جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى

( 2010-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى

3-باب ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

4-باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى

5-باب ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

6-باب تۇغۇت سۇغۇرتىسى

7-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش

8-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى

9-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش

10-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى

11-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، پۇقرالارنىڭ ياشانغاندا، كېسەل بولغاندا، ئىشتا يارىلانغاندا، ئىشسىز قالغاندا، پەرزەنت كۆرگەندە قانۇن بويىچە دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

3-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى كەڭ قاپلاش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيەسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغاندا، ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولسا، شۇ ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

دۆلەت كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەبلىغى توپلىدى.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىغا زۆرۈر خىراجەت مەدىتى بېرىدۇ.

دۆلەت باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

8-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاش، شەخسلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى خاتىرىلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى چىقىم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىشقا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىغا قاتنىشىشقا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

2-باب ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى

10-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى شەخسلەر تاپشۇرىدۇ.

مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا ئاساسەن باشقۇرۇلىدىغان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

11-ماددا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىدا جەمئىيەت بىرتۇتاش پىلانلاش بىلەن شەخسىي ئىسچوتنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق ۋە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

12-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىغا خاتىرىلىشى كېرەك.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مائاش نىسبىتى بويىچە تاپشۇرۇپ، شەخسىي ئىسچوتقا خاتىرىلىشى كېرەك.

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرتۇتاش غەملەنگەن فوندى ۋە شەخسىي ھېساباتىغا ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلىشى كېرەك.

13-ماددا دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى مەزگىلىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش يېتەرلىك بولمىغاندا، ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

14-ماددا شەخسىي ھېساباتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا بولمايدۇ، ھېساباتتىكى ئۆسۈم نىسبىتى بانكىنىڭ قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، ئۆسۈم بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
شەخس ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، شەخسىي ھېساباتتىكى قالدۇق سوممىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

15-ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بىرتۇتاش غەملەنگەن كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېساباتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى شەخسلەرنىڭ جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى، ھەق تاپشۇرغان مائاشى، شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى، شەخسىي ئىسچوتتىكى سومما، شەھەر-بازار نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

16-ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن شەخسلەرنىڭ جەمئىي تاپشۇرغان پۇلى 15 يىلغا توشقان بولسا، ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن شەخسلەردىن جەمئىي تاپشۇرغان پۇلى 15 يىلغا يەتمىسە، 15 يىلغىچە تاپشۇرۇپ، ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ؛
يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكەشكىمۇ بولىدۇ، ئۇلار گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

17-ماددا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، كېسەل سەۋەبىدىن ياكى ئىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى ئالسا بولىدۇ؛
قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا كېسەل سەۋەبىدىن ياكى ئىشتىن باشقا سەۋەب بىلەن مېيىپ بولۇپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلار كېسەل مېيىپلىكى قوشۇمچە پۇلى ئالسا بولىدۇ.
كېرەكلىك مەبلەغ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

18-ماددا دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆسۈشى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سەۋىيەسى دەل ۋاقتىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

19-ماددا شەخسلەر بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى شۇ كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.
شەخسلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى باسقۇچقا بۆلۈپ ھېسابلىنىدۇ، بىرتۇتاش تۆلىنىدۇ.
كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

20-ماددا دۆلەت يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

21-ماددا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېساباتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يېزا ئاھالىلىرىدىن دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشىدىغانلىرى ھەر ئايدا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئالىدۇ.

22-ماددا دۆلەت شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويسا بولىدۇ.

3-باب ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

23-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ، شەخسلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.

24-ماددا دۆلەت يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

25-ماددا دۆلەت شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان مېيىپلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتارلىقلار تاپشۇرىدىغان شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمىغا ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ.

26-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تەمىنات ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

27-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە جەمئىي تاپشۇرغان ھەققى دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە يەتكەن شەخسلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرمايدۇ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛
دۆلەت بەلگىلىگەن مۇددەت چېكىگە يەتمىگەن بولسا، ھەقنى دۆلەت بەلگىلىگەن يىل چېكىگە تاپشۇرسا بولىدۇ.

28-ماددا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دورا مۇندەرىجىسى، داۋالاش تۈرى، داۋالاش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئۆلچىمى، شۇنىڭدەك جىددىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىراجىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

29-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان قىسمىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارىتى ئورنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

30-ماددا تۆۋەندىكى داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ :

( 1 ) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش كېرەك؛

( 2 ) 3-كىشى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا؛

( 3 ) ئاممىۋى سەھىيە ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا؛

( 4 ) چېگرا سىرتىدا داۋالانغانلار.

داۋالىنىش خىراجىتىنى قانۇن بويىچە 3-كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ، 3-كىشى تۆلىمىسە ياكى 3-كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ئالدىن تۆلەيدۇ.
ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاۋۋال چىقىم قىلغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

31-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارىتى ئورنى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرسا بولىدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتى سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا مۇۋاپىق، زۆرۈر داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

32-ماددا شەخسلەر بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى شۇ كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

4-باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى

33-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

34-ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان ساھەنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ-خەتىرى دەرىجىسىگە قاراپ ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، ھەربىر ساھە ئىچىدە ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ.
ساھەلەر ھەق نىسبىتى پەرقى ۋە ساھە ئىچىدىكى ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ساھەلەرنىڭ ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى بېكىتىدۇ.

35-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ھەق نىسبىتى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

36-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسە سەۋەبىدىن زەخىملەنگەنلىرى ياكى كەسپىي كېسەل بولغانلىرى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛
بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمگەك ئىقتىدارى باھالىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلار مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىخچام، قولاي بولۇشى كېرەك.

37-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن خىزمەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىرى ئىشتا يارىلاندى، دەپ بېكىتىلمەيدۇ :

( 1 ) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش؛

( 2 ) مەست بولۇپ قېلىش ياكى زەھەر چېكىش؛

( 3 ) ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش ياكى ئۆلۈۋېلىش؛

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

38-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن تۆۋەندىكى خىراجەتلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ :

( 1 ) ئىشتا يارىلىنىشنى داۋالاش خىراجىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى؛

( 2 ) بالنىتسىدا يېتىش تاماق ياردەم پۇلى؛

( 3 ) بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون سىرتىغا بېرىپ داۋالىنىشتىكى قاتناش، ياتاق-تاماق خىراجىتى؛

( 4 ) مېيىپ قوشۇمچە سايمانلارنى ئورنىتىش، سەپلەشكە كېتىدىغان خىراجەت؛

( 5 ) تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى بېكىتكەن تۇرمۇش قاراش ھەققى؛

( 6 ) بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلى ۋە 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئايدا ئالىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛

( 7 ) ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ياكى بىكار قىلغاندا، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بىر قېتىملىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛

( 8 ) ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئالغان دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ۋە ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ياردەم پۇلى؛

( 9 ) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققى.

39-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۆۋەندىكى خىراجەتنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ :

( 1 ) ئىشتا يارىلىنىش مەزگىلىدىكى مائاش-پاراۋانلىق؛

( 2 ) 5-، 6-دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئايدا ئالىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛

( 3 ) ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ياكى بىكار قىلغاندا، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قېتىملىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك.

40-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن تولۇقلاش كېرەك.

41-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرماي، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىم قىلمىسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئالدىن چىقىم قىلىدۇ.

ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئالدىن چىقىم قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قايتۇرۇشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆلىمىسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇشۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

42-ماددا 3-كىشى سەۋەبىدىن ئىشتا يارىلىنىپ، 3-كىشى ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىمىسە ياكى 3-كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئالدىن تۆلىنىدۇ.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاۋۋال بەرگەندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

43-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى توختىتىدۇ :

( 1 ) تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىنى يوقاتقانلار؛

( 2 ) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى رەت قىلغانلار؛

( 3 ) داۋالىنىشنى رەت قىلغانلار.

5-باب ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

44-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى بىرلىكتە تاپشۇرىدۇ.

45-ماددا ئىشسىزلاردىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدۇ :

( 1 ) ئىشسىز قېلىشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئۆزى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرغىنىغا بىر يىل توشقان بولسا؛

( 2 ) ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار؛

( 3 ) ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەمدە خىزمەت ئىزدەش تەلىپى بارلار.

46-ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىز قېلىشتىن ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ كىشى جەمئىي تاپشۇرغان ھەق بىر يىل توشقان، بەش يىلغا يەتمىگەن بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئاي بولىدۇ؛
جەمئىي تاپشۇرغان ھەق بەش يىلغا توشسا، ئون يىلغا يەتمىسە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 18 ئاي بولىدۇ؛
جەمئىي 10 يىلدىن ئارتۇق ھەق تاپشۇرسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 ئاي بولىدۇ.
قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، يەنە ئىشسىز قالسا، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى قايتا ھېسابلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئالدىنقى قېتىم ئىشسىز قالغاندا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان، لېكىن تېخى ئالمىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ مۇددىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

47-ماددا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

48-ماددا ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالغان مەزگىلدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىشسىزلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن تۆلىنىدۇ، شەخسلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

49-ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىرى شۇ جاينىڭ ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە دائىر بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بىر قېتىملىق دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى بېرىدۇ.
كېرەكلىك مەبلەغ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

شەخسلەر ئۆلۈپ كەتكەندە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، دەپنە ياردەم پۇلى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، دەپنە تولۇقلىما پۇلى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، دەپنە قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى پەقەت شۇلارنىڭ بىرىنىلا ئالسا بولىدۇ.

50-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشسىزلارغا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە ئىشسىزلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ياكى بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ئىشسىزلار شۇ ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا بېرىپ ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشى كېرەك.

ئىشسىزلار ئىشسىزلىقنى تىزىملاش ئىسپاتى ۋە شەخسىي سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئېلىش مۇددىتى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

51-ماددا ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى توختىتىدۇ ھەمدە باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىمۇ توختىتىدۇ :

( 1 ) قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار؛

( 2 ) ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغانلار؛

( 3 ) چېگرا سىرتىغا كۆچۈپ چىققانلار؛

( 4 ) ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار؛

( 5 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق ياكى ئاپپارات تونۇشتۇرغان مۇۋاپىق خىزمەتنى ياكى تەربىيەلەشنى رەت قىلغانلار.

52-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى شۇ كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

6-باب تۇغۇت سۇغۇرتىسى

53-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پەرزەنت سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

54-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان جورىسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت، داۋالىنىش خىراجىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
كېرەكلىك مەبلەغ تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

55-ماددا تۇغۇت، داۋالىنىش خىراجىتى تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

( 1 ) تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى؛

( 2 ) پىلانلىق تۇغۇتنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى؛

( 3 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تۈر خىراجىتى.

56-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ :

( 1 ) ئايال ئىشچى-خىزمەتچى پەرزەنت كۆرۈش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

( 2 ) پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيە دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

( 3 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

7-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش

57-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تىجارەت كىنىشكىسى، تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ياكى ئورۇننىڭ تامغىسىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىدىغان ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئاخىرلاشسا، ئۆزگەرتىلگەن ياكى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرغۇچى ئورگان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئورگانغا شەخسنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈپ كېتىش، شۇنىڭدەك نوپۇس تىزىملاش، يۆتكەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

58-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان ياللانمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

دۆلەت مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەخسىي ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرىنى تەسىس قىلىدۇ.
شەخسنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى بولىدۇ.

59-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بىرتۇتاش ئېلىنىدۇ، يولغا قويۇش قەدەم-باسقۇچى ۋە كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

60-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى ئىلتىماس قىلىشى، ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلەر بولمىسا كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئايمۇئاي ئۆزىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ياللانما ئىشچى بولمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار، شۇنىڭدەك باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بىۋاسىتە تاپشۇرسا بولىدۇ.

61-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشى ھەمدە ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قەرەللىك ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

62-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىسا، شۇ ئورۇن ئالدىنقى ئايدا تاپشۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ % 110 ى بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا سوممىسىنى بېكىتىدۇ؛
ھەق تاپشۇرغۇچى ئورۇن ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلىمە بويىچە راسچوت قىلىدۇ.

63-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئالغۇچى ئاپپارات ئۇنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاشقا بۇيرۇيدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىسا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئۇنىڭ ئامانەت پۇل ھېساباتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛
ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بېرىش قارارى چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلسا ھەمدە ھېسابات ئاچقان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بېرىشنى يازما ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھېساباتىدىكى قالدۇق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن ئاز بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىسا بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ھەمدە كېپىللىك بەرمىگەن بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش، پېچەتلەش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشقا تەڭ كېلىدىغان مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىگە تۆلىسە بولىدۇ.

8-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى

64-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھېسابات قىلىنىدۇ، ھېساباتقا ئايرىپ ھېسابات قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ مەخسۇس پۇلىنى مەخسۇس جايىغا ئىشلىتىش كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ، باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەش پەيدىنپەي يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى، قەدەم-باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

65-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوت ئارقىلىق كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇردى.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىشتا يېتەرسىزلىك كۆرۈلگەندە تولۇقلىما بېرىدۇ.

66-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ خامچوتى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتلىمى بويىچە تەسىس قىلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم تۈزۈلىدۇ.

67-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ خامچوت، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

68-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا قويۇلىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

69-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەبلەغ سېلىنىپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، قىممىتى ساقلىنىدۇ، قىممىتى ئاشىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈشكە، باشقا ھۆكۈمەت خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە، ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ۋە خادىملار خىراجىتى، يۈرۈشۈش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتىگە چىقىم قىلىشقا ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

70-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم، چىقىم، قالدۇق ۋە پايدا ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

71-ماددا دۆلەت مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى تەسىس قىلىدۇ، ئۇ مەركەز مالىيەسىدىن خامچوت بويىچە ئاجرىتىلغان پۇل، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغدىن تەركىب تاپىدۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمىنى تولۇقلاش، تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى باشقۇرۇش تىجارەت ئاپپاراتى باشقۇرۇش-يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيەتكە كىرىم-چىقىم، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

9-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش

72-ماددا بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان رايونلاردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوندا تارماق ئاپپارات ۋە مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرسا بولىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ خادىملار خىراجىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىشتە كېتىدىغان ئاساسىي ھەرىكەت خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

73-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات كەسىپ، مالىيە، بىخەتەرلىك ۋە خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك.

74-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار كەسىپ بېجىرىش، ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ۋاقتىدا، ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار، ھەق تاپشۇرغانلار قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تولۇق، توغرا خاتىرىلىشى، تىزىملاش، ئىلتىماس قىلىش دەسلەپكى ئىسپاتى ۋە چىقىم راسچوت قىلىش بوغالتىرلىق ئىسپاتىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆزى ئۈچۈن تاپشۇرغان ھەقنى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى قاتارلىق شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى ۋاقتىدا، تولۇق، توغرا خاتىرىلەپ، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتنى خاتىرىلەش تالونىنى قەرەللىك ھالدا ئۆزىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش خاتىرىسىنى ھەقسىز كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

75-ماددا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇر سىستېمىسىنى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش يىرىك پىلانى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئورتاق قۇرىدۇ.

10-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى

76-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، ئۇنى باشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا تەشكىللەيدۇ، نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

77-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى كېرەك، تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا ياكى يالغان مەلۇم قىلسا، يوشۇرسا بولمايدۇ.

78-ماددا مالىيە تارماقلىرى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش-تىجارەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

79-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە سېلىنمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماققا بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىش كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق :

( 1 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، خاتىرىلەش، كۆپەيتىش، يۆتكەپ كېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش ياكى يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

( 2 ) تەكشۈرۈش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخستىن سوئال سوراش، ئۇلاردىن تەكشۈرۈش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئىزاھات بېرىش، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 3 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تىقىۋېلىش، يۆتكىۋېتىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇش.

80-ماددا ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى قۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، تەھلىل قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتى توغرىسىدا مەسلىھەت-پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىش، جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇش.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەت قىلىش كومىتېتىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، ئۇنى باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەت قىلىش كومىتېتى بوغالتىرلىق ئورنىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما-تىجارەت ئەھۋالىنى يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
ئىقتىسادىي تەپتىشلىك نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارەت قىلىش كومىتېتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش تىجارىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئالاقىدار تارماقلارغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

81-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇشى، ھەرقانداق شەكىلدە ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

82-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا، ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ۋە مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى شۇ تارماق، شۇ ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان پاش قىلغان، ئەرز-شىكايەتلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛
شۇ تارماق، شۇ ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمىگەنلىرىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماق، ئاپپاراتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بىر-بىرىگە ئىتتىرسە بولمايدۇ.

83-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتنىڭ قىلمىشى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتماسلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمەسلىك ياكى باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى سادىر بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

شەخسلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالاش-تارتىشى كېلىپ چىققان بولسا، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ، دەۋا قىلسا بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شەخسنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپاراتتىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

11-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

84-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

85-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىشنى رەت قىلسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

86-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئالغۇچى ئاپپارات بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە تاپشۇرمىغان كۈندىن باشلاپ، كۈنگە 10 مىڭدىن بەش ئۈلۈش جەرىمانە قوشۇپ ئالىدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق قەرز سوممىسى بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

87-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، شۇنىڭدەك داۋالاش ئاپپاراتى، دورا تىجارەت ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋېلىش سوممىسى ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا تەۋە بولسا، مۇلازىمەت كېلىشىمى بىكار قىلىنىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بولسا، ئۇلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ.

88-ماددا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئالدامچىلىق قىلىش، ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋېلىش سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

89-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

( 1 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

( 2 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا كىرگۈزمىگەنلەر؛

( 3 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى تۇتۇپ قالغان ياكى ۋاقتىدا بېرىشنى رەت قىلغانلار؛

( 4 ) ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش خاتىرىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويغان ياكى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

( 5 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

90-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى، ھەق نىسبىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز ئېلىش ياكى كۆپ ئېلىشقا سەۋەبچى بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

91-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تىقىۋالغان، يۆتكىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى، مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

92-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسكە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

93-ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

94-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

95-ماددا شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگەن يېزا ئاھالىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.

96-ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئالغاندا، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

97-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ.

98-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.