جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنى

( 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب سۇلۇق يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش

3-باب سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

4-باب سۇلۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

5-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە سۇلۇق يەرنى قوغداش، پايدىلىنىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇلۇق يەر روشەن ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە تەبىئىي ياكى سۈنئىي، يىل بويى ياكى پەسىل خاراكتېرلىك سۇ يىغىلىپ قالىدىغان جاي، سۇ رايونىنى، جۈملىدىن تۆۋەن دولقۇن مەزگىلىدە سۇ چوڭقۇرلۇقى ئالتە مېتىردىن ئاشمايدىغان دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن سۇلۇق ئېتىز ھەمدە باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي سۇ رايونى ۋە ساھىل بۇنىڭ سىرتىدا.
دۆلەت سۇلۇق يەرگە قارىتا دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دەريا، كۆل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىقلاردىكى سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم ئالاقىدار باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»،
قانۇندىكى بەلگىلىمە.

3-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداشتا قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىلمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، كىلىماتنى تەڭشەش، مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىش ھوقۇقىنى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە خامچوتقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ، تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەر كۆلىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىنى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياردەملىشىدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەر بايلىقىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش، سۇلۇق يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە-مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تارمىقى قاتارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە-مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەر قوغداش كۈنى، سۇلۇق يەر ئاسراش تەشۋىقات ھەپتىلىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛
ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پىدائىيلارنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، سۇلۇق يەرنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

مائارىپ مەسئۇل تارمىقى، مەكتەپلەر مائارىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش بىلىملىرى بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى، سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قىلىشى كېرەك.

8-ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇلۇق يەرنى قوغداش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

سۇلۇق يەرنى قوغداش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

9-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى قوغداش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، ئېچىش ۋە قوللىنىش، كېڭەيتىشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

10-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى قوغداش پەن-تېخنىكىسى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.

11-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى پاش قىلىشقا ياكى ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پاش قىلىش ياكى ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچى، ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

2-باب سۇلۇق يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش

12-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش-باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ تۈرى، تارقىلىشى، كۆلىمى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، قوغداش ۋە پايدىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

13-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى ئەمەلىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش نىشانىنى سۇلۇق يەرنى قوغداش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقى ئەھۋالى، تەبىئىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە سۇلۇق يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى ئەمەلىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش نىشانىنى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش نىشانىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

14-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەردە دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك رايون ئورنى، كۆلەم شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ، سۇلۇق يەرنى مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەرگە ئايرىيدۇ.
مۇھىم سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇھىم سۇلۇق يەردىن باشقا سۇلۇق يەر ئادەتتىكى سۇلۇق يەردۇر.
مۇھىم سۇلۇق يەرلەر قانۇن بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزۈلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ۋە دائىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە قوغداش بەلگىسى ئورنىتىدۇ.
خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەرنى دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ۋە دائىرىسىنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ئادەتتىكى سۇلۇق يەرنىڭ تىزىملىكى ۋە دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقلار ئېلان قىلىدۇ.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، شۇ دەرىجىلىك زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش بىرتۇتاش پىلانىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىدا سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كاپالەت تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
تەستىقلىتىلغان سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئەسلىدىكى تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى قاتارلىق يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

16-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۇلۇق يەرنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ؛
دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، قانۇن بويىچە يەرلىك ئۆلچەم تۈزسە ھەمدە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈش، سۇلۇق يەر تىزىملىكى تۈزۈش، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىقلارنى باھالاش، دەلىللەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

18-ماددا تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا سۇلۇق يەرگە چېتىلىدىغانلىرىنى سۇلۇق يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك كوردىناتى، بوشلۇق دائىرىسى، تۈرى، كۆلىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە خاتىرىلەش كېرەك.

19-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى ئىگىلەشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ.

دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تۈرلىرى، مۇھىم سۇچىلىق ۋە ئۇنى قوغداش ئەسلىھە تۈرلىرى، سۇلۇق يەرنى قوغداش تۈرلىرى قاتارلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا.

قۇرۇلۇش تۈرىگە ئورۇن تاللاش، لىنىيە تاللاشتا سۇلۇق يەردىن چەتلەش كېرەك، چەتلىگىلى بولمىسا ئىگىلىنىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

قۇرۇلۇش تۈرىنى پىلانلاپ ئورۇن تاللاش، لىنىيە تاللاپ تەستىقلىتىش ياكى تەستىقلىتىشتا، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىگە چېتىلىدىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك؛
ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرگە ياكى ئادەتتىكى سۇلۇق يەرگە چېتىلغانلىرىدا، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن تارماقتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

20-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىنى سۇلۇق يەرنى ھەقىقەتەن ۋاقىتلىق ئىگىلىۋېلىشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»،»«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قانۇنى > قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىش كېرەك.
سۇلۇق يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى ئادەتتە 2 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن سۇلۇق يەرگە مەڭگۈلۈك ئىمارەت سالماسلىقى كېرەك.

سۇلۇق يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخس سۇلۇق يەر كۆلىمى ۋە ئېكولوگىيەلىك شارائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ يولى، پورت ياكى باشقا سۇ قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا ئىگىلىگەن سۇلۇق يەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئىگىلىگەن ئورۇن شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتىغا قاراپ سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىپ سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى قايتا قۇرۇشى كېرەك؛
ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا شارائىتى بولمىسا، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.
سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرغانلار ئوخشاش خاراكتېردىكى باشقا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

22-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىش-ئۆلچەش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلىرىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش-ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ جايلىشىشى، كۆلىمى، سۇ مىقدارى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى قاتارلىق ئۆزگىرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلىرىنىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى باھالىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئاگاھ ئۇچۇرى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىش-ئۆلچەش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش-ئۆلچەش، باھالاش ۋە سىگنال بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئادەتتىكى سۇلۇق يەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

3-باب سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

23-ماددا دۆلەت ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە پەن-تېخنىكا تىرىكى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

24-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇلۇق يەرنى قانۇن بويىچە دۆلەت باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ياكى تەبىئىي باغچە دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

25-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئادەملەر پائالىيىتىنىڭ سۇلۇق يەر ۋە ئۇنىڭ جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، سۇلۇق يەر بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئادەملەر ئامىلى ۋە تەبىئىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇلۇق يەرنىڭ چېكىنىشىنى ئازايتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

سۇلۇق يەر دائىرىسىدە ساياھەت، تېرىقچىلىق، چارۋا، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق پايدىلىنىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، سۇلۇق يەرنىڭ تەبىئىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، دېڭىز تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىش، باقمىچىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەت بېجىرگەندە، سۇلۇق يەردىن پايدىلىنىش پائالىيىتىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇۋاپىقلىقى شۇنىڭدەك سۇلۇق يەرنى قوغداش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

26-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەردىن پايدىلىنىش پائالىيىتىگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە تەربىيەسى، تەبىئەتنى سىناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق سۇلۇق يەردىن پايدىلىنىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەيدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىنى سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش-قوغداشقا قاتنىشىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىم سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى مۇھىم كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نىشانلىق يۆلەش، كەسىپلەرنى يۆتكەش، جەمئىيەت مەبلىغى جەلپ قىلىش، مەھەللە ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

28-ماددا سۇلۇق يەر ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ :

( 1 ) تەبىئىي سۇلۇق يەرنى ئېچىپ ( چۆرىدەپ ) بوز يەر ئېچىپ، زەي چىقىرىپ، تەبىئىي سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى مەڭگۈلۈك ئۈزۈۋېتىش؛

( 2 ) تەبىئىي سۇلۇق يەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆمۈۋېتىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇم قېزىش، كان ئېچىش، توپا ئېلىش؛

( 3 ) سۇ بۇلغىمىسىنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سانائەت كېرەكسىز سۈيى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى ۋە سۇلۇق يەرنى بۇلغايدىغان باشقا كېرەكسىز سۇ، پاسكىنا سۇنى چىقىرىش، قاتتىق تاشلاندۇق تۆكۈش، دۆۋىلەش، تاشلاش، چېچىش؛

( 4 ) زىيادە چارۋا بېقىش ياكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان يىغىش، زىيادە تۇتۇش ياكى ئۈزۈۋېتىش شەكلىدە تۇتۇش، زىيادە ئوغۇتلاش، دورا بېرىش، يەمچۈك تاشلاش قاتارلىق سۇلۇق يەرنى بۇلغايدىغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلمىشى؛

( 5 ) سۇلۇق يەر ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەر زىيانلىق جانلىقلىرىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، زىيانلىق جانلىقلىرىنىڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تىزگىنلىشى، يوقىتىشى كېرەك.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر مەركەزلەشكەن سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇشلار ۋە سۇ جانلىقلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

سۇ قۇشىنى قوغداش ئوبيېكتى قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، شۇنىڭدەك باشقا مۇھىم تۇرالغۇلاردا بېلىق تۇتۇش، ماكانلىق جانلىقلارنى تۇتۇش، تۇخۇم تېرىش، ئۇۋىسىنى بۇزۇۋېتىش قاتارلىق سۇ قۇشلىرىنىڭ ياشىشى، كۆپىيىشىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قۇش كۆزىتىش، ئىلمىي تەتقىقات شۇنىڭدەك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، قۇشلارنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشى ۋە كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مۇھىم سۇ جانلىقلىرى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى، يەم بېرىش مەيدانى، قىشتىن ئۆتۈش مەيدانى ۋە يۆتكىلىش يولى قاتارلىق مۇھىم تۇرالغۇلاردا قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.
قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق يۆتكەش يولىدا چۈشۈرگە سېلىپ، توسما ياسىغاندا، سۇ جانلىقلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بېلىق ئەسلىھەسى ياسىشى ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

سۇلۇق يەرگە سىرتتىن كىرگەن تۈرلەرنى كىرگۈزۈش ۋە قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ، كىرگۈزۈشكە ھەقىقەتەن توغرا كەلسە ئىلمىي باھالاش ھەمدە قانۇن بويىچە تەستىقلاش كېرەك.

31-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەريا-ئېقىن، كۆل دائىرىسىدىكى سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش، لاي-لاتقىلارنى تازىلاش-راۋانلاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ۋە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك،
دەريا-ئېقىن مەنبەسى ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر رايون قاتارلىق رايونلاردىكى سۇلۇق يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، سۇلۇق يەر ھەم ئۇنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

32-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېڭىز بويىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشى، قاشالاپ تىندۇرۇشى كېرەك.
قانۇن بويىچە تەستىقلانغان تۈرلەردە ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

33-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى سۇلۇق يەرلەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەر سۇ سىستېمىسىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەھەردىكى سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەردىكى سۇلۇق يەرنىڭ يامغۇر-كەلكۈننى تەڭشەش-ساقلاش، سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئارام ئېلىش ساياھىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

34-ماددا مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مانگروما ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قوغداش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مانگروۋ ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قوغدىشى كېرەك.

مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك؛
دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، ھەقىقەتەن دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش ھەمدە قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مانگروۋا ئورمىنى جايلاشقان دەريا ئېغىزىنىڭ سۇ رايى ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، مانگروۋ ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتسە، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ پايدىسىز تەسىرنى يېنىكلىتىش كېرەك.

مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىدە كۆلچەك كولاش مەنئى قىلىنىدۇ، مانگروما ئورمىنىنى كېسىش، قېزىش، كۆچۈرۈش ياكى مانگروۋ ئورمىنىنىڭ ئۇرۇقىنى زىيادە ئۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ، خۇڭگروۋا ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلەرنى سېلىش، تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
پەن تەتقىقات، تېببىي دورا ياكى مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قوغداش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كېسىش، ئېچىش، كۆچۈرۈش، ئۈزۈشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بېجىرىش كېرەك.

35-ماددا پاتقاق كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پاتقاق كۆمۈر سازلىقى سۇلۇق يېرىنى قوغداش مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پاتقاق كۆمۈر سۇلۇق يېرىنى قوغدىشى كېرەك.

مۇھىم سۇلۇق يەر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پاتقاق، كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرىنى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

لاي كۆمۈر، سازلىق، سۇلۇق يەرلەردە لاي كۆمۈر قېزىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يەر ئاستى سۈيى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ؛
لاي، كۆمۈر، سازلىق، سۇلۇق يەرگە سۇ ساقلاپ سىرتقا قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېھتىياجى بۇنىڭ سىرتىدا.

36-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىش ھوقۇقىنى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى قوغداشقا بولغان مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى، مۇھىم سۇلۇق يەر بار رايونغا بولغان مالىيە يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى بىلەن سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭىشىش ياكى بازار مېخانىزمى ئارقىلىق رايونلار ئارا ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت ئېھتىياجى بىلەن سۇلۇق يەر ئىگىدارى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

4-باب سۇلۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېغىر دەرىجىدە پارچىلىنىپ كەتكەن ياكى فۇنكسىيەسى چېكىنگەن تەبىئىي سۇلۇق يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەيدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى ئاۋۋال ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشتا، سۇ بايلىقىنىڭ شارائىتى ۋە كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئاساسىي ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى قوغدىشى كېرەك.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي دەلىللەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتى ھازىرلانغان سۇلۇق يەر، چېكىنگەن سۇلۇق يەر، شورلىشىپ كەتكەن سۇلۇق يەر قاتارلىقلارغا شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ سۇ تۈزەش، يەرنى تۈزەش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھايۋانات قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

تېرىلغۇ يەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق سۈنئىي سۇلۇق يەر بەرپا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

40-ماددا مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى مۇھىم رايون، دېڭىز-ئوكيان ئاپىتى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى رايون، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قوغداش رايونى ياكى ئورمان بىنا قىلىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى رايونلاردىكى مانگروما ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى ئاۋۋال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن مانگروۋ ئورمىنى سۇلۇق يېرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىمكانقەدەر يەرلىك دەرەخ تۈرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

41-ماددا پاتقاق كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چېكىنگەن پاتقاق كۆمۈر پاتقاقلىقى سۇلۇق يېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە پاتقاق كۆمۈر سۇلۇق يېرىنىڭ تۈرى، يېتىلىش ئەھۋالى ۋە چېكىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن مۇناسىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

42-ماددا مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈش كېرەك.

مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.
ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

43-ماددا مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، تەستىقلانغان سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدا لاياقەتلىك بولۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش كېرەك.
ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى كېيىنكى مەزگىللىك باشقۇرۇش ۋە ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى كېيىنكى مەزگىللىك باھالىشى كېرەك.

44-ماددا سۇلۇق يەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىش، ئېچىش، بوز يەر ئېچىش، كۆمۈۋېتىش، بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۆزگەرسە، ئۇنىڭ ھەقدارلىقى ۋە قەرزدارلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان سۇبيېكت ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن سۇلۇق يەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، شۇنىڭدەك سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى يوقاپ كەتكەن ياكى بېكىتكىلى بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

5-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پايدىلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى بۇزۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق :

( 1 ) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخستىن سوئال سوراش، ئۇنىڭدىن نازارەت قىلىنىدىغان، تەكشۈرۈلىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

2 ) نەق مەيداننى تەكشۈرۈش؛

( 3 ) مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، كۆپەيتىش، يۆتكىۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش، تىقىۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت-ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

( 4 ) قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە چېتىشلىق سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش.

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق، تەبىئىي بايلىق، سۇ مەمۇرىيىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

48-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەرنى قوغداش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

49-ماددا دۆلەت سۇلۇق يەرنى قوغداش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ.

سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك، قوغداش خىزمىتى كۈچلۈك بولمىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان رايونلارغا قارىتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆزلىشىشى كېرەك.

50-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

51-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى سۇلۇق يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمايدۇ ياكى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىدى ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان سۇلۇق يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ،
سۇلۇق يەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋالغان كۆلەم بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى قۇرۇلۇشنى توختاتمىغان ياكى مۇددەت ئۆتسىمۇ چاقمىغان بولسا، مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان تارماق خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.

53-ماددا قۇرۇلۇش تۈرى مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، سۇلۇق يەرنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن، قايتا قۇرمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛
مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ئۈستىگە ئالىدۇ، سۇلۇق يەرنى ئىگىلىگەن كۆلەم بويىچە ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەبىئىي سۇلۇق يەرنى ئاچقان ( چۆرىدىگەن ) بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن، كۆمۈۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە سۇلۇق يەر كۆلىمىنى بۇزۇۋەتكىنى بويىچە،
ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە ھەمدە سۇلۇق يەر كۆلىمىنى بۇزۇۋېتىش بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەبىئىي سۇلۇق يەرنى قۇرۇتۇۋەتكەن ياكى تەبىئىي سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى مەڭگۈ ئۈزۈۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇلۇق يەرگە تۈر كىرگۈزگەن ياكى قويۇپ بەرگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى»قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازا بېرىلىدۇ.

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىدە كۆلچەك كولىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى بۇزۇۋېتىش جازاسى بويىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئورماننى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولسا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تولۇقلاپ تىكىشكە، ۋەيران قىلغان تۈپ سانىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن بولغان دەرەخلەرنى تىكىشكە بۇيرۇلىدۇ، ۋەيران قىلىنغان تۈپ سانىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئوخشاش رايوندىكى ئوخشاش تۈردىكى دەرەخ تۈرلىرىنىڭ ئۆسۈش زىچلىقى بويىچە تۈپ سانى ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرىگە مانگروۋ ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلەرنى قويۇپ قويغان، تېرىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا لاي كۆمۈر قازغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قازغان لاي كۆمۈرنىڭ ھەجىمىگە ئاساسەن، ھەر كۇب مېتىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاتقاق، سازلىق، سۇلۇق يەردىن سىرتقا سۇ چىقىرىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى تۈزمەي ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرمەي، سۇلۇق يەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق-ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

59-ماددا سۇلۇق يەرنى بۇزۇۋەتكەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى سۇلۇق يەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق-ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەن ئادا قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.

60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇشقا بولىدۇ.

61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالغان بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئورگان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشكىلات قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، زىياننى ۋە ئالاقىدار خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

63-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

( 1 ) مانگروۋا ئورمىنى سۇلۇق يېرى مانگروما دەرىخى ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساس قىلغان يېقىن دېڭىز ۋە دېڭىز قىرغىقىدىكى تاشقىن ئارىلىقىدىكى سۇلۇق يەرنى كۆرسىتىدۇ؛

( 2 ) پاتقاق كۆمۈر سازلىق سۇلۇق يېرى دېگىنىمىز، پاتقاق كۆمۈر يېتىلگەن سازلىق سۇلۇق يېرىنى كۆرسىتىدۇ.

64-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، سۇلۇق يەرنى قوغداش كونكرېت چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

65-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.