جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى

( 1996-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى

3-باب كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش

4-باب كەسپىي مائارىپنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، مائارىپ قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل كەسپىي مەكتەپ مائارىپى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى يولغا قويغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

3-ماددا كەسپىي مائارىپ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول.

دۆلەت كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

4-ماددا كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسى بېرىش، كەسپىي بىلىم بېرىش، كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش شەرت.

5-ماددا پۇقرالار قانۇن بويىچە كەسپىي تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

7-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-يىراق، نامرات رايونلاردىكى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىشسىزلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، مېيىپلەر كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولىدۇ.

8-ماددا كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا، ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت تۈزگەن كەسىپلەرنىڭ تۈرى ۋە كەسىپ دەرىجە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

دۆلەت ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن ياكى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن زۆرۈر كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

9-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپ پەن تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى تەشكىللەيدۇ.

10-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، ماكرولۇق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالاقىدار كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە ئايرىم-ئايرىم مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك-باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

2-باب كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى

12-ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن كېيىنكى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى مائارىپنى تارقاقلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مەكتەپ مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيەلەش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان ھەمدە باشقا مائارىپ بىلەن پىكىرلىشىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

13-ماددا كەسپىي مەكتەپ مائارىپى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپ مائارىپىغا ئايرىلىدۇ.

باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا خاراكتېرلىك كەسپىي مەكتەپلەر يولغا قويىدۇ؛
ئالىي كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى ئېھتىياج ۋە شارائىتقا قاراپ ئالىي كەسپىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ.
باشقا مەكتەپلەر مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىرتۇتاش پىلانى بويىچە، ئوخشاش قاتلامدىكى كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

14-ماددا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش، شاگىرت تەربىيەلەش، ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش ۋە باشقا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەن دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئايرىلسا بولىدۇ.

كەسپىي تەربىيەلەشنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىپ كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى، كەسپىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ.

باشقا مەكتەپلەر ياكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

15-ماددا مېيىپلەر كەسپىي مائارىپىنى مېيىپلەر مائارىپى ئاپپاراتى يولغا قويغاندىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ھەم باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

16-ماددا ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسپىي مائارىپ دەرسلىكى تەسىس قىلسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ.

3-باب كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تايانچلىق ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇپ، يېزا، كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلات، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك پۇقرالار قانۇن بويىچە قۇرغان كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلارنىڭ ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مائارىپنى بىرتۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپىي مائارىپ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

19-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى، ساھە تەشكىلاتى كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى بىرلىشىپ قۇرۇشى، شۇ ساھەدىكى كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ، كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشىنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك.

دۆلەت زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

20-ماددا كارخانىلار شۇ ئورۇننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە قوبۇل قىلماقچى بولغان خادىملىرىغا پىلانلىق كەسپىي تەربىيە بېرىشى كېرەك.

كارخانىلار ئۆز ئالدىغا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرسىمۇ ياكى بىرلىشىپ قۇرسىمۇ، مەكتەپ، كەسپىي تەربىيە ئاپپاراتىغا شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە قوبۇل قىلماقچى بولغان خادىملىرىغا كەسپىي مائارىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىشى شەرت؛
ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەزمەن تەربىيەلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

22-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ قۇرۇشتا، ئۇيۇشتۇرغۇچى بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى، ساھە تەشكىلاتى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلاردىن كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشنى مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

23-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، كارخانىلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشى، ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە پىشقان ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كەسپىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى پىراكتىكا سورۇنى قۇرسا بولىدۇ.

24-ماددا كەسپىي مەكتەپنى قۇرۇش تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت :

( 1 ) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

( 2 ) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇش؛

( 3 ) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئوقۇتۇش سورۇنى، كەسپىي مائارىپقا ماس كېلىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

( 4 ) زۆرۈر مەكتەپ باشقۇرۇش مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش.

كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت :

( 1 ) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

( 2 ) تەربىيەلەش ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇنلاشقان ئوقۇتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى خادىم بولۇش؛

( 3 ) تەربىيەلەشكە ماس كېلىدىغان سورۇن، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە بولۇش؛

( 4 ) مۇناسىپ خىراجىتى بولۇش.

كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تاقىۋېتىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

25-ماددا كەسپىي مەكتەپ مائارىپى ئالغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ باھالىشىدا لاياقەتلىك بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلەنگەن كەسپىي مەكتەپ ياكى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدا لاياقەتلىك بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىق ئىسپاتى قىلىنىدۇ.

4-باب كەسپىي مائارىپنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

26-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قانۇن بويىچە توپلاشقا ئىلھام بېرىدۇ.

27-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوندىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشى كېرەك؛
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە شۇ تارماقتىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشى كېرەك.
كەسپىي مەكتەپ قۇرغۇچىلىرى كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشقا ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان مالىيە خاراكتېرلىك خىراجەتنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا، تۇتۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا كارخانىلار ئۆز ئورنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە قوبۇل قىلماقچى بولغان خادىملىرىغا كەسپىي تەربىيە بېرىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بەلگىلەيدۇ.

29-ماددا كارخانىلاردىن كەسپىي مائارىپنى مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار كارخانا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئېلىپ، شۇ رايوننىڭ كەسپىي مائارىپىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

30-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىشنى قارار قىلغان مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرلىك قوشۇمچە ھەقنى مەخسۇس تۈرگە ئايرىسا ياكى بەلگىلىك نىسبەتتە كەسپىي مائارىپقا ئىشلەتسە بولىدۇ.

31-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا پەن-تېخنىكا يارىتىش، تېخنىكا كېڭەيتىش خىراجىتىنى يېزا كەسپىي تەربىيەسىگە مۇۋاپىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

32-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مۇۋاپىق ئوقۇش پۇلى ئالسا بولىدۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
ھەق ئېلىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.

دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مائارىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى تەسىس قىلىشىنى، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىشىنى ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشىنى قوللايدۇ.

33-ماددا كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كارخانا قۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىشتىن قىلغان كىرىم ئاساسلىقى كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

34-ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

35-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلات، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ كەسپىي مائارىپقا پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي مائارىپقا ياردەم بېرىشى ۋە ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
تەمىنلىگەن ياردەم ۋە ئىئانە جەزمەن كەسپىي مائارىپقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى كەسپىي تېخنىك خادىملار، ئالاھىدە ماھارىتى بارلارنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

37-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرغان تەشكىلاتلار، پۇقرالار، شەخسلەر كەسپىي مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش پىراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛
ئىش ئورنىغا چىقىش پىراكتىكىسىغا مۇۋاپىق ئەمگەك ھەققى بېرىش كېرەك.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەسپىي مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تەھرىرلەش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

39-ماددا كەسپىي مائارىپ پائالىيىتىدە مائارىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مائارىپ قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

40-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.