( 2001-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق گۇڭخې دۆلەت مۇداپىئەسى قۇم تىزگىنلەش قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى
3-باب يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
4-باب قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەش
5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يەر قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.
يەرنىڭ قۇملىشىشى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئىي قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى ۋە قۇم تۇپراقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، قۇم تۇپراقنىڭ ئېچىلىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يەرنىڭ قۇملىشىشى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق پائالىيىتىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى ۋە قۇم تۇپراقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ھەم يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆچمە قۇم ۋە قۇم-تۇپراقنىڭ ئېچىلىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇملاشقان يەر قۇملاشقان يەر ۋە روشەن قۇملىشىش يۈزلىنىشىگە ئىگە يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كونكرېت دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى بېكىتىدۇ.
3-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك :
( 1 ) بىرتۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، رايون ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛
( 2 ) ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش؛
( 3 ) يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش؛
( 4 ) ئېكولوگىيە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش؛
( 5 ) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش؛
( 6 ) دۆلەت قوللاش بىلەن جايلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت تەشكىللەش بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە قاتنىشىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئورۇن، شەخسلەرنى ھۆددە ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛
( 7 ) قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش.
4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى كېرەك.
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىشى، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى قوغدىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك.
دۆلەت قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندا، ھۆكۈمەت مەمۇرىي رەھبەرلىك قىلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى نىشان جاۋابكارلىقىنى سىناش، مۇكاپاتلاش-جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يەر، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتكەن مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بويىچە، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەيدۇ.
6-ماددا يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شۇ يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى ئىشلەتكەن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.
7-ماددا دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتىنى قوللاپ، پەن تەتقىقات تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇمنى تىزگىنلەش مەخسۇس تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، قۇمدىن تىزگىنلەش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.
8-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ؛
ئېكولوگىيە سۈپىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلارغا كاتتا مۇكاپات بېرىش كېرەك.
9-ماددا قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، پۇقرالارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇمنى تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، پۇقرالارنىڭ قۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
2-باب قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى
10-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشتە بىرتۇتاش يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدۇ.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، شۇنىڭدەك قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتە، جەزمەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا يەرنىڭ قۇملىشىش كېڭىيىش يۈزلىنىشىنى توسۇش، قۇملاشقان يەرنىڭ ۋاقىت چېكى، قەدەم-باسقۇچى، تەدبىرى قاتارلىقلارنى تەدرىجىي ئازايتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىشى ھەمدە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بەش يىللىق پىلانى ۋە يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يەر، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن مۇناسىۋەتلىك تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەت تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت؛
تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
12-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، قۇملاشقان يەر جايلاشقان جۇغراپىيەلىك ئورۇن، يەر تىپى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەھۋالى، كىلىمات ۋە سۇ بايلىقى ئەھۋالى، يەرنىڭ قۇملىشىش دەرىجىسى قاتارلىق تەبىئىي شارائىت ۋە ئۇ جارى قىلدۇرغان ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي فۇنكسىيەگە ئاساسەن، قۇملاشقان يەرنى تۈرگە ئايرىپ قوغداش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك.
يىرىك پىلان مەزگىلىدە تۈزەش شارائىتى ھازىرلانمىغان، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېھتىياجى بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولمايدىغان تۇتاش قۇملاشقان يەرلەرنى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ پىلانلاپ، دائىرىلىك قوغداش كېرەك.
قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا بېكىتىلىدۇ.
13-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك؛
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇملاشقان يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
3-باب يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەت يېرىنىڭ قۇملىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ، ئىستاتىستىكا قىلىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ ھەمدە كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى يەرنى قۇملاشتۇرۇشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە قۇملاشقان يەرنى كۆزىتىپ ئۆلچىشى ھەمدە كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورمانچىلىق ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى يەرنىڭ قۇملىشىشىنى كۆزىتىش جەريانىدا، يەرنىڭ قۇملىشىش ياكى قۇملىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشنى توسۇشنى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزەشنى بۇيرۇشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە تەشكىللىشى، مېتېئورولوگىيەلىك قۇرغاق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ئالامەتلىرىنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپەت ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشى ھەمدە ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) كەسپى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشقا تەشكىللەپ، قۇم-بوران زىيىنىدىن ساقلىنىشى ياكى ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.
16-ماددا قۇملاشقان يەر جايلاشقان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى بويىچە، بەلگىلىك نىسبەتتە يەر ئاجرىتىپ بېرىشى، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىشى، كۆپ يىللىق چاتقال ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى، ساقلاش نىسبىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە كونكرېت ۋەزىپىسىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بىر-بىرلەپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
خاراكتېرى يېڭىلانغان كېسىشنى پەرۋىش قىلغاندىن باشقا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى كېسىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.
بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى پەرۋىش قىلىپ يېڭىلاش خاراكتېرىدىكى كېسىشتىن بۇرۇن، يېقىن ئەتراپتا ئۆتۈشمە ئورمان تورى ۋە ئورمان بەلبېغىنى ئالدىن شەكىللەندۈرۈش شەرت.
دەل-دەرەخنى يېڭىلاش قىيىن بولغان رايونلاردىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى كېسىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.
17-ماددا قۇملاشقان يەردە چاتقال، دورا ماتېرىياللىرى ۋە باشقا قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كېسىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېپىنچا ئۆسۈملۈك باشقۇرۇش-ئاسراش تۈزۈمىنى تۈزۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قاتتىق قوغدىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ يېزا ( بازار )، كەنتلەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئاسراش-ئاسراش تەشكىلاتى قۇرۇپ، باشقۇرۇش-ئاسراش خادىملىرىنى بېكىتىشى كېرەك.
قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە تۈرلۈك يەر ھۆددە توختاملىرى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جاۋابكارلىقى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
18-ماددا ئوتلاق رايونىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقان-چارۋىچىلارنى سۈنئىي ئوتلاق قۇرۇشقا يېتەكلەش، تەشكىللەش، چارۋا كۆتۈرۈش مىقدارىنى تىزگىنلەش، چارۋا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش، چارۋىلارنى قوتاندا بېقىش ۋە ئوتلاقتا نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىشنى يولغا قويۇش، ئوتلاقتىكى چاشقان زىيىنى، ھاشارات زىيىنىنى يوقىتىشى كېرەك،
ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداپ، ئوتلاقنىڭ چېكىنىپ كېتىشى ۋە قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئوتلاقتا چارۋا سىغىمچانلىقى ئوت-چۆپ مىقدارىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
چارۋىچىلىق ( چارۋىچىلىق ) مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا بېقىش مىقدارىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە دەرىجىمۇدەرىجە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
19-ماددا قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋادى ۋە رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ۋادى ۋە رايونلارنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تۈزگەندە، پۈتكۈل ۋادى ۋە رايوندىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى شەرت،
يەر ئاستى سۈيى ۋە يۇقىرى ئېقىندىكى سۇ بايلىقىنى زىيادە ئېچىپ پايدىلىنىش سەۋەبىدىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
بۇ يىرىك پىلان ۋە پىلان تەستىقلانغاندىن كېيىن، قەتئىي يولغا قويۇش شەرت.
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشى، سۇ تېجەش تىپىدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.
20-ماددا قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇملۇق گىرۋىكىدىكى جاي ۋە ئورمان يېرى، ئوتلاقتا تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى تەستىقلىسا بولمايدۇ؛
بوز يەر ئېچىلغان ھەمدە ئېكولوگىيەگە ناچار تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشقا پىلانلىق تەشكىللەش كېرەك.
21-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە ئېچىش-قۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇ جاينىڭ ھەم مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىگە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىگە قارىتا ئالدىن مۇھىت تەسىرىنى باھالاپ، قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرى دوكلاتى تاپشۇرۇشى شەرت؛
مۇھىت تەسىرى دوكلاتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
22-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ.
قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىق كۆچۈرۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تېخى كۆچۈپ چىقمىغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى قۇملاشقان يەر يېپىق مۇھاپىزەت رايونى مەسئۇل تارمىقى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.
4-باب قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەش
23-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش-ئوت-چۆپ تېرىش، ئايروپىلان بىلەن ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، قۇمنى دائىرىلەش-ئورمان يېتىشتۈرۈش-ئوت يېتىشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق يۆتكەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تىزگىنلىشى كېرەك.
24-ماددا دۆلەت ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىختىيارى شەرتى ئاستىدا، پۇل ئىئانە قىلىش ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قۇم تىزگىنلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىدىكى قۇم تىزگىنلەش پائالىيىتىگە تۈزەش ئورنى يارىتىپ بېرىشى ۋە ھەقسىز تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشى كېرەك.
ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تېخنىكا تەلىپى بويىچە تۈزۈشى ھەمدە ئۆستۈرگەن ئورمان-ئوتلاقنى باشقىلارغا باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىشقا ھاۋالە قىلسا ياكى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
25-ماددا قۇملىشىپ كەتكەن دۆلەت يېرىنى ئىشلەتكۈچى ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ، يەر سۈپىتىنى ياخشىلىشى شەرت؛
ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقەتەن ئىقتىدارى بولمىسا، باشقىلارغا ئىدارە قىلىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىدارە قىلسا بولىدۇ.
ھاۋالە قىلغان ياكى ھەمكارلىشىپ تۈزەشتە كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، تېخنىكا كېڭەيتىش ئورۇنلىرى يەر ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش پائالىيىتىگە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشى كېرەك.
تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش ياكى دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش تەدبىرى قوللىنىپ قۇمنى تىزگىنلىگەن يەر ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
26-ماددا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر پايدا ئالىدىغان قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئاۋۋال يەر ئىگىسى ياكى ئىشلەتكۈچى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئېرىشىشى كېرەك.
تۈزەش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۈزەش تۈرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تۈزەش ئىلتىماسى سۇنۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك :
( 1 ) ئىدارە قىلىنىدىغان يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپات ھۆججىتى ۋە ئىدارە قىلىش كېلىشىمى :
( 2 ) قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تىزگىنلەش لايىھەسى؛
( 3 ) تۈزەشكە كېرەكلىك مەبلەغ ئىسپاتى.
27-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 26-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدا ئېيتىلغان تۈزەش لايىھەسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :
( 1 ) ئىدارە قىلىش دائىرىسى، چەك-چېگراسى؛
( 2 ) باسقۇچقا بۆلۈپ تۈزەش نىشانى ۋە تۈزەش مۇددىتى؛
( 3 ) ئاساسلىق تۈزەش تەدبىرلىرى؛
( 4 ) شۇ جايدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان سۇ ئىشلىتىش مەنبەسى ۋە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى كۆرسەتكۈچى؛
( 5 ) تۈزەلگەندىن كېيىنكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش-ئاسراش تەدبىرلىرى؛
( 6 ) ئېنىق يېزىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
28-ماددا پايدا ئالىدىغان قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۈزەش لايىھەسى بويىچە تۈزەش شەرت.
دۆلەت قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
ئىدارە قىلغۇچى قانۇنلۇق يەر ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن ئىدارە قىلىش دائىرىسىدە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىدارە قىلىش ياكى ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
29-ماددا ئىدارە قىلغۇچى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىدارە قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ئىدارە قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئىدارە قىلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپات ھۆججىتى بېرىشى كېرەك؛
تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىنى ئىدارە قىلغۇچىلار داۋاملىق ئىدارە قىلىشى كېرەك.
30-ماددا قۇملىشىپ كەتكەن يەر دائىرىسىدىكى تۆمۈريول، تاشيول، دەريا ئېقىنى ۋە ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپى، شەھەر-بازار، كەنت، زاۋۇت-كان ۋە سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا ئورۇن تۈزەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزەش مەسئۇلىيەتنامىسى چۈشۈرىدۇ، مەسئۇل ئورۇن ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ تېرىشقا تەشكىللەيدۇ ياكى باشقا تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.
31-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىختىيارلىقىنى شەرت قىلىش ئاساسىدا، قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى مەركەزلىك تۈزەشكە تەشكىللىسە بولىدۇ.
يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى سالغان مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىدارە قىلىش تۈرىنىڭ پېيى، دەسمايىسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقىمۇ، باشقا شەكىللەر بىلەن تولۇقلىما بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى
32-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە قۇملاشقان يەر بار رايوندىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈر خامچوتى ئارقىلىق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشى كېرەك.
نامراتلارنى يۆلەش، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يول، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈرىدىن بىرقانچىنى تەسىس قىلىش كېرەك.
33-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېتىبار سىياسەت تۈزۈپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە قۇمنى تىزگىنلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش كۆلىمى ۋە قىيىنلىق-ئاسانلىق دەرىجىسىگە قاراپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، شۇنىڭدەك باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
ئورۇن ۋە شەخسلەر مەبلەغ سېلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلەنگەن، قۇمنى تىزگىنلىگەن بولسا، مەبلەغ سېلىش باسقۇچىدا تۈرلۈك باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
مۇئەييەن پايدا ئالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك باجنى كەچۈرۈم قىلىشقا ياكى كېمەيتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.
34-ماددا قۇملىشىپ كەتكەن دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىپ قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقى بىلەن، 70 يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
كونكرېت مۇددىتى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
قۇملىشىپ كەتكەن كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئىشلىتىپ قۇمنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، تىزگىنلىگۈچى يەر ئىگىسى بىلەن يەر ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالىشى كېرەك.
كونكرېت ھۆددە مۇددىتى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ باشقا ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ھۆددە توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ يەر ھۆددە توختامىدا قانۇن بويىچە پۈتۈشىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە يەر ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئاساسەن تىزگىنلىگۈچىگە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىپ، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىگۈچىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
35-ماددا ئېكولوگىيەنى قوغداش ئالاھىدە تەلىپى بىلەن، تۈزەلگەندىن كېيىنكى يەرنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ياكى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ ئايرىپ بېرىشنى تەستىقلاتقاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان تىزگىنلىگۈچىگە مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
36-ماددا دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ تەسىس قىلىدۇ،
ھەمدە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇملۇق رايون ئېنېرگىيەسى، قۇملۇقتا ئۆسىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەر، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملۇق يەردە بىنەم دېھقانچىلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشكە مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىلىدۇ.
37-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ.
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
38-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى بۇزۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) كەسپى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
39-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانماي، يەرنى ئېغىر دەرىجىدە قۇملاشتۇرۇۋەتكەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق ( چارۋىچىلىق ) كەسپى، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەشكە بۇيرۇيدۇ؛
دۆلەت يېرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.
40-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك قۇم تىزگىنلەش ھەرىكىتى قىلىپ، يەرنىڭ قۇملىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك قۇمنى تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ھەر گېكتارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
41-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈزەش لايىھەسى بويىچە تۈزەلمىگەن ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ.تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان ھەم تەلەپ بويىچە داۋاملىق تۈزەلمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،
قوشۇمچە تۈزەش خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانىسىگە باراۋەر كەلسە بولىدۇ.
42-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنى تۈزەش دائىرىسىدە تۈزەش ياكى ئېچىپ پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛
ئىدارە قىلغۇچىغا زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
43-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەۋاتقان ئورنى، رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ :
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرنىڭ قۇملىشىپ كەتكەنلىكى ياكى قۇملىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغانلار ياكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇمىغانلار؛
( 2 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغىنى كېسىشنى تەستىقلىغانلار؛
( 3 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى جاي ۋە ئورمان يېرى، ئوتلاقتا تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى تەستىقلىغانلار؛
( 4 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىگە ئاھالىنى ئورۇنلاشتۇرغانلار؛
( 5 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئېلىپ بارغانلار.
44-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارغا بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
45-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
46-ماددا بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ئېيتىلغان مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا پارتىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى»ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مېتېئورولوگىيە قانۇنى»نى كۆرسىتىدۇ.
47-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.