( 2002-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللاندى 2024-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش
3-باب ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت
4-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى
5-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى
6-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئالغا سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ۋە جەمئىيەتتە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىش، ئىلمىي ئىدىيەنى تارقىتىش، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.
پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دېيىلىدۇ ) نى قانات يايدۇرۇشتا، ئامما ئاسان ئۇچرىشىدىغان، چۈشىنىدىغان، قوبۇل قىلىدىغان، قاتنىشىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.
3-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم-پەننى قەدىرلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
4-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇللۇق خىزمەت.
دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن پەن-تېخنىكىدا ئىجادىي بولۇشنى زىچ ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.
5-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىسى، دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار قاتارلىقلار ماس ئالغا سىلجىتىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
دۆلەت يېزىلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۆلەپ، رايون ھالقىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
6-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىلىم-پەن روھى ۋە ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئېتىكىسىغا رىئايە قىلىش، ساختا ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
7-ماددا دۆلەت ئورگىنى، قوراللىق كۈچلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
ھەر يىلى 9-ئاي مەملىكەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېيى.
پۇقرالار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
8-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
9-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ.
ئىجتىمائىي كۈچلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشتا بازار مېخانىزمى بويىچە يۈرگۈزسە بولىدۇ.
10-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاممىۋىلىق، جەمئىيەتچانلىق ۋە دائىملىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.
11-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ھەرىكەت يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پۇقرالارنى ئىلمىي ۋە ئاقىلانە تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش، ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە تىكلەش، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈش، ئەمگەك، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلىق يارىتىش-ئىجاد قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.
12-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
13-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.
دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
2-باب تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش
14-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ باشقا تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا تارماقلار تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە شۇ رايوننىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
16-ماددا ساھە مەسئۇل تارمىقى شۇ ساھەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
17-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي كۈچ بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويىدۇ، ئاممىۋى، ئىجتىمائىي ۋە دائىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەملىشىدۇ،
ھۆكۈمەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە دائىر تەدبىر بەلگىلىشىنى تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
18-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆز خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
3-باب ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت
19-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك.
20-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پەن-مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قوللىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك.
ئالىي مەكتەپلەر پەن-مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي ساۋات دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىگە كىرگۈزۈپ، زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى مەكتەپ ئىچى، مەكتەپ سىرتىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەربىيە دەرسلىكى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئىلمىي تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئاپپاراتلىرى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە جىسمانىي-روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئىلىم-پەن ئويغىتىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، قوغدىشى كېرەك.
21-ماددا ئوچۇق داشۆ، ياشانغانلار داشۆسى، ياشانغانلار پەن-تېخنىكا داشۆسى، مەھەللە شۆيۈەنى قاتارلىقلار سەھىيە-ساغلاملىق، تور ئالاقىسى، ئاقىل تېخنىكا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىلىم-ماھارەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە قوللىنىش قاتارلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
22-ماددا پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا قوللىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك، شارائىتى بارلار مەخسۇس ۋەزىپىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىش ئورنى ۋە مەخسۇس پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنى تەسىس قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاپپاراتلارنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنى زۆرۈر مەدەت ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلسا بولىدۇ،
پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
23-ماددا پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا يۈزلىنىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
كارخانىلارنىڭ ئۆز پەن-تېخنىكا بايلىقىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشى، ئاممىغا تەجرىبىخانا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، شارائىتى بارلىرى ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى ۋە ئەسلىھەسىنى قۇرسا بولىدۇ.
24-ماددا تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلار كەسپىي ساھەلەردە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
25-ماددا ئاخبارات-نەشرىيات، كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاپپارات ۋە تەشكىلاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئۇنىۋېرسال تۈردىكى گېزىت، قەرەللىك ژۇرنال، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاممىۋى مەنپەئەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛
كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش ۋە قويۇش ئاپپاراتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش ۋە قويۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛
كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىش، تارقىتىش ئاپپاراتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى، تارقىتىلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك؛
ئۇنىۋېرسال ئالاقە تورى سۇپىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېتى ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىشى كېرەك.
تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل شەكىلدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يوللىرى ۋە ۋاسىتىسى كېڭەيتىلىدۇ.
26-ماددا يېزا ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇشنى چۆرىدەپ، يېزا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتى، يېزا مەكتىپى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
تۈرلۈك يېزا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى، دېھقانلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى، يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى ( ئىلمىي ) يىغىنى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى قاتارلىقلار دېھقانلارنى پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئىلغار، ياراملىق تېخنىكا ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.
27-ماددا شەھەر ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جايدىكى پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
28-ماددا پەن-تېخنىكا سارىيى ( پونكىتى )، پەن-تېخنىكا پائالىيەت مەركىزى ۋە باشقا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پىلانلانغان كۆرگەزمىخانا قاتارلىق مەدەنىيەت سورۇنلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
باغچە، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، سودا ساراي، ئايرودۇرۇم، بېكەت، پىرىستان قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇن، شۇنىڭدەك مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار تەۋەلىكىدىكى دائىرىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
4-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى
29-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى قوللايدۇ، يېڭى، مۇستەقىل ئىجاد قىلىنغان، ئىلمىيلىكى كۈچلۈك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ھازىر بار بولغان بايلىققا تايىنىپ ھەمدە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت مەركىزى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
30-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارخانىلىرى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، سەھىيە-ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
31-ماددا دۆلەت يېڭى تېخنىكا، يېڭى بىلىملەرنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشى ۋە كېڭەيتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكا، كونا بىلىملەرنى چۆرىدەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش داۋامىدا يېڭى تېخنىكا قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، جەمئىيەتنى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ.
32-ماددا دۆلەت يېڭى تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، زۆرۈر بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتسە بولىدۇ.
33-ماددا دۆلەت تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى ۋە سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشقا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.
34-ماددا دۆلەت كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، دېھقانلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش داۋامىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىنى كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپ ئىشچىلىرى ۋە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئىلمىي ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
35-ماددا تەشكىلات ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى، ئېلان قىلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇچۇرى قانۇنلۇقلۇققا، ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك، ساختا، خاتا مەزمۇن بولسا بولمايدۇ.
36-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىشنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىدۇ.
تارقىتىش دائىرىسى كەڭ، جەمئىيەتكە خەۋپى زور بولغان ساختا، خاتا ئۇچۇرلارنى پەن-تېخنىكا ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.
تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساختا، خاتا ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى بايقىسا، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇچۇرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
37-ماددا شارائىتى بار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۆز كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ خەلقئارا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، قاتنىشىپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مۇنەۋۋەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
دۆلەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئالماشتۇرۇشىنى قوللايدۇ.
38-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى باھالاش سىستېمىسى ۋە پۇقرالارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى كۆزىتىش-باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ، پەن-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى كۆزىتىدۇ ۋە باھالايدۇ.
5-باب پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى
39-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق پەزىلىتى، پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشكەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى قوشۇنىنى قۇرىدۇ.
40-ماددا پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.
پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە كوللېكتىپى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ياشانغانلار پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
41-ماددا دۆلەت شارائىتى بار ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پەن ۋە كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.
42-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈزۈمى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىدائىيلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، تەربىيەلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.
43-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش، نەتىجە-ئۈنۈم باھالاش قاتارلىق باھالاش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرىدۇ.
6-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
44-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سېلىنمىسى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سېلىنما سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئېھتىياجغا قاراپ خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك.
45-ماددا دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەت شارائىتى بار جايلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى ۋە كەسپىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، رەقەملىك پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەيدان-سارايلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، مەھەللە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتنى كۈچەيتىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شارائىتى بار باشقا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك؛
ھازىر بار بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش، ئۇنى رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.
46-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىرىك پىلانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ياردىمى بېرىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەيدان-سارايلىرىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىغا زۆرۈر مەخسۇس خادىم قويۇش، يىل بويى ئاممىغا ئېچىۋېتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە ئۇنى باشقا ئىشقا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛
خىراجەت قىيىنچىلىقى بولسا، ھۆكۈمەت ئېھتىياجغا قاراپ تولۇقلىما بېرىپ، ئۇنى نورمال يۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارىيى بولىدىغان جايلار ھازىر بار بولغان پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش-سەھىيە، تەنتەربىيە، قاتناش-تىرانسپورت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش رەسىم كارىدورى، كۆزنىكى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىشى كېرەك.
47-ماددا دۆلەت مۇكەممەل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھرە دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىق ئامبىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەردىن شارائىتى بارلىرى پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە پەن-تېخنىكا بايلىقىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىپ، ئاممىنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيىتىنى چۈشىنىشى، تونۇشى، قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
48-ماددا دۆلەت جەمئىيەت مەبلىغىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.
دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش فوندى تەسىس قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
49-ماددا دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە مال-مۈلكىنى ئىئانە قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛
ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەنلەرگە ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا مەبلەغ سالغانلارغا قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويغاندا، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي ياردەمگە ۋە ئىئانىگە ئېرىشەلەيدۇ.
50-ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.
51-ماددا مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ پەن-تېخنىكا پىلانى تۈرى تەسىس قىلىشتا، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان تۈرلەردىن باشقا، ۋەزىپە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
52-ماددا پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئاپپاراتى، مەكتەپ، كارخانىنىڭ مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىشى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق باھالاش ئۆلچىمى ۋە تۈزۈم-مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
53-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى ۋە تەشكىلات، شەخسلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان مال-مۈلۈكنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ تۇتۇۋېلىشىغا، قىسىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا، خاتا ئۇچۇر ياسىغان، ئېلان قىلغان، تارقاتقان ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ،
جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پۇل-مېلىنى تۇتۇپ قالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ مەدىتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مۇناسىۋەتلىك پۇل-مالنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛
جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتى مەدىتىنى ئىلتىماس قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
56-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرىنى ئۆز مەيلىچە باشقا ئىشقا ئۆزگەرتىۋالغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
57-ماددا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشقا ئېرىشىۋالغانلارغا تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تارمىقى ياكى ئورنى ئېرىشكەن شەرىپىنى بىكار قىلىپ، مېدال، گۇۋاھنامىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلى قاتارلىق ماددىي مۇكاپاتلىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشلەۋاتقان ئورنى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
58-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي زىيان ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
60-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.