىغا دائىر قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
بېقىۋېلىش مۇناسۋىتىنى بىكار قىلىشقا بېقىۋالغاندا، بېقىۋېلىنغۇچى دائىم تۇرۇۋاتقان جايدىكى قانۇن ياكى سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
29-ماددا بېقىشقا بىر تەرەپ دائىم ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى، دۆلەت تەۋەلىكى دۆلەت قانۇنى ياكى ئاساسلىق مال-مۈلكى بار جاينىڭ قانۇنىدىكى بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
30-ماددا ۋەسىيلىك قىلىشتا، بىر تەرەپ دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتنىڭ قانۇنىدىكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
4-باب ۋارىسلىق قىلىش
31-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىققا ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلگەندە دائىم تۇرۇشلۇق جايىغا دائىر قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن كۆچمەس مۈلۈككە قانۇندا بەلگىلەنگەن بويىچە ۋارىسلىق قىلىشتا، كۆچمەس مۈلۈك بار جايغا دائىر قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
32-ماددا ۋەسىيەت ئۇسۇلى ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا ياكى ئۆلگەندە دائىم تۇرۇشلۇق جايىنىڭ قانۇنى، دۆلەت تەۋەلىكى دۆلەت قانۇنى ياكى ۋەسىيەت ھەرىكىتى قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولسا، ۋەسىيەتنامىنىڭ ھەممىسى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
33-ماددا ۋەسىيەتنىڭ كۈچىگە ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا ياكى ئۆلگەندە دائىم تۇرۇشلۇق جايىنىڭ قانۇنى ياكى دۆلەت تەۋەلىكى دۆلىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
34-ماددا مىراس باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلار مىراس تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى بويىچە بولىدۇ.
35-ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم چىقماسلىقنىڭ تەۋەلىكى ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىكى مىراس تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى بويىچە بولىدۇ.
5-باب نەرسە ھوقۇقى
36-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقى كۆچمەس مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى بويىچە بولىدۇ.
37-ماددا ئالاقىدارلار كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارنى كېلىشىم بويىچە تاللىسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار تاللىمىسا، قانۇن پاكىتى پەيدا بولغان چاغدىكى كۆچمە مۈلۈك تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
38-ماددا توشۇلۇۋاتقان كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولىدىغان، تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى ئالاقىدارلار كېلىشىم تۈزۈپ تاللىسا بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تاللىمىسا، تىرانسپورت مەنزىلى قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
39-ماددا باھالىق ئاكسىيەگە باھالىق ئاكسىيە ھوقۇقى بار جاينىڭ قانۇنى ياكى شۇ باھالىق ئاكسىيە بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
40-ماددا ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقىغا گۆرۈ ھوقۇقى تەسىس قىلىنغان جاينىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
6-باب ھەقدارلىق
41-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختامغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارنى كېلىشىم بويىچە تاللىسا بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تاللىمىسا، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا شۇ توختامنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ دائىم تۇرۇشلۇق جايىدىكى قانۇنلار ياكى شۇ توختام بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
42-ماددا ئىستېمالچىلار توختامىغا ئىستېمالچىلار دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار، مۇلازىمەت تەتبىقلىنىدىغان جاينى تاللاش قانۇنى ياكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئىستېمالچىلار دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايدا ئالاقىدار تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىغا دائىر تاۋار، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
43-ماددا ئەمگەك توختامىغا ئەمگەكچىلەر خىزمەت قىلىۋاتقان جاينىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ؛
ئەمگەكچىلەر ئىشلەيدىغان جاينى بېكىتىش قىيىن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى توغرىسىدىكى قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتە، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىلگەن جاينىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلانسا بولىدۇ.
44-ماددا ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىغا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر بولغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلارنىڭ دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى بولسا، بىرلىكتە دائىم ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، توختاملاشقۇچىلار كېلىشىم تۈزۈپ قانۇننى تەتبىقلاشنى تاللىسا، شۇ كېلىشىم بويىچە بولىدۇ.
45-ماددا مەھسۇلات جاۋابكارلىقىغا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى دائىم تۇرۇۋاتقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ تىجارەت ئورنى قانۇنى، زىيان پەيدا بولغان جاي قانۇنىنى تەتبىقلاشنى تاللىغاندا ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايدا ئالاقىدار تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى تاللىسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئىگىنىڭ تىجارەت ئورنى قانۇنى ياكى زىيان پەيدا بولغان جايغا دائىر قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
46-ماددا تور ئارقىلىق ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ئادىمىيلىك ھوقۇقلىرىغا زىيان سالغانلارغا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى دائىم تۇرۇۋاتقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
47-ماددا نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشكەن، سەۋەبسىز باشقۇرۇشتا، توختاملاشقۇچىلار كېلىشىم بويىچە تاللاپ تەتبىقلايدىغان قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.
ئالاقىدارلار تاللىمىسا، ئالاقىدارلار دائىم بىللە تۇرۇۋاتقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛
ئورتاق دائىم تۇرىدىغان جايى بولمىسا، نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىدىغان، سەۋەبسىز باشقۇرىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
7-باب بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى
48-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ۋە مەزمۇنى قوغدىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى بويىچە بولىدۇ.
49-ماددا ئالاقىدارلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ۋە ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىدىغان قانۇنلارنى كېلىشىم تۈزۈپ تاللىسا بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تاللىمىسا، مۇشۇ قانۇندىكى توختامغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
50-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىغا قوغدىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدارلار كېلىشىم تۈزۈپ، سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشنى تاللىسا بولىدۇ.
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
51-ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 146-، 147-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
52-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.