جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كان بىخەتەرلىكى قانۇنى

( 1992-يىل 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

3-باب كان قېزىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

4-باب كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش

5-باب كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش

6-باب كان ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن كان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كان ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كانچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە قېزىلما بايلىق ئېچىش پائالىيىتىدە مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

3-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلىشى، كان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كان كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارمىقى كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

5-ماددا دۆلەت كان بىخەتەرلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىدۇ، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلايدۇ، كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

6-ماددا كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كان ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئالغان، كاندىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتناشقان، كان بىخەتەرلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-باب كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

7-ماددا كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلىنىشى، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىنىشى، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى شەرت.

8-ماددا كان قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھە ھۆججىتى كان بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كان كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت؛
كان بىخەتەرلىكى قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەشتە ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى شەرت.

كان بىخەتەرلىكى قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كان كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

9-ماددا كان لايىھەسىدىكى تۆۋەندىكى تۈرلەر كان بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت :

( 1 ) كان قۇدۇقىنىڭ شامال ئۆتۈشۈش سىستېمىسى ۋە شامال بىلەن تەمىنلەش مىقدارى، شامال سۈپىتى، شامال سۈرئىتى؛

( 2 ) ئۈستى ئوچۇق كاننىڭ يانتۇلۇق بۇلۇڭى ۋە پەلەمپەينىڭ كەڭلىكى، ئېگىزلىكى؛

3 توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى؛

( 4 ) ئۆستۈرۈش، توشۇش سىستېمىسى؛

( 5 ) سۇ ئۆتمەس، سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى ۋە ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسى؛

( 6 ) گازدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى؛

( 7 ) كان بىخەتەرلىكىگە دائىر باشقا تۈرلەر.

10-ماددا ھەربىر كان قۇدۇقىدا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ماڭالايدىغان بىخەتەرلىك ئېغىزى بولۇشى، چىقىش ئېغىزى ئارىسىدىكى تۈز سىزىقلىق گورىزونتال ئارىلىق كان بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

11-ماددا كاندا سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان، بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن تىرانسپورت ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى بولۇشى شەرت.

12-ماددا كان قۇرۇلۇشى كانچىلىق كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماق تەستىقلىغان لايىھە ھۆججىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت.

كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى پۈتكەندىن كېيىن، كانچىلىق كارخانىسىنى باشقۇرغۇچى مەسئۇل تارماق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ ھەمدە ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتنىشىشى شەرت؛
كان بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

3-باب كان قېزىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

13-ماددا كان قېزىشتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش شارائىتىنى ھازىرلاش، ئوخشاش بولمىغان كان تۈرلىرىنى قېزىشقا دائىر كان بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت.

14-ماددا كان لايىھەسىدە ساقلاپ قېلىش بەلگىلەنگەن كان تۈۋرۈكى، تاش تۈۋرۈكلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قوغداش كېرەك، ئېچىشقا ياكى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

15-ماددا كان ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەلىپى بولغان ئۈسكۈنە، ئۈسكۈنە، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ياكى ساھەنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۆلچىمى ياكى ساھە خەۋپسىزلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

16-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىپ، ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

17-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى مەشغۇلات سورۇنىدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار ۋە قۇدۇق ئاستىدىكى ھاۋانىڭ ئوكسىگېن مىقدارىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

18-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى شەرت :

( 1 ) ئۆگزە، بۆلەك، يانتۇلۇق سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش؛

( 2 ) گاز پارتلاش، كۆمۈر چاڭ-توزانى پارتلاش؛

( 3 ) يەر بېسىمىغا زەربە بېرىش، گاز پولتىيىپ چىقىش، قۇدۇقتىن ئېتىلىپ چىقىش؛

( 4 ) يەر يۈزى ۋە قۇدۇق ئاستىدىكى ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى؛

( 5 ) پارتلىتىش سايمانلىرى ۋە پارتلىتىش مەشغۇلاتىدا يۈزبەرگەن خەۋپ؛

( 6 ) چاڭ-توزان، زەھەرلىك، زىيانلىق گاز، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپ؛

( 7 ) باشقا خەۋپلەر.

19-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ماشىنا، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، توپا چىقىرىش مەيدانى، تاشلىق كۆمۈر تېغى، قالدۇق كان ئامبىرى ۋە كان ئازگىلى ياسالغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

4-باب كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش

20-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى شەرت.

كان باشلىقى شۇ كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل.

21-ماددا كان باشلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

22-ماددا كان كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كان بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا ۋە كارخانا قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

كان كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى تەنقىد، پاش قىلىش ۋە ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

23-ماددا كان كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.

24-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

كانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار مۇزاكىرە يىغىنى ئاچقاندا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى قاتنىشىشى كېرەك، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

25-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتە قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلغانلىقى، ئىشچىلارنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىش ياكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا روشەن ئېغىر، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە كەسپىي خەۋپ بايقىغانلىقىنى سەزگەندە، ھەل قىلىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋال بايقالغاندا، كانچىلىق-كارخانا مەمۇرىي جەھەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى خەتەرلىك نەق مەيداندىن چېكىنىشكە تەشكىللەش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، كان-كارخانا مەمۇرىي جەھەتتىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى شەرت.

26-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى، ئۇلارنى تەربىيەلىشى شەرت؛
بىخەتەرلىك تەربىيەسى، تەربىيەلەنمىگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئالاھىدە مەشغۇلاتچى خادىملار چوقۇم مەخسۇس تەربىيەلىنىشى كېرەك، باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇپ مەشغۇلات سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلار ئاندىن ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ.

27-ماددا كان باشلىقى باھالاشتىن ئۆتكەن، بىخەتەرلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە كان ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

كان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك كەسپىي بىلىملىرى ۋە كان بىخەتەرلىكى خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ھازىرلىشى شەرت.

28-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا كېرەكلىك ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىشى شەرت.

29-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كان قۇدۇق ئاستى ئەمگىكىگە قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.

كان كارخانىلىرى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى يولغا قويىدۇ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كان قۇدۇقى ئاستى ئەمگىكىگە تەقسىم قىلسا بولمايدۇ.

30-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى كان ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى شەرت.

31-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرۇشى، زۆرۈر جابدۇق، سايمان ۋە دورىلارنى سەپلىشى كېرەك.

32-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى قېزىلما بايلىق سېتىش سوممىسىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىخەتەرلىك تېخنىكىلىق تەدبىرلىرى مەخسۇس خىراجىتىنى ئېلىشى شەرت.
بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرلىرى مەخسۇس خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

5-باب كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە قارىتا تۆۋەندىكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ :

( 1 ) كانچىلىق كارخانىلىرى ۋە كانچىلىق كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماقنىڭ كان بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

( 2 ) كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش، تەكشۈرۈش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتنىشىش؛

( 3 ) كاننىڭ ئەمگەك شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

( 4 ) كان-كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش؛

( 5 ) كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرى مەخسۇس خىراجىتىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش؛

( 6 ) كان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىش ھەمدە ئۇنى نازارەت قىلىش؛

( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كانچىلىق كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارمىقى كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە تۆۋەندىكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ :

( 1 ) كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كان بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

( 2 ) كان قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛

( 3 ) كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەسئۇل بولۇش؛

( 4 ) كان باشلىقى ۋە كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەشكىللەش؛

( 5 ) ئېغىر، زور كان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛

( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتلىرى.

35-ماددا ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىكى كان بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك خادىملىرى كانچىلىق كارخانىسىغا كىرىپ، نەق مەيداندا بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق؛
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي خەۋپ-خەتەر بايقالغاندا، كانچىلىق كارخانىسىدىن دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

6-باب كان ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

36-ماددا كان ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، كانچىلىق كارخانىلىرى دەرھال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئازايتىشى، تالاپەت ھادىسىسىنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە كانچىلىق كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماققا دەرھال ئەينەن مەلۇم قىلىشى شەرت.

37-ماددا ئادەتتىكى كان ھادىسىسى يۈز بەرسە، كانچىلىق كارخانىسى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئېغىر كان ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كانچىلىق كارخانىسى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

38-ماددا كان كارخانىلىرىدا كان ھادىسىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە ياكى تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

39-ماددا كان ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيدان خەۋپىنى تېزدىن تۈگىتىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
نەق مەيداندىكى خەتەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

40-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش؛
مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارغا تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ :

( 1 ) ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىخەتەرلىك تەربىيەسى، تەربىيەسى بەرمەي، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەقسىم قىلغانلار؛

( 2 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۆلچىمى ياكى ساھە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۈسكۈنە، ئۈسكۈنە، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛

( 3 ) بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرى مەخسۇس خىراجىتىنى ئېلىش ياكى ئىشلىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

( 4 ) كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ياكى تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى يوشۇرۇپ، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلمىغانلار؛

( 5 ) كان ھادىسىسىنى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ۋاقتىدا، ئەينەن دوكلات قىلمىغانلار.

41-ماددا كان باشلىقلىرىدىن بىخەتەرلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ھازىرلىمىغانلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلاردىن مەشغۇلات سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش، لاياقەتلىك خادىملارنى تەڭشەپ سەپلىگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

42-ماددا كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەشتە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغانلارنى كان كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماق قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛
ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، كانچىلىق كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشىنى قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

43-ماددا كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنماي ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كان كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماق بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق جەرىمانە قويىدۇ؛
ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى رەت قىلسا، ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشىنى قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

44-ماددا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كانچىلىق كارخانىلىرىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلىرى مەجبۇرىي قازغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كانچىلىق كارخانىسىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماق بىلەن بىرلىكتە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ياخشىلاشقا بۇيرۇيدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلارنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشىنى قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

45-ماددا ئالاقىدارلار مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا قارارى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىكى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛
دەۋالاشقۇچىلار جازا قارارى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.
ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىسا، توختاملاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلار مۇددەت ئۆتسىمۇ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا ياكى جازا قارارىنى ئادا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

46-ماددا كانچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىشچىلارنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى تۇغدۇرغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

47-ماددا كانچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن كان ھادىسىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە تەدبىر قوللانماي، ئېغىر تالاپەت ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

48-ماددا كان بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

49-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

50-ماددا بۇ قانۇن 1993-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.